查看完整版本: [-- ئەسلىمە قىينايدۇ ئازاپلىق دىلنى(ئوتقاشئەرقۇتى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئەسلىمە قىينايدۇ ئازاپلىق دىلنى(ئوتقاشئەرقۇتى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-20 16:00
مۇڭ بېرەر قەلبىمگە جىمجىت كىچىلەر ،
روھىمدىن ئىزدەيمەن گۈزەل ھەقىقەت .
يۈرىكىم چارچايدۇ، قىلىپ جىق خىيال،
قاياققا قاچقاندۇ  تۇنجى مۇھەببەت.

كۈڭلۇمدىن قاچىدۇ ،يىراق -يىراققا ،
ئەزگۈ بىر تىلەكنىڭ ئاجىز خوشلىقى .
ھەرتۈندەسانايمەن ،يۇلتۇز تۈگىمەس،
ھەجەپمۇ  بىلىندى يارنىڭ يوقلىقى.

يۇلتۇزمۇ سىربەرمەس،مىسكىن كۈڭۈلگە،
قەدىمى شەھەردە يۇرىمەن پىنھان .
قەلبىمدىن ئاقىدۇ ئاچچىق بىرئازاپ ،
ئۇنتۇشقابولىمىدى يۇرەكتە ئىمكان.

ئەسلىمە قىينايدۇ ئازاپلىق دىلنى،
كەلگۈسى قىيدىغان باقمايدۇ ماڭا ،
خۇشاللىق ئېزىقىپ كەتكەن يىراققا ،
قاچانلار شوخ بېقىپ كىلىدۇ  يانا.

ئوتقاشئەرقۇتى
شەھىرى قەشقەر

2004-يىلى3-ئاينىڭ20-كۈنى

ئەكبەرنىياز 2013-06-20 18:05
ياشا بۇرادەر ، ياخشى چىقىپتۇ ! ياشىسۇن ئىزچىللىق !!!

ak gul 2013-06-21 09:12
بۇ شېئىرىڭىز ئادەمنى تۈگىمەس مۇڭ قوينىغا باشلاپ كىردى.تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ.

تۆتتاش 2013-06-21 11:18
بۇرادىرىم ئىككى كۈن بولدى مەن بۇ شېئىرىڭىزنى ئۇقۇمۇسام بولمايدىغان  بوپ قالدىم دىسە.
ھەجەپ ياخشى  يىزىپسىز

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-21 14:26
كۆپچىلىككە بىر ئاز تەسىر قىلغان بولسا مەن شۇنىڭغا رازى ،رەھمەت تەۋپىقداشلىرىم     

gulhan 2013-06-21 20:17
قەلىمىڭزگە بارىكاللا!
يەنىمۇ بەركەت تىلەيمەن.
«يۇلتۇزمۇ سىربەرمەس،مىسكىن كۈڭۈلگە،
قەدىمى شەھەردە يۇرىمەن پىنھان .
قەلبىمدىن ئاقىدۇ ئاچچىق بىرئازاپ ،
ئۇنتۇشقابولىمىدى يۇرەكتە ئىمكان.»
بۇ مىسرالىرىڭىزنى ياقتۇردۇم.

ئايبىكە 2013-06-21 20:40
«ئۇنتۇش ئۈچۈن يازغان شېئىرنىڭ،
ئەسلىمىدۇر تۇنجى مىسراسى.»


查看完整版本: [-- ئەسلىمە قىينايدۇ ئازاپلىق دىلنى(ئوتقاشئەرقۇتى ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us