ھىجرانلىرىڭ لىپمۇ – لىق دىلدا
سەن قەلبىمدە پارلىغان قۇياش ...
قۇياش چىقسا سەھەر ئۇپۇقتىن ،
تەلمۈرىدۇ مىسكىن ئۈمىدىم .
يوللىرىدا ۋېسال دەملەرنىڭ ،
ۋادەرىخا،بىررەت كۈلمىدىم . سەن كۆزۈمدىن سىرغىپ چىققان ياش ...
شىۋىرلايدۇ كارىزسۇلىرى، يالقۇنتاغنىڭ دەردىنى بىلىپ.
نازىركومغا دەسسەيدۇ ھىجران ،
مەن ئاشىقنىڭ جېنىنى ئېلىپ
سەن يۈرەككە ئېسىلغان قاشتاش ...
تۈن تىۋشى كەلسە باستۇرۇپ ،
دېمىق ئارمان يۇلتۇز سانايدۇ .
ھىجرانلىرىڭ لىپمۇ-لىق دىلدا ،
ۋېسال ئىزدەپ كۆزۈم قانايدۇ .
سەن ھازىرىمدا نىسى قالغان ئاش ...
سالام يېزىپ ئاينىڭ كۆكسىگە،
ئەۋەتمەكنى ئەيلىدىم خىيال .
يەنە جىمجىت ئۆتسە بۇ كېچە ، مەن ئاشىققا بولمامدۇ ئۇۋال . سەن ئەتەمگە مۇقەددەس ئالداش ... 2013-يىل 6-ئاينىڭ 19-كۈنى . لۈكچۈن . مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم . |