查看完整版本: [-- جەۋھەرلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> جەۋھەرلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-19 12:45
ئىشچان ھەرىدىن ھەسەل،يىلاندىن زەھەر ھاسىل بولغىنىغا ئوخشاش،راستچىللىقتىن پايدا،خىيانەتتىن زىيان ھاسىل بولۇر.ياراتقۇچى ئىگەم سادىقلارنى سۆيەر،يالغانچىلارنى سۆيمەس.ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا راستچىل گاداي يالغانچى بايدىن ياخشىراقتۇر.چۈنكى ساداقەتمەن كىشى ئەھدىگە ۋاپا قىلىدۇ.يالغانچى بولسا ۋەدىسىدە تۇرماي ئۆزىنى خىجالەت ،باشقىلارنى ئۇسال قىلىدۇ.



مەنبە:«باھادىرنامە»رومانى

ئەكبەرنىياز 2013-06-19 19:44
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ئايبىكە 2013-06-19 23:30
كىلاسسىكلارنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-22 17:10
رەخمەت روماننى داۋاملىق ئوقۇۋاتىمەن،مۇشۇنداق جۈملىلەرنى ئۇچراتسام يەنە يوللايمەن

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-22 23:32
تىل-دىلنىڭ ئەلچىسى،تىلى بۆلۈنمىگەن قوۋمنىڭ دىلىنى زىنھار بۆلۈپ بولماس.بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق چىگرا -توساقلار ئامالسىزدۇر.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:02
دەپنە-دۇنيا بۇ ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە ھېچكىمگە ۋاپا قىلغان ئەمەس،بىر ۋاقلىق جانغا ئارام بېغىشلىغۇچى ئوزۇقنىڭ دەسمايىسى بولغان ئىككى تەڭگە پۇل ئىنساننىڭ شەۋكىتىگە ھېچقاچان جۇلا بولالماس.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:03
ئۆز تەسەرۇپىنى زالىم بىر ھۆكۈمدارنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلىشمۇ ھەقىقىي يېگىتنىڭ بۇرچى،پەزىلىتىدۇر.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:05
ئۆز ئېلىنى يات ئەللەرنىڭ تەئەرۇزىدىن قوغدىماي تاجۇ-تەخىت غېمىدە بولۇش ھەقىقىي باھادىرلارنىڭ پەزىلىتى ئەمەس.غۇرۇرىنى پايخان قىلىش بەدىلىگە باشقا كىيگەن تاج ھۆكۈمدارلارغا ھارامدۇر.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:05
دۈشمەن بىلەن بوستان-چىمەندە بولغاندىن كۆرە،دوستلار بىلەن كىشەندە بولغان ئەۋزەل.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:07
رەقىپ ئاجىز،زەئىپ ۋاقتىدا جەڭگە ئۈندەش نامەردلىكتۇر.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:07
باتۇرلۇق ئوقىنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا دەل تېگىدۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:08
شىرغا خىرىس قىلىش ۋە قىلىچقا مۇشت ئېتىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:10
مەرتىۋىنى پەش قىلىپ زىنھار كېرىلگۈلۈك ئەمەس،چۈنكى كېرىلىش كېبىر پەيدا قىلىدۇ.كىبىر كەچۈرگۈسىىز گۇناھتۇر.

ئەكبەرنىياز 2013-06-23 18:11
ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ئىلھام ۋە ئۆتكۈرلۈكىگە ئاپىرىن !!! داۋاملىق ئالغا !!!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:12
بىر كۈنلۈك ئەدلى-ئادالەت ئاتمىش يىللىق ئىبادەتكە باراۋەردۇر.ئىنسان ياشىمىقى كېرەككى ،ئۆلگەندىن كېيىنمۇ كىشىلەر خەيىر بىلەن تاد ئېتىدىغان ،كەينىدىن لەنەتلىمەيدىغان بولسۇن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:13
ئىنسان ئالدىراقسان،بىپەرۋا ھالەتتە مەقسەت مەنزىلىگە قەدەم باسسا ھالەك بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:14
ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلمىغان مۇددىئانىڭ ئۇلى بوش،لېيى خام بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق مۇددىئالار ئۈچۈن قەھرىمانلىق كۆرسىتىش بىھاجەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:16
بۇلۇت ئاسماندىن ئابىھايات تۆكسىمۇ تال سۆگەتتىن ھەرگىز مىۋە چۈشمەيدۇ،بىراق ھەم شىكەر ئالغىلى بولمايدۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:22
ئىنساننىڭ ئۆمرى دەريا سۈيىگە ئوخشايدىكەن ،دەريا سۈيى بىردە ئۇلغىيىپ،كەلكۈن ياساپ ھەيۋە كۆرسەتسە ،ئۇلغايغان ئېقىنلىرى بىلەن قاغجىرىغان زېمىننى سۇغۇرۇپ،تەڭرىنىڭ مۆجىزىلىرى بولمىش بارچە مەۋجۇداتلارغا ھاياتلىق بېغىشلىسا ،بىردە تارتىلىپ،ئۆزئوقىدا غايىپ بولىدىكەن.سۈر-ھەيۋىسىدىن نىشانە قالمايدىكەن.قاغجىرىغان مەۋجۇداتلارنى سۇغۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن قىرغاقلاردىكى گىياھلارنىڭمۇ تەشنالىقىنى قاندۇرالمايدىكەن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:23
ھۆكۈمدارلار ئۈچۈن ياخشى نامنىڭ تارىلىشىمۇ نۇسرەتتۇر.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:24
كىشىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ھەرقانداق بالايى-ئاپەت تىلىدىن كېلىدۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-23 18:28
مىھرىبان،شەپقەتلىك بولۇش موسۇلماندارچىلىقنىڭ بەلگىسى.شەپقەتسىزدىن مېھىر ،نامەردتىن ۋاپا تىلەش خۇددى سۆگەتتىن ئامۇت تىلىگەندەكلا بىر ئىش،يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ چىشىنى يۇلىۋەتكەندىنمۇ بەتتەر ئازاپلىق.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-24 12:14
يامانلارغاياخشىلىق ۋە كەرەم-ياخشىلارغا زەرەر ۋە ئەلەمدۇر.مۈشۈككە رىئايەت(ئېتىبار قىلماق)،كەپتەرگە ئاپەتتۇر.تۈلكىنىڭ تەرىپىنى ئېلىش تاۋۇق(توخۇ)تۇخۇمىنى قۇرىتىۋېتىش دىمەكتۇر.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-24 12:24
غەيۋەتخور ،پىتنە-پاساتچىلار  تاپ يەيدىغان قۇرتلارغا  ئوخشايدۇ.ھەركىم ئۆزىدە ئادىمىيلىك سالاھىيەت بارلىقىغا ئىشەنىچ قىلالىسا ئول قۇرتلارغا ئوخشاش تاپ يېيىشتىن ھەزەر ئەيلىمىكى زۆرۈر.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-24 12:29
غەزەپ پەقەت بىر قېتىملىق ھاياجاندۇر.ئۇ پەقەت ئېگىلگەن ياكى ئېگىلمىگەن باشنى كېسىشكىلا قادىردۇر.مىھرى-شەپقەت،ئەپۇ بولسا قۇياش كەبى تەپتى بىلەن كۆڭۈل مەملىكىتنى ئىشغال قىلىپ،ھەرقانداق تەكەببۇر باشلارنىمۇ ئېگىشكە ،بىر ئۆمۈر ساداقەت بىلدۈرۈشكە قادىردۇر.

ئەكبەرنىياز 2013-06-24 13:04
قەتئىي توختاپ قالماڭ ئەنۋەر مۇئەللىم ، مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسىڭىز ئاز كۈندىلا ئېسىل توپلامدىن بىر پۈتىدىكەن !!!

ئىشەنچ 2013-06-24 16:36
مەن باھادىرنامىنى تىخى تولۇق ئوقۇپ باقمىدىم ، لىكىن ياخشى تەرىپىنى كۆپ ئاڭلىدىم.....

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-24 18:12
«باھادىرنامە»ھەقىقەتەن بولىدىغان ئېسىل رومان ئىكەن.


查看完整版本: [-- جەۋھەرلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us