查看完整版本: [-- ئايالنىڭ بۇرچى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئايالنىڭ بۇرچى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەبنەم 2013-06-18 16:42
 
      
مەن ئايال ، مەن ئانا قىزىمغا ئۇستاز ،
مەن ئايال ،يولدىشىم غورۇرى ،بەختى .
مەن بىلەن ۋولقاندەك قىزىسا ئۆيۈم ،
تائەبەت كۆيۈشكە قىلىمەن ئەھدى .

                                          پەرزەنتىم مېھرىمدىن شادلانسا ،كۈلسە  ،
                                           تەربىيەم ،ئەجىرىمدىن ،كۆكەرسە ،ئۈنسە .
                                          مەن ئەتكەن غىزادىن يايراپ تەنلىرى ،
                                          ئىستىقبال كۆكىدە ئالغا ئىنتىلسە .

مۇھەببەت ،ساداقەت ،ۋاپا ،ھۆرمىتىم ،
جۆرىمنى چىڭ چىرماپ ئىشقىمنى سالسا.
چىن ئاشىق بولسا ئۇ خۇددى پەرھاتتەك ،
رازىمەن ئەزىرائىل جېنىمنى ئالسا.

                                       پەرزەنتىم ،جۆرۈمنىڭ شادلىغى ئۈچۈن ،
                                      كىرىشكە تەييارمەن ۋەيلۇن دوزاققا .
                                       ئائىلەم مەن ئۈچۈن مۇقەددەس ماكان ،
                                      چۈشمەيمەن ھەر ۋاقىت ئازغۇن توزاققا . 

ئەكبەرنىياز 2013-06-18 18:59
بۇ لېرىكىڭىزمۇ ئېسىل چىقىپتۇ ! ئىلھاملىرىڭىزغا مىڭلارچە ئىلھام يار بولغاي !!!
كىچىككىنە تەكلىپ :
شىئېرىڭىزنىڭ بىرىنچى مىسراسى بەكلا ئوبرازلىق چىقىپتىكەن ، شۇنىلا ماۋزو قىلىپ باقامسىز -يە !؟

ئايبىكە 2013-06-18 23:16
روھىڭىزغا قۇۋۋەت،قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن.

nadiraay 2013-06-19 11:53
ئاياللارمۇ ئاياللىق بۇرچىنى، ئەرلەرمۇ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماي تولۇق ئادا قىلىپ ماڭسا ،  ئۇلارنىڭ بەختىگە كىم قارا قولىنى سوزالىسۇن؟
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز ھارماڭ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-19 12:03
مۇھەببەت ،ساداقەت ،ۋاپا ،ھۆرمىتىم ،
جۆرىمنى چىڭ چىرماپ ئىشقىمنى سالسا.
چىن ئاشىق بولسا ئۇ خۇددى پەرھاتتەك ،
رازىمەن ئەزىرائىل جېنىمنى ئالسا.

ھەقىقىي ئاياللارنىڭ چىن ئىخلاسى بىلەن ئېيىتلغان يۈرەك سادالىرى ئىكەن.

شەبنەم 2013-06-19 17:33
مەن شېئىردىكى ئومۇمىي ئىدىيەنىلا ماۋزۇ قىلىپ تاللاپتىمەن ،1-مىسىرانى ماۋزۇ قىلىشنى ئويلىغان ئەمما سالمىغى يەڭگىل بولۇپ قالغۇدەك . مۇنبەرداشلار مەن بىر نوقتىنى چۇشەنمىدىم ،ئىجادىيەتلەر ئىچىدىكى قاندىقى تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى شەرتىگە توشىدۇ؟

ئىشەنچ 2013-06-19 17:36
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، رەھمەت سىزگە .

gulhan 2013-06-19 22:52
نادىر لېرىكىڭىز ئۈزۈلمىگەي!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-21 00:37
ياخشى يېزىپسىز ! مەزمونىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم !

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-21 22:45
مۇھەببەت ،ساداقەت ،ۋاپا ،ھۆرمىتىم ،
جۆرىمنى چىڭ چىرماپ ئىشقىمنى سالسا.
چىن ئاشىق بولسا ئۇ خۇددى پەرھاتتەك ،
رازىمەن ئەزىرائىل جېنىمنى ئالسا.

نىمە دىگەن مەزمۇنلۇق لىرىكىلار بۇ

مېھمان 2013-06-22 01:35
ئانا قابىل ئۇستاز،سىزدەك پەخىرلىك ئاياللىرىمىز يەنە قانچىلىكتۇر...؟

ئەكبەرنىياز 2013-06-22 02:08
مېنىڭچە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەڭ قىيىن سانىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدىكى تېمىلارغۇ دەيمەن ! باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرى قانداقكىن ؟!

ئەكبەرنىياز 2013-07-04 13:44
مەندىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە دېمەپتىغۇ !؟  

gulhan 2013-07-04 18:24
  شۇنداق، ئەكبەرجان. ئەگەر ھەممە ئايال ئاياللىق بۇرچىنى ، ھەممە ئەر ئەرلىك بۇرچىنى بىلگەن بولسا بۇ دۇنيا جەننەتكە ئايلىنارمىكىن دەيمەن.  شۇنداقتىمۇ ئائىلىسىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۋاتقان كۆرمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
  

ئايبىكە 2013-07-05 09:17
مەجبورىيەت ھەم مەسئولىيەت ئارىلىقىدا يۈرگەن قىز-ئاياللىرمىزنىڭ ئەجرىنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-17 12:43
شۇنداق، ئەكبەرجان. ئەگەر ھەممە ئايال ئاياللىق بۇرچىنى ، ھەممە ئەر ئەرلىك بۇرچىنى بىلگەن بولسا بۇ دۇنيا جەننەتكە ئايلىنارمىكىن دەيمەن.  شۇنداقتىمۇ ئائىلىسىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۋاتقان كۆرمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

ئايبىكە 2013-07-17 16:17
شەبنەم،مۇنبىرىمىزدىن يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ؟

dilrus 2013-07-18 19:25
رەھمەت سىزگە ئاياللىق بۇرچۇمنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمگە سالدىڭىز .
ئانا،نېمە دېگەن ئۇلۇغ بۇرۇچ ھەم مەسئۇلىيەت -ھە .ئانا بولغۇنۇمدىن مىڭلارچە شۇكۇر .داۋاملىق تىرشىمەن.


查看完整版本: [-- ئايالنىڭ بۇرچى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us