查看完整版本: [-- تارىختىن تامچە(3)               --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> تارىختىن تامچە(3)               [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursungul 2013-06-11 16:35
 تارىخىي شەخىسلەر ۋە تارىخىي خانلىقلار
1.  ئاتتىللاخان كىم؟
 ئاتتىلاخان 405-453-يىللاردا ياشىغان قەدىمقى ھونلارنىڭ ھەربىي سەركەردىسى.ئۇ 5-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا  ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلىپ،غەربىي رىم ئېمپىريىسىگە كۆچۈپ كىرىپ ياۋرۇپا  ھون ئېمپىريىسىگە 433-يىلدىن 553-يىللارغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.ئاتىللانىڭ نامى  خەنزۇچە –ئۇيغۇرچە ھەربىي ئىشلار ئاتالغۇلار لۇغىتىگە كىرگۈزۈلگەن .
 
2.ئاپاق غوجا كىم؟
ئاپاق غوجا 1626-يىلىدىن 1694-يىللارغىچە ياشىغان.  شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ تارقالغان سوفىزىم  ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولغان بۇ جاھالەتپەرەس ئىشاننىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا  بولۇپ، 1626-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان.1638-يىلى دادىسى خوجامۇھەممەت  يۈسۈپ بىلەن  قەشقەرگە كەلگەن.
1678-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ،يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ئۆزى ئالتە شەھەرگە قورچاق خان بولغان .1694-يىلى ئېسھاق ۋەلى گوروھى تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
 
3.ئەبۇ ناسىر سامانىي كىم؟
ئەبۇ ناسىر سامانىي 883-يىلىدىن 953-يىللارغىچە ياشىغان . سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد پادىشاھى ئەھمەت بىن ئىسمائىلنىڭ ئوغلى .ئۇ 914-يىلى دادىسى ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن  مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.932-يىلى قەشقەرگە كېلىپ  سۇتۇق بۇغرا تېگىننى  ئىسلام دىننىغا دەۋەت قىلغان.
 
4. ئەبۇلغازى باھادىرخان كىم؟
ئەبۇل غازى باھادىرخان 1603-يىلىدىن 1662-يىللارغىچە ياشىغان تارىخچى ۋە ئەدىب.ئۇ 1603-يىلى ئۈرگەچتە تۇغۇلغان ،23يىل  خېۋەخانى بولغان.ئۇنىڭ ‹‹شەجەرى تۈرك ››ناملىق مەشھۇر ئەسىرى بار.
 
5. بابورىيلەر سۇلالىسى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟
بابورىيلەر سۇلالىسى  1526-يىلىدىن 1761-يىلىغىچە  مەۋجۇت بولغان بۇ خانلىق تۆمۈرۈيلەر ئەۋلادلىرىدىن بولغان زاھىرىددىن  مۇھەممەت بابۇر تەرىپىدىن  ھىندىستاندىكى دېھلىيدە قۇرۇلغان بولۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا  زور تارىخىي رولىنى جارى قىلدۇرغان.
بۇ خانلىق تارىختا ‹‹ھىندىستاندىكى موغۇل ئېمپىريىسى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
 
 6.تاتاتۇڭا كىم؟
تاتاتۇڭا 13-ئەسىردە ياشىغان قوچۇلۇق ئالىم بولۇپ ،ئۇ نايمان شاھى تايانخانغا مۆھۈردار بولغان.تاتاتۇڭا كېيىن چىڭگىزخان ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىللەردە ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل شاھزادىلىرىگە ئۈگىتىپ ،بۇ يېزىق ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان .
 
7.تۆمۈرۈيلەر سۇلالىسى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟
تۆمۈرۈيلەر سۇلالىسى 1370-يىلىدىن 1507-يىلىغىچە  مەۋجۇت بولغان .
1363-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۆلگەندىن كېيىن  چاغاتاي ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدا  تەخىت تالىشىش ۋە بۆلۈنۈش ئەۋجىگە ئالدى.1370-يىلى ئاقساق تۆمۈر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  بەلىخ شەھىرىنى ئىگەنلەپ ،كىيىن ماۋەرائۇننەھىر ،تاشكەنت،پەرغانە زىمىنلىرىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغان ھالدا  فېئۇدال خانلىق ــــ تۆمۈرۈيلەر سۇلالىسىنى قۇرغان. بۇ خانلىق 1507-يىلى ئۆزبىك خانى شەيبانىخان تەرىپىدىن  مۇنقەرز قىلىنغان.
 
8.تۇغلۇق تۆمۈرخان كىم؟
تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 7-ئەۋلاد تەخت ۋارىسى بولۇپ،مىلالىدىيە 1329-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ 1347-يىلىدىن1367-يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان .1364-يىلى ۋاپات بولغان .ئۇنىڭ مازىرى قورغاس ناھىيە بازىرىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتا.
 
9.چاغاتايخان كىم؟
چاغاتايخان چىڭگىزخاننىڭ 2-ئوغلى بولۇپ ،1227-يىلى چىڭگىزخان ئۇنىڭغا ماۋەرائۈننەھىر ،ئىسسىق كۆل ئەتراپى،چۇ ۋە ئېلى ۋادىسى ،پەرغانە،بەدەخشان يايلىقى قاتارلىق جايلارنى بۆلۈپ بەرگەن.ئۇ بۇ جايلارغا 14يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ 1241-يىلى ۋاپات بولغان.
 
10.چاغاتاي خانلىقى توغرىسىدا  نېمىلەرنى بىلىسىز؟
چاغاتاي خانلىقى 1225-يىلىدىن  1368-يىلىغىچە  دەۋر سۈرگەن.8-ئەسىرنىڭ بېشىدا موڭغۇل ئاتامانى تېمۇرچىن تارقاق موڭغۇل قەبىلىرىنى  بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،تاتاركۈرەي ،ئۇنغۇت،نايمان قەبىلىرىنى  بوي سۇندۇرۇپ 1206-يىلى ئۆزىنى ‹‹چىڭگىزخان››دەپ ئاتىدى.چىڭگىزخان 1227-يىلى ئۆزى ئىستىلا قىلغان زىمىنلارنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى. ئۇ 2-ئوغلى چاغاتايغا ئىلى دەريا ۋادىلىرىدىن ئامۇ دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان  كەڭ زىمىنلارنى بۆلۈپ بەردى.ئۇنىڭ مەركىزى ئالمالىق بولۇپ ،چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ رايونلار ‹‹ چاغاتاي ئولۇسى››ياكى ‹‹چاغاتاي خانلىقى ›› دەپ ئاتالغان.
 
 11.ئابباسىيلار سۇلالىسى قاچان قۇرۇلغان؟
ئابباسىيلار سۇلالىسى 750-يىلى قۇرۇلۇپ 1258-يىلىغىچە دەۋران سۈرگەن .بۇ ئەرەب ئىسلام خەلىپىلىكى بولۇپ ،تارىختا  بەش ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن.ئۇنىڭغا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ  تاغىسىنىڭ ئەۋلادى بولغان ئەبۇل ئابباس ئاساس سالغان.ئۇنىڭ مەركىزى باغدات بولۇپ،بۇ دەۋردە ،ئۇ غەرب بىلەن يىراق  شەرقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ھەمدە ئۇ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيەت،ئىقتىساد ۋە دىننىي  مەركىزى بولغان.
 
12.ئەبۇرەيھان بىرونى كىم؟
ئەبۇرەيھان بىرونى 10 -11-ئەسىرلەردە ياشىغان  ئالىم ۋە ئەدىب. ئۇ 973-يىلى خارەزمنىڭ  مەركىزى قىئات شەھىرىنىڭ بىرون يېزىسىدا تۇغۇلغان.995-يىلىدىن كېيىن  جۇرجان ئەمىرى شەمسۇل مەئالى قابۇس سارىيىدا خىزمەت قىلغان.1048-يىلى سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھامىيلىقىدىكى خەزىنە  شەھىرىدە ۋاپات بولغان.ئۇ ئۆز ھاياتىدا ‹‹ئۆتمۈش ئەۋلادلىرىدىن قالغان يادىكارلىق››،‹‹يۇلتۇزلار ئىلىمىگە مۇقەددىمە››،‹‹خارەزم تارىخى›› قاتارلىق كۆپلىگەن يىرىك ئەسەرلەرنى  ۋە نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى ياغان. بىرونى ئىجادىيىتى ئوتتۇرا ئەسىر مۇسۇلمان شەرق مەدەنىيىتىدە  مۇھىم رول ئوينايدۇ.
 
13.پېرسىيە ئېمپىريىسى كىم تەرىپىدىن تارمار  قىلىنغان؟
.پېرسىيە ئېمپىريىسى تارىختا ‹‹پارىس ئىمپېرىيىسى››ياكى ‹‹ئەھمانىيلار سۇلالىسى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىمپېريە مىلادىيىدىن ئىلگىركى 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پارىس قەبىلىلىرىنىڭ  باشلىقى كۇرۇسنىڭ ئىران قەبىلىلىرىنى  بىرلىككە كەلتۈرۈشى ئاساسىدا  قۇرۇلغان.بۇ ئىمپېريىنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى  300-يىللىرى ئىسكەندەر قوشۇنلىرى تارمار قىلغان.
 
14.تاڭ سۇلالىسى قاچان قۇرۇلغان؟
تاڭ سۇلالىسىنى 618-يىلى لى يۈەن  سۈي سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا چاڭئەننى پەيتەخت  قىلىپ قۇرغان. بۇ خانلىق 907-يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
 
15.تۈمەن تەڭرىقۇت كىم؟
تۈمەن تەڭرىقۇت  مىلادىيىدىن  بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ئۆتكەن ھونلارنىڭ خاقانى  بولۇپ،ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى ۋاپات بولغان.
 
16.ئاقساق تۆمۈر كىم؟(تۆمۈرلەن)
ئاقساق تۆمۈر يەنى تۆمۈرلەن 1336-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدە ،شەرقىي چاغاتاي خانلىقىغا قاراشلىق سەبىز  شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان.كېيىن تۇغلۇق تۆمۈرخان  ئاقساق تۆمۈرنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلغان.تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ،ئۇ ئۆزى مۇستەقىل بولۇۋىلىپ  تۆمۈرىيلەر  سۇلالىسىنى قۇرغان.1405-يىلى ۋاپات بولغان.
 
17.چىڭگىزخان كىم؟
ئىمپېراتۇر چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى ئىسمى تېمۇرچىن بولۇپ ،1156-يىلى تۇغۇلغان .1202-يىلى تاتار ۋە باشقا قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغان. 1204-يىلى نايمان قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرغان .1206-يىلى موڭغۇللارنىڭ خانى بولۇپ ،كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە نۇرغۇن  جايلارنى ئىگىلىگەن.1227-يىلى ۋاپات بولغان.
 
18.چىڭ سۇلالىسى قاچان قۇرۇلغان؟
چىڭ سۇلالىسى 1636-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالدىكى مانجۇلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان.كېيىنچە ئۇ جوڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ،تارىختىكى چوڭ فېئۇدال خانلىققا ئايلانغان. بۇ سۇلالە 1759-يىلى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.1911-يىلى جۇڭخۇا مىنگو تەرىپىدىن ئەئاغدۇرۇلغان.
 
 19.چىن سۇلالىسى كىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان؟
چىن سۇلالىسى مىلادىيىدىن ئاۋالقى 221-يىلى چىن شىخۇاڭ تەرىپىدىن چاڭئەندە قۇرۇلغان. بۇ فېئۇدال چوڭ خانلىق كېيىنكى مەزگىللەردە دېھقانلار قوزغۇلىڭى جەريانىدا   امىلادىيىدىن ئاۋالقى206-يىلى لىيۇباڭ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان ۋە ئورنىغا خەن سۇلالىسى قۇرۇلغان.
 
20.سۇتۇق بۇغراخان كىم؟
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (ئابدۇلكەرىمخان)قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد خانى بولۇپ ، ئۇ 942-يىلىدىن 956-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان.    سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان  دەۋرىدە  ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتى مىسلىسىز گۈللىنىشكە ئىگە بولغان.
 
21.سۈي سۇلالىسى قاچان قۇرۇلغان؟
سۈي سۇلالىسى مىلادىيە 581-يىلى  ياڭ جىيەن  تەرىپىدىن چاڭئەندە  قۇرۇلغان.618-يىلى لى يۈەن ،لى شىمىنلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ  تاشلانغان. ئورنىغا تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان.
 
 22.قاراخانىيلار سۇلالىسى قاچان قۇرۇلغان؟
840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرلىپ ئۇيغۇرلار غەربىي رايونغا كۆچكەندە ،شاھزادە پانتىكىن بىلەن ۋەزىر سالجىق باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە ئۆزلىرىنىڭ نەسىلداش تۇغقانلىرى بولغان  قارلۇقلار رايونىغا كۆچۈپ كەلدى .ئۇلار 870-يىلى قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ ،قەشقەردە  قارخانىيلار سۇلالىسىنى قۇردى. ‹‹قارا›› سۆزى ‹‹ئۇلۇغ،كۈچلۈك،كۈنپېتىش تەرەپ››دېگەن  مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خانلىق 1213-يىلى كىدانلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن.
 
23.قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قاچان ئاغدۇرۇلغان؟
840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ،ئۇيغۇرلانىڭ بىر قىسمى غەربكە سىلجىپ تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى ۋە تارىم ۋادىسىغا كېلىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى .كېيىنچە ئۇلار تىبەتلەرنىڭ شەرقىي شىنجاڭدىكى تەسىرىگە خاتىمە بېرىپ ،866-يىلى تۇرپان،جىمسار (بېشبالىخ)نى مەركەز قىلغان قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى  قۇردى .يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان  قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى  گۈللەپ ياشنىدى. بۇ خانلىق 1393-يىلى موغۇلىستان خانى خىزىر خوجا تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى.
 
24.كۆك تۈرك خانلىقى قاچان قۇرۇلغان؟
كۆك تۈرك خانلىقى 552-يىلى تۈرك ئاشنا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى  تۈمەن ئالتاي ئېتەكلىرىدە  قاڭقىللار بىلەن بىرلىشىپ،جۇرجانلارنىڭ  ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ  بىرلىككە كەلگەن چوڭ فېئۇدال خانلىق  ــــ تۈرك خانلىقىنى قۇرغان. 582-يىلى خانلىق ئىچىدىكى قاران ئىشبارا بىلەن تاردۇنىڭ زىدىيىتى تۈپەيلىدىن ،شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن.مىلادىيە 744-يىلى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ  رەھبىرى قۇتلۇق بويلا  تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
 
25. كۆلتېگىن  كىم؟
 كۆلتېگىن كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانى  بىلگە خاقاننىڭ  ئىنىسى ھەم ھەربىي قوماندانى بولۇپ، ئۇ مالادىيە 684-يىلى تۇغۇلۇپ مىلادىيە 731-يىلى ۋاپات بولغان.
 
26.گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قايسى خانلىق؟
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى 840-يىلى يىمىرىلگەندىن كېيىن ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئون نەچچە قەبىلىسى  غەربكە كۆچتى.ئۇلارنىڭ بىرقىسمى خېشى كارىدورىئەتراپىغا كېلىپ ،ئۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇرۇقى  بىلەن  بىرلىشىپ ،ئويۇشۇپ 850يىلى  بىر خانلىقنى قۇرغان  بۇ خانلىق كېيىنچە تارىخچىلار تەرىپىدىن ‹‹گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى››(بەزىدە ئەنشى  ئۇيغۇر خانلىقى ) دەپ ئاتالدى . بۇ خانلىق 1028-يىلى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن  ئاغدۇرۇلغان.گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ  كېيىنكى ئەۋلادلىرى  داۋاملىق گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ ،جاڭيې ئەتراپىدا تۈبەت،موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ياشاپ كەلگەن.بۇلار كېيىنچە ‹‹يۇگۇر››لار دەپ ئاتالغان.
 
27.مەھدۇم ئەزەم كىم؟
مەھدۇم ئەزەم  پەرغانە ۋىلايىتىنىڭ  كاسان دېگەن  يېرىدە  تۇغۇلغان چوڭ روھانىي بولۇپ،ئەسلى ئىسمى ئەھمەد بىننى سەئىد جالالىدىن خوجا بولۇپ ،ئۇ نەقشىبەندىيە  تەرىقىتىنىڭ پىرى سۈپىتىدە  ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە (1536-يىلى)شىنجاڭغا كەلگەن.1542-يىلى كاساندا ئۆلگەن. ئۇ ئاپاق خوجىنىڭ  ئۇلۇغ بوۋىسى .
 
28.جالالىدىن رومى كىم؟
مەۋلانە جالالىدىن رومى 1207—يىلىدىن 1273-يىللارغىچە ياشىغان. خوراساننىڭ بەلىخ شەھىرىدە تۇغۇلغان .ئۇ داڭلىق پەيلاسوپ،سوفىستىك  شائىر.ئۇنىڭ ئىجادىيىتى  ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئەللىرى ئەدەبىياتىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بولۇپ،‹‹مەسنەۋى شىرىپ››،‹‹دىۋان ئەشھارى›› قاتارلىق ئەسەرلىرى داڭلىق.
 
29.موغۇلىستان خانلىقىنى بىلەمسىز؟
 موغۇلىستان خانلىقى 1348-يىلى چاغاتاي  ئەۋلادلىرىدىن  تۇغلۇق تۆمۈرخان تەرىپىدىن  قۇرۇلغان خانلىق بولۇپ ،ھازىرقى قورغاسقا تەۋە ئالمالىق شەھىرىنى  پايتەخت  قىلغان ھالدا شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن  بالقاش كۆلىگىچە،غەبتە پەرغانە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزى ،جەنۇپتا قاراقۇرۇم  شەرقتە  قۇمۇلنىڭ شەرقىغىچە  بولغان جايلارنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ خانلىق پارچىلىنىپ كەتكەن .1514-يىلى  ئورنىغا يەكەن  خانلىقى قۇرۇلغان.
 
30.ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قاچان قۇرۇلغان؟
744-يىلى باتۇر  كۆل بىلگە  باسمىل،قارلۇق  قاتارلىق قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ  ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى . بۇ خانلىق  سىبىريىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورخۇن  دەريا ۋادىسىدا قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ،تارىخچىلار تەرىپىدىن  ‹‹ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ›› دەپ ئاتالغان.  كۆل بىلگە خاقان 747-يىلى  ۋاپات بولغاندىن كېيىن  ئۇنىڭ ئوغلى مويۇنچۇر  خاقان بولغان . مۇشۇ يۇسۇندا  10 نەچچە قېتىم تەخت ئالمىشىش بولغان . 830-يىللارغا كەلگەندە خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىدىيەت ئېغىرلاشقان شۇنداقلا تەبىئىي ئاپەت يۈز   بېرىپ ،ئىگىلىك ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان. كېيىن  بۇ خانلىققا تەۋە قىرغىزلارنىڭ خانلىق مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغان.
 
 31. ئۇلۇغبېك كىم؟
ئۇلۇغبېك 1394-يىلىدىن 1449-يىللارغىچە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىم،تولۇق ئىسمى مۇھەممەد  تاراغاي ئۇلۇغبېك. 1394-يىلى  سۇلتانىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1410-يىلى سەمەرقەنتتە تۆمۈرىيلەر تەختىگە ئولتۇرغان.1449-يىلى روھانىي كۈچلەر تەرىپىدىن  ئۆلتۈرۈلگەن.ئۇ  ‹‹تۆت ئۇلۇس تارىخى››،‹‹يېڭى ئاسترونومىيە  جەدۋىلى›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى ۋە كۆپ شېئىرلارنى يازغان.
 
32.ئېلتەرىش خاقان كىم؟
ئېلتەرىش  خاقان 7-ئەسىردە  ياشاپ ئۆتكەن  كۆك  خانلىقىنىڭ  باھادىر  قاقانى بولۇپ، مىلادىيە 682-يىلىدىن  691-يىلىغىچە  تەختتە ئولتۇرغان.ئېلتەرىش‹‹ئەلنى تىرىلدۈرگۈچى ،ئەلنى گۈللەندۈرگۈچى››دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
33.ئىسمائىلخان كىم؟
ئىسمائىلخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى بولۇپ،1670-يىلىدىن 1679-يىلىغىچە  ھۆكۈمرانلىق قىلغان.ئۇ ئاپاق خوجا  باشلاپ كەلگەن جوڭغار قوشۇنلىرى تەرىپىدىن  تەختتىن چۈشۈرۈلگەن ۋە ئىلىدا ئۆلتۈرۈلگەن.
 
34.ئىبىن سىنا كىم؟
ئىبىن سىنا 980-يىلى  تۇغۇلۇپ 1037-يىلى ۋاپات بولغان  ئۇلۇغ ئالىم  ۋە ئەدىب.تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئەلى ئەل ھۆسەيىن ئىبىن سىنا .ئۇ بۇخارادا تۇغۇلۇپ ھەمەداندا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ ‹‹تىبابەتچىلىك قانۇنلىرى››،‹‹تىببىي  داستان››،‹‹دانىشنامە››،‹‹ئەششىفا›› قاتارلىق ئەسەرلىرى  ۋە كۆپلىگەن شېئىرلىرى بار .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىر  مۇسۇلمان  شەرق ئەدەبىياتىدا  چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.
 
35.ياقۇپبەگ كىم؟
ياقۇپبەگ(مۇھەممەت ياقۇپ قوش بېگى) 19-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا سەلبىي رول ئوينىغۇچى  مىلىتارىست.(ئۇنىڭ بەدۆلەت  دېگەننامىمۇ بار)1820-يىلى قوقەنتتە تۇغۇلغان. 1865-يىلى قەشقەرگە كېلىپ  شۇ چاغدىكى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ قورچاق ھاكىمىيەت قۇرغان .ئالتە شەھەرگە 13يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، 1877-يىلى كورلىدا ئۆلگەن.
 
36.يەركەن خانلىقى قاچان  قۇرۇلغان؟
يەكەن خانلىقى 1514-يىلى چاغاتاي نەسلىدىن بولغان تۈركلەشكەن  خان يۇنۇسنىڭ چوڭ ئوغلى مەھمۇدخاننىڭ نەۋرىسى سەئىدىخان تەرىپىدىن  يەركەندە قۇرۇلغان  خانلىقتۇر. ئۇنىڭ زىمىن دائىرىسى  شىنجاڭنىڭ جەنۇب  ۋە شىمالى ، ئىسسىقكۆل  ھەم دەشت قىپچاق  ۋادىلىرىغا تۇتاشقان.  بۇ خانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مۇئەييەن  رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ فېئۇدال خانلىق1682-يىلى ئاق تەقىيلىك سوفى-ئىشانلارنىڭ  كاتتىۋېشى  ئاپاق خوجىنىڭ  سىياسىي نەيرەڭلىرى ۋە جۇڭغار فېئۇدال گۇرۇھلىرىنىڭ مۇداخلىسى سەۋەبلىك ئاغدۈرۈلغان.
 
37.يۈەن سۇلالىسى قاچان قۇرۇلغان؟
يۈەن سۇلالىسى تارىختا موڭغۇل يۈەن  خاقانلىقى  دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ خانلىقنى  1260-يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلەيخان  كەيفېڭنى پەيتەخت قىلىپ قۇرۇپ چىققان خانلىق بولۇپ ،بۇ خانلىق 1271-يىلى يۈەن  سۇلالىسى دەپ ئاتالغان.
1368-يىلى مۇنقەرز  بولغان.

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 16:39
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، بۇ بىز ھەممىمىز بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ماتىريال ئىكەن ! مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز !!!

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 16:41
نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى دوستلار !!!
ھە-راست كىچىككىنە تەكلىپ : مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز سىزدىن ئالەمچە خوش بولاتتىم !

tursungul 2013-06-11 16:43
سالام دوستلار، ھەممىڭلارغا ئامانلىق يار بولسۇن!
مەكتەپ دەرسلىكى ئۈچۈن تۈزگەن <<تارىختىن تامچە>>ناملىق  كىتاۋىمدىكى بىر -قىسىم تارىخىي ئۇچۇرلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن . ئەمما يوللاپ قويغۇم كەلدى.  ئىجازەتمىكىن؟

tursungul 2013-06-11 16:46
توغرا دەيسىز ئەكبەرجان ،ئەسەر  يوللىسام مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيدىغان بىر يامان ئادىتىم بار ئىكەن. چوقۇم ئۆزگەرتسەم بولغىدەك.

gulhan 2013-06-11 17:09
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر دۇستۇم. بىزگە پايدىسى كۆپ بولغىدەك.

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 17:42
قىزغىن قارشى ئالىمىز ، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن شەرەپ !!!
ئاشۇ ماتىريالىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز !!!

danix 2013-06-13 10:54
    تۇرسۇنگۈل << مەكتەپ دەرسلىكى >> تۈزگەنلىكىڭىزگە كۆپ ئاپرىن . قارىغاندا ، سىز تۈزگەن مەكتەپ دەرسلىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىن ئەتراپلىق بىلىم بېرىدىغان ئېسىل دەرسلىكتەك قىلىدۇ . بۇ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك كاتتا ئىشكەن ! مۇبارەك بولسۇن ! شۇ دەرسلىكىڭىزدىن بىزنىمۇ بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز ! مىللىتىمىزنىڭ تارىخى ئۈچۈن تەۋرىگەن قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن ! تەشنا قەلبىمىز تارىخى بىلىملەرگە قانسۇن !

لىللا 2013-06-13 11:10
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار ئىكەن .

tursungul 2013-06-19 16:48
دانىش مۇئەللىمنىڭ بەرگەن مەدەدلىرىگە كۆپ رەھمەت.مەن   داۋاملىق سىلەردەك ئۇستازلاردىن ئۈگەنگۈچى.    
مەن  ئوقۇغۇچىلارغا تارىخىمىزنىڭ قىممىتى بىلەن پەلسەپەلىرىمىزنىڭ ھىكمىتىنى كۆپراق سىڭدۈرەلىسەك، ئۈگەتكەن ئەدەبىي  بىلىملىرىمىز ئاندىن قۇۋەت تاپىدۇ دەپ ئويلايدىكەنمەن.   ھەم مۇشۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەم دەيمەن.

شىىرئەلى 2013-07-23 14:39
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، بۇ بىز ھەممىمىز بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ماتىريال ئىكەن !

tiwix 2013-07-23 22:24
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر دۇستۇم

koksangun 2013-07-24 00:46
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

tawpek 2013-08-06 19:47
3.ئەبۇ ناسىر سامانىي كىم؟

ئەبۇ ناسىر سامانىي 883-يىلىدىن 953-يىللارغىچە ياشىغان . سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد پادىشاھى ئەھمەت بىن ئىسمائىلنىڭ ئوغلى .ئۇ 914-يىلى دادىسى ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن  مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.932-يىلى قەشقەرگە كېلىپ  سۇتۇق بۇغرا تېگىننى  ئىسلام دىننىغا دەۋەت قىلغان.


ئاۋۇ مەن ئۈچۈن يىڭىكەن.

ئوقوۋىتىپ نۇرغۇن جايلىرىنى ئۈزۈپلا ئىلىپ بالىلارغا يادلاتقۇزۇشنى ئويلاپ كىتىپتىكەنمەن.
ئەسلىدىنمۇ بالىلارنىڭ ئۈگىنىشگە قولاي قىلىپ تەييارلاپتىكەنسىز ئەمەسمۇ.

مەنمۇ نۇرغۇن تارىخنى بىلىۋالدىم.

ئاشۇ كىتابىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىنى سۇنمىسىڭىز بىز سىزدىن رازى ئەمەس

شۇنداق بىر ئىزدىنىشچان ئوقوتقۇچىلار بىلەن بۇ مەۋھۇملۇقتا بولسىمۇ ھەمسۆھبەت بولوپ يۈرگىنىمدىن خۇرسەنمەن.

لاچىن 2013-08-06 23:09
    ئاجايىپ ياخشى تەييارلانغان تېما ئىكەن. تەييارلىغۇچى قېرىندىشىمىزغا رەخمەت.


查看完整版本: [-- تارىختىن تامچە(3)               --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us