查看完整版本: [-- خوتۇندەك خوتۇن ئىزدەپ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> خوتۇندەك خوتۇن ئىزدەپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 03:22
خوتۇندەك خوتۇن ئىزدەپ P"%i 4-S  
,o}!pQ  
m Kwhd} V  
                                              مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى X 5LI  
MEbx{XC  
                                                     (ھېكايە)   O^I~d{M 5I  
UK2Y<\vD  
  بىر كىشى قولىغا بىر يوغان تۆمۈرنى كۆتۈرۈپ مەن تەرەپكە كىلىۋاتاتقاندەك قىلاتتى  ،ئۇنى بۇ چۆللۈكتە يىراقتىن كۆرۈپ كىشىنىڭ قورققىسى كىلەتتى . تىزدىن ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتتۈم ، قولۇمغا بىر تاش چىقتى ،ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ جېنىمنى قۇتۇلدۇراي  دەپ ئويلاپ تىتىرەپ تۇراتتىم . ئاۋال ئاياق پاشنىسىنىڭ ئاندىن چەمىنىڭ   تاشلارغا ئۇرۇلۇپ چىقىشىدىن كىلىۋاتقان بۇ ئاۋاز مېنىڭ يۈرۈكۈمگە ئۇرۇلىۋاتقاندەك «تاراق،تاراق»قىلىپ مېنىڭ قېشىمغا يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى ،قاچالىسام ماشىنىنى تاشلاپ بېرىپ قېچىشنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم .نىمىلا بولمىسۇن جان موھىم -دە .ئۇ ئاۋاز توختىدى -دە،ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى : C:g2E[#  
ــ بۇ ماشىنا كىمنىڭ ؟ 4w^B&e%  
ــ................ \Nu(+G?e  
بۇ ھالەتتە مىنىڭ گەپ قىلالىشىم مومكىن ئەمەس ئىدى . g6$X {  
ـــ مېنىڭ ئىسمىم راخمان ،ناھىيە بازىرىدا ماشىنا رىمنۇت قىلىمەن ،كىم بولسىڭىز چىقىڭ ،بۈگۈن ماشىنا تاپالمىدىم،مىنى ئېلۋالسىڭىز بولامدۇ ؟ o(w1!spA  
       كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشتى ،لىكىن  يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدىم .ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ،تولىمۇ قاۋۇل بىر ئادەم ئالدىمدا بىر تۆمۈرنى تۇتۇپ تۇراتتى . ئۇ دەرھال كىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتى ،ئۇ  ئەسلى ھېلىقى تۆمۈرنى يولدىن تېپۋاپتىكەن ،مەنمۇ كۆرۈشكەندىن كىيىن ماشىنىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم . ماشىنا ئوڭشالدى . ئىككىمىز يولغا چىقتۇق . لىكىن كۆڭلۈمدە يەنە ئەندىشە نىرۋىللىرىم جىددي  ئىدى ،مەن بۇ كىشىنى تونۇمىسام ،خاتىرجەم بولغىلى بولاتتىمۇ ؟   3=1aMQ  
   يېقىندا بىر يەردە يىغىلىش بولىدىكەن دەپ دوستلىرىم چاقىرغان  . قولۇمدا موھىم ئىشىم بار ئىدى ،لىكىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئېشىۋالغاندەك بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ ،ئىشلىرىمنى قويۇپ ماشىنامنى ھەيدەپ يولغا چىقتىم . يولدا بىر چوڭ چۆللۈك بار ئىدى ، بۇيەردىن ئۆتسەك ئاندىن ناھىيە بازىرىغا كىرەتتۇق ،دەل شۇ چۆللۈككە كەلگەندە نىمىشقىكىن بۇ ئەبجاخ ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى ،تېلفۇننىڭ توكى يوق ،شۇنداق قىلىپ يىغىلىشتىن قالغاننى ئاز دەپ شۇ چۆللۈكتە قونىدىغان بولدۇم ،دەپ ئەندىشىگە چۈشكەن ئىدىم . كۈن ئولتۇرۇشقا ئالدىراۋاتاتتى . دەل مۇشۇ چاغدا بايقى ئىشلار بولدى . 9 kzytx  
  ــ سىز مۇشۇ يېزىدا خىزمەت قىلامسىز ؟ b#R3=TQS8  
ــ ھەئە ،ــ دېدىم ،ئارتۇق چۈشەندۇرۇپ ئولتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن ئىدىم . |Sy |E  
ــ نىمە خىزمەت قىلىسىز ؟ A0yRA+  
ــ ئوقۇتقۇچى ts3%cRN r  
ــ مۇشۇ تاپتا ئوقۇتقۇچى دىگەننىڭ ئىشى پۇزۇر ھە ، مىنىڭ ئون ئۈچىنجى ئايالىم ئوقۇتقۇچى ئىدى -دە ئۇ كاساپەت ، ماڭا شۇنداق قىلاتتى ، شۇ بىر ئاقساپ ماڭىدىغانلىقىنى دىمىسەم ،ھەي.... a 
ـــ ئون ئۈچىنجى ئايالىم؟؟؟ x`w 4LF  
  بۇ يېنىمدا ئولتۇرغان ،قارىسا ئوتتۇز  نەچچە ياشتەك كۆرۈنىدىغان بۇ كىشىىنىڭ ئون ئۈچىنجى خوتۇن دىگىنى  مىنى سەل ھەيران قالدۇرۇپ قويدى . &h-d\gMJ  
ـــ ھەئە ،يېقىندا ئون سەككىزىنجى خوتۇنۇم بىلەن ئاجىرشىپ كەتتىم . %xf6U>T  
ـــ نەچچە ياشقا كىردىڭىز ؟ 9k ]$MR  
ـــ بۇ يىل قىرىق  ئۈچ ياشقا كىردىم . BV$lMLD{r  
ــ بالىڭىز بارمۇ ؟ !zwn Fdp  
ــ ئۈچ بالام بار ،ئۈچ خوتۇندىن . ?UoA'~=  
ــ ۋوي نىمانچە كۆپ توي قىلدىڭىز ئەمدى ؟ qi}HJkOq  
ــ ئۇكام ،گەپ قىلاي دىسەم گەپ جىق ،سىزدىن گەپ يوشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن ، مىنىڭ بىرىنجى ئايالىم بىلەن توي قىلغاندا مەن ئەمدى ئون سەككىز ياشتا ئىدىم . ئۆيدىكىلەر  مېنى ئۆيلەپ بولۇپ تۇيۇقسىز تەلىيى كىلىپ بېتىپ كەتتى . لىكىن مېنىڭ پەقەت پۇلنى بۇزۇپ چاچقىم كەلمەيتتى . ئايالىمنىڭ  بۇزۇپ چاچماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چەك قوياتتىم .بازارغا چىقسا پۇلنى قىسىپ بېرەتتىم ،ئۇن ،سەي ،ياغ ،ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىنى ھېسابلىق قىلدۇرتتىم . C 7YZ;{t  
ــ سىز بۇنداق قىسىڭىز ئايال كىشى چوقۇم چىدىمايدۇ ،ــ دېدىم ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ . .GM&]Hb  
ــ شۇنداق بولدى ،ئۇ  بىر يىل ئۆي تۇتۇپ مەندىن ئاجرىىشىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى .مەن ئۇنىڭ پۇلنى بۇزۇپ چاچىدىغان  بەڭۋاشلىقىنى دەپمۇ بولسا ئارتۇق گەپ قىلماي خېتىنى بېرىۋەتتىم . ئىككىنجى يىلى يەنە بىر خوتۇن بىلەن توي قىلدىم ، ئۇنىڭ تىنىدىن غەلىتە پۇراق چىقىدىكەن ،ئۇنىڭ بىلەنمۇ بىر ئاي ئۆي تۇتماي قويىۋەتتىم . ئۈچىنجى خوتۇنۇم بولسا ھەم چىرايلىق ،ھەم نازاكەتلىك ئايال ئىدى ،لىكىن ئۇنىڭ بىر يېرى خەت تونۇمايدىكەن ،شۇڭا ئۇنداق نادان خوتۇننى تۇرغۇزغۇم كەلمىدى . تۆتىنجى خوتۇنۇم بولسا بىر قولى تىتىرەيدىكەن ، كۆزۈمگە سىغمىدى ،ئۇنىمۇ قويىۋەتتىم . شۇكۈنلەردە  ماڭا بىرەر كۆزۈمگە خوتۇن كۆرۈنگىدەك بىرسى كۆرۈنمىدى،بەزىللىرى بىر مەزگىل ئۆي تۇتۇپ سەت قىلىق چىقارغىلى تۇردى ،بەزىللىرى ئەيىبلىرى ئىچىمنى پۇشۇرۇپ قويدى  ،شۇنداق قىلىپ قويۇپ بېرىۋەردىم .ھازىرغىچە ئون سەككىز خوتۇننى ئاپتىمەن ،بالىلىقمۇ بوپتىمەن ، ھازىرغىچە خوتۇنغا ئوخشايدىغان بىر خوتۇن ئىزدەپ يۈرۈيمەن ئۇكام . xaX3 
ــ سىزنىڭچە قانداق خوتۇن خوتۇنغا ئوخشايدىغان خوتۇن بولىدۇ ؟ــ دەپ ئەجەبلىنىپ سورىدىم . $:s1x\ol  
ــ ھېچ بولمىغاندا مىھمان كۈتەلەيدىغان ، ئەيىب نوقسانىلىرى ئادەمنىڭ ئالدىدا چانمايدىغان ،خوتۇنغا ئوخشايدىغان خوتۇن بولسا بولاتتى . ` #A&v  
ــ ئاكا ،سىز قايسى مەكتەپكىچە ئوقۇغان ؟ ~K 8eRT  
ــ تولۇقسىزغچە #QQ \ xj  
ــ سىزنىڭچە ئەردەك ئەر قانداق بولىدۇ ؟ MQ5#6 vJ  
ــ بۇنى بىلمەيمەن ،مەن جىق ئوقۇمىغان ،مىنىڭچە بولغاندا خوتۇنىنى باشقۇرالىسا ، سىرتتا نېنىنى تېپىپ يىيەلىسە ، ئەر كىشىدە ياشىيالىسا بۇ ئەر بولىدۇ . AtYe\_9$C  
ــ ياق ئاكا ،مانا بۇ سىزنىڭ خاتالاشقان يېرىڭىز ، C;}~C:aJ  
ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى . U_m 
ــ سىز بىر ئەر بولۇشنى بەكمۇ ئاددىي چاغلاپ قاپسىز ، ئەر دىگەن ئاياللاردىن كۈچلۈك ،ئۇ كۈچىنى قانداق يەرگە ئىشىلتىدۇ ؟ كۈچنى دەل شۇنداق ئايالىنى  قوغداشقا ، ئايالىنىڭ قىلالمىغان ئىشىنى قىلىپ بېرىشكە ، يەنىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ئىشىلتىدۇ ، ئايالىڭىزدا كۈچ بولمىسا سىز كۈچ بولىسىز ، قول بولمىسا سىز قول بولىسىز ، خەت بىلمىسە تەربىيلەيسىز ، تىنى پۇرىسا سىز ئەتىرە ئېلىپ بېرىسىز ،ياكى داۋاسىنى قىلىسىز . دىمەك سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنىڭ بولۇشى خوتۇنىڭىزنى كەمسىتىش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ،خوتۇنۇڭىزنى كەچۈرۈشىڭىز ،ئۇنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تولۇقلىشىڭىز ئۈچۈن . شۇندىلا سىزنىڭ ئائىلىڭىز  بەخىتكە قاراپ ماڭىدۇ . W`^'hka  
ـــ ئۇكام ،سىز توي قىلغانمۇ ؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ ، ;&37mO/T  
ــ ھەئە . 9XX&~GW/  
ــ خوتۇنىڭىزدا ئەيىب يوقمۇ ؟ SfyZ,0  
ــ بار ،ئىككى كۆزى ئەما XU5/7 .  
ــ ...... 9xyj,;P>  
ئۇ جىمىپ  قالدى ، مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم . ! pR&&uG  
ــ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىچىڭىز پۇشمامدۇ ؟ ,>V|%tD'  
ــ نىمىگە ؟ ئۇنىڭ ئەمالىقىغىما ؟ $FZ~]Ef  
ئۇ «ھەئە » دىگەنچىلاپ بېشىنى لىڭشىتتى . 9TBkVbqV  
ــ ياق ،ئاكا ،مەن ئۇنى ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇ مېنى رەت قىلغان ، ئۆيدىكىلەرمۇ رەت قىلغان ،لىكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇنىڭغا كۆزى كۆرمىسە مەن كۆز بولىمەن دەپ ۋەدە بەردىم . ئۇنىڭ ئەمالىقىنى ئاللىبۇرۇن كەچۈرىۋەتكەنمەن ،شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ئۇنىڭ كۆزىگە كۆز ، دەرت تۆكسە تىڭشايمەن ، ناماز ئوقۇسا جايناماز سېلىپ بىرىمەن ،  يىغلىسا كۈلدۈرىمەن ،كۈلسە ئۇنىڭ بىلەن كۈلىمەن ، ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ، ئۇنى بۇ ئالەمدە بەخىتكە ئېرىشتۈرۈشنى بۇرچۇم دەپ بىلىمەن . ئۇمۇ مەندىن بەكمۇ رازى ،ئاتا -ئاناممۇ مىنىڭ قىلغىنىمدىن تەسىرلىنىپ ئۇنى قوبۇل قىلدى . ئۇ تېخى  ماڭا بىر قىز تۇغۇپ بەردى ، كۆزلىرى  روشەن ، ئەقلى مەزمۇت . مەنمۇ ئۇنىڭدىن ، ئاللاھنىڭ مۇشۇنداق بىر قىزنى ،ئايالنى ماڭا ئاتا قىلغىنىغا خۇشال . 6C4c.+S  
     ئۇ ماشىنىنىڭ كەينىدىكى سومكامدا قويۇپ قويغان  قىزىمنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ ،ھېچ نەرسە دىمىدى ،كۆزلىرىدىن ياش ئاققىنىنى غىل-پال كۆردۈم . شۇنىڭ بىلەن بىردەمدە ناھىيگە كەلدۇق . ئۇمۇ چۈشۈپ قالدى . d+rrb>-OU  
  كاللام ھەر خىل خىيال بىلەن ئىدى ،جەميىتىمىزدە قانچە ئەرلەر خوتۇندىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرۈيدۇ ؟ ئۇلار تۈزىيەلەيدۇ ،لىكىن كەچكىچە خوتۇندەك خوتۇن ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ،ئەر كەك بولغاندىكىن ئەردەك بولسا ،كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزىنى باشقۇرسا ،ئەقلى بىلەن ياشىسا ،خوتۇنمۇ خوتۇندەك بولىدۇ -دە ، باشقا يەردىن خوتۇن ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ ،بۇ خىياللىرىم تۈگىمەيلا سورۇنغا كىرىپ كەتتىم . o S0l Tf\  
8s-y+M@.  
                                                                                             2013.06.05 (تىيەنجىن) $[T^ S  
IP7j)SM!  
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى .

ئايبىكە 2013-06-11 07:14
ئەسەرلەردە سۆيگەن يارىنى «ئاي يۈزلۈكىم،ئايدەك چىرايلىق،سېغىنغاندا ئايغا قارايمەن،ماھى تابان،14كۈنلۈك تولۇن ئايدەك چىرايلىق»ئىبارىلىرىدىن  قارىغاندا يۈزىدە داغ بولغان ئاينىڭمۇ............

ئايبىكە 2013-06-11 09:39
ئەكبەر ئەپەندىم ،تاتلىق لېرىكىلىڭىزنى سېغىندۇق.

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 14:30
كۆپ رەھمەت ئايبېكە ، پات ئارىدا ئۇمۇ بوپقالا !!!

ئەكبەرنىياز 2013-06-12 23:57
بەزىدە قانداق ئادەملەر ھىكايە يازالايدىغاندۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن .

مەمەتسالى 2013-06-15 20:03
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن، كۆپ رەھمەت !!!

ئەكبەرنىياز 2013-08-02 21:16
ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! بۇ ئەسەر ماڭىمۇ بەكلا ئەھمىيەتلىكتەك تۇيۇلدى ، شۇڭا مۇنبەرگە چاپلاپ قويغان !


查看完整版本: [-- خوتۇندەك خوتۇن ئىزدەپ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us