查看完整版本: [-- ش ئۇئاردا 6–ئايدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> ش ئۇئاردا 6–ئايدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەكبەرنىياز 2013-06-10 11:57
2N&S__  
aqP"Y9l  
ش ئۇ ئا ر دا 6–ئايدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدۇ Z(ToemF)hi  
Gbb*p+ (  
 جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 1 – ئىيۇندىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 11 – قېتىم تەڭشىشى ھېسابلىنىدىكەن. G'iE`4`2  
 _dVA^m  
  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىككى خىلغا ئايرىلغان. بۇنىڭ بىرىنچى خىلى، ئەمگەكچىلەر تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق ھەقلەر (قىسقارتىلىپ ‹‹ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند›› دېيىلىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى ئايدا 1520 يۈەن، 1320 يۈەن، 1240 يۈەن، 1160 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 180 يۈەن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش %16.14 كە يەتكەن. ئىككىنچىسى، ‹‹ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند››نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى، بۇمۇ تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى: ئايدا 1210 يۈەن، 1020 يۈەن، 940 يۈەن، 865 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 120 يۈەندىن 125 يۈەنگىچە ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %13.92 كە يەتكەن . _y9NDLRs8  
D' h%.  
  بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى ئۆلچىمى تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى: سائىتىگە 15.2 يۈەن، 13.2 يۈەن، 12.4 يۈەن، 11.6 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن 1.8 يۈەن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %16.14 كە يەتكەن. 239g pf]}  
ou\~^  
  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ قېتىم ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتە ئاساسىي قاتلاملارغا مايىل بولۇشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئاشۇرغان. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلگەن 15 ئۆلكە، شەھەر ئىچىدە 4 – ئورۇندا، غەربىي شىمال رايونى بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىكەن. P7 qzZ  
iB*1Yy0DC  
مەنبە زىلتاش تورى ]2mfby  

nadiraay 2013-06-10 12:48
ھەي، شۇ مائاش ئۆسۈپ بولغۇچە مال باھاسى يەنە قانچىلىك ئۆسەر؟

r.muhemmet 2013-06-10 12:57
مۇئاش بىر ھەسسە ئۆسكىنى بىلەن، مال باھاسى ئىككى قاتلىنىپ بولىدۇ ....

ئايبىكە 2013-06-10 16:14
«مۇئاش بۇسۇغىدىن چىققۇچە،مال باھاسى يەتتە تاغ ئاشار»

ئەكبەرنىياز 2013-06-10 20:57
شۇ ئەمەسمۇ ، بۈگۈن گۆش ئالغىلى بازارغا بارسام ئەسلى باھاغا يەنە 3كوي قوشۇۋاپتۇ ، بۇ نىمە ئىش ؟ دېسەم ، ئاڭلىساق مۇئاشىڭلار ئۆسۈپتىغۇ !؟ دېمەسمۇ . بۇ قانداق ئىشتۇ ؟ دېگەن گۇمان بىلەن تور ئارىلىسام بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم . شۇڭا دوستلارنىڭ قارىشى قانداقراقكىن ؟ دېگەننى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم . مۇئاش ئۆسىدىغان ئوخشايدۇ ، مال باھاسى ئاللىبۇرۇن ئۆسۈپ بوپتۇ .  

kamalat 2013-06-10 21:51
مال باھاسى ئىككى قاتلىنىپ بولىدۇ .

alga~nap 2013-06-12 01:50
«مائاش قاشتەك ئۆسكىچە ، مال باھاسى چاچتەك ئۆسىدۇ» دەپ ئېيتقانىدى ئابدۇكىرىم ئابلىز.  

رەيھانگۇل 2013-06-12 02:11
مائاش ئۆسۈپ، مال باھاسى ئۆسمىسە ياخشى بولاتتى...

ئەكبەرنىياز 2013-06-12 12:56
مال باھاسى ئاللىبۇرۇن ئۆسۈپ بولغاچقا ، ئامالسىز مۇئاش ئۆسمەكچى بولىۋاتامدىكىن دەيمەنغۇ !؟

ئايبىكە 2013-06-12 13:45
ئەكبەر ئەپەندىم ،«مال باھاسى ئاللىبۇرۇن ئۆسۈپ بولغاچقا ، ئامالسىز مۇئاش ئۆسمەكچى بولىۋاتامدىكىن دەيمەنغۇ !؟»يومۇرنىڭ ئۆزى بۇپتىغۇ،ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن.ھا........ھا.......ھا.....ھى....ھى.....ھى....ھۇ.......ھۇ.....ھۇ........ P^AI*t H"m  
ئەمدى كۈلكەم ئاخىرلاشتى.ئۇف.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-13 11:56
«مائاش قاشتەك ئۆسكىچە ، مال باھاسى چاچتەك ئۆسىدۇ»

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-13 12:00
ھۆكۈمەت مائاشنى ئۆستۈرۈمىز دەپ تاراتقۇلاردا كەڭ داۋراڭ سالغىنى بىلەن ،كىچىك بوتكىلاردىكى ئۇزۇن قۇلاق تىجارەتچىلەر مېلىنىڭ باھاسىنى ئاللىقاچان ئۆستۈرۈپ بولدى،لېكىن بۇ مائاش ئەمىللىيلەشكۇچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىممەت باھادا ئالىمىز ،بۇنىڭ زىينىنى كىم تۈلەر ؟!يا داۋراڭنى ئاز قىلىپ ئاستاغىنا قوشۇۋەتمەيدىكەن بۇ ھۆكۈمەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-13 12:06
بىركۈنى بىر نۇسخىلاش دۇكىنىغا بىر ماتىريالنى كۆپەيتكىلى ئېلىپ كىرىپ،نەچچە پۇلدىن قىلىپ بېرىسىز دىسەم ،بىر يۇئەندىن قىلىپ بېرەي دەيدۇ،ۋاي تېخى بىرنەچچە كۈن ئالدىدا بەش موچەن ئەمەسمىدى دىسەم ،گۆشنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى شۇڭا قىممەت قىلىدىغان بولدۇق دەيدۇ،مەنمۇ نۇسخىئالغۇڭىز توك بىلەن ماڭماي ،گۆش يەمدۇ دەپ قويۇپ،ئۇيان تارتىشىپ بۇيان تارتىشىپ 200بەت نەرسىنىڭ ھەربىربېتىنى يەتتە مودىن كۆپەيتىۋالدىم.

ئەكبەرنىياز 2013-06-13 22:54
ئايلىق دېگەن نامنى كىم قويغان بولغىيتتىكى دەيمەن ، ئايغا ئارانلا يېتىدىغۇ تاڭ -مائاشلىرىمىز ، ھەي ، بۇ ئىشلارنى -زە !

مەمەتسالى 2013-06-15 20:01
مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بەكلا يامان بولىۋاتىدۇ . كۆپ رەھمەت !!!

ئەكبەرنىياز 2013-06-16 14:40
مائاش نەچچە ئۆسۈپتەك ، <4n"LJ9  
مال باھاسى چۈشۈپتەك . QQHQ3 \  
بۇنى كۆرۈپ سودىگەر ، n =WH=:&  
ئىچ-ئىچىدىن كۈلۈپتەك !

ئەكبەرنىياز 2013-06-18 13:29
مۇئاش ئۆسسە بىر چارەك ، G<* Iw>ep  
باھا ئۆرلەر بىر غۇلاچ . ~sZ$`t  
يۈزلىرىمىزدە كۈلكە يوق ، ?J,,RK.  
يەنە بىزلەر نائىلاج . T@*'} *  
#4JL Wg  
قوشاقچى بوپ قالاي دېدىممۇ قانداق دوستلار !؟

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-19 14:38
ھەقنى دەپسىز،يەنىلا بىز مائاشچىلار نىڭ كۈنىمىز بىر خىلدا ئۆتىدىكەنغۇ تاڭ؟!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 23:04
تېخى 6-ئاي كىرمىدىمۇ ياكى ھۆكۈمەت بۇ ھۆججەتنىڭ روھىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ مائاش ئۆسمىدىغۇ؟


查看完整版本: [-- ش ئۇئاردا 6–ئايدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us