پىرىنتېردا باستىم چۈشۈمنى
سەۋدالىغىم قېلىن كىيىنىپ ،
ھورلىنىدۇ ۋاقىت قوينىدا .
تېپىش ئۈچۈن سۆيگۈ مېغىزى
تۆنۈگۈننى سۈزدۈم چويلىدا .
مەدەك بولۇپ گۈرۈلدەپ كۆيسەم ،
كوتۇلدىدى نېگىر كارنايلار .
ئۆتمۈشۈمنى< ھام> قىلىش ئۈچۈن ،
قوچاقلىدى مۇزدەك سارايلار .
داپ ياسىدىم ئالتۇن تېرەمدە ،
بارماقلىرىم چۈشتى ئۇسۇلغا .
تولغانغاندا ئەجداد سۆڭكى ،
سائەت تىلى ماڭىدۇ سولغا.
پارات بولۇپ ئۆتتىم كېچىدىن ،
مەشكە دەسسەر ياۋا تۈكلىرىم .
موھتاجلىقنى قىلىپ مارۇژنى ،
ھەسەللەرنى تۇغار < سۈف > لىرىم .
ۋاپات بولدى كۆزۈم ئەتىراپى ،
قاپاقلىرىم تۇرىدۇ پۇستا .
دەقىقىنى پارچىلاپ ساناپ ،
تاپاۋىتىم چالىدۇ دۇتار.
بارمىقىمدا مىڭ بىر كېچىلەر ،
تالىشىدۇ زىناقلىرىمنى .
ساقاللىرىم < ئۆھۈ > دەپ قويسا ،
نوقوپ قويار بارماقلىرىمنى .
مىجىلىدۇ خېمىر بەدىنىم .
گۈلخان ئىكەن كېچە مەيدىسى.
يوتقىنىمنى قىلىپ كارانتىن ،
باشلىنىدۇ پىتلار بەيگىسى .
خورەكلىرىم ئوقۇر ئېلىپبە ،
جۈملە تۈزۈپ قويىمەن جۆيلۈپ .
تاپشۇرۇقنى غاجىلاپ قويغان
يالغان چىشىم كېتىدۇ كۈلۈپ .
بىر قولۇمدا ئۆيۈمنى تىرەپ ،
< ئەپچۈشۈ !!> نى ئاتىمەن ئېغىر .
ۋېتامىننى تولۇقلاش ئۈچۈن
كېچىلەرنى قىلىمەن بېغىر .
ئىشتان كىيدىم كۆپلۈك شەكلىدە ،
ئاددىي جۈملە بولدى بەدىنىم .
قاراڭغۇغا بولۇپ يۆگىمەچ ،
ھېجارايدۇ ئىگىسىز تېنىم .
ئۈچىيىنى سوزوپ ئاۋايلاپ ،
تىنىقلىرىم تۇغار پەرۋانە .
قۇيرىقى يوق يېتىم پېئىللار ،
ھەسرىتىنى يازىدۇ دانە.
مەۋھۇم دۇنيا ياسار سېمىۋۇل ،
بۇلدۇقلايدۇ ئوخشىتىش قېنى .
ئېۋفىمىزىم يىمەكتە سامساق ،
مۇبالىغە قىينار چۈشۈمنى .
رادىكالدا سەمىرىش ئۈچۈن
كەسىر سانغا سالدىم يېشىمنى.
ئەي ، بىپەرۋا يوللار كۆرۈڭلار !
پىرىنتېردا باستىم چۈشۈمنى .
ئاپتۇرى : ئا.مۇھەممەت باغۋەن
|