بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن
ئۇنۋان سېنىڭ ، ئېلىۋال ! بولدى ،ئۇنۋان ئالمايمەن ، سەنلا ئېلىپ بېيىۋال ! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن ، نىكاھلىنىپ تېگىۋال! بولدى ،ئۇنۋان ئالمايمەن، يۈرىكىڭگە تېڭىۋال ! بولدى ئۇنۋان ئالمايمەن ، راست گېپىم بۇ بىلىۋال! بولدى،ئۇنۋان ئالمايمەن . . يىگىرمە يىل ئۆتۈپتۇ تالاشقانغا يول قويۇپ ، يۈرمەپتىمەن بىراۋغا خوش-خوش ئېيتىپ دوڭغۇيۇپ ، توخۇ سويسام تەپمىدى ،ئالدى خەقلەر قوي سويۇپ ، ئالدى ھەتتا بەزىلەر ئاقچا قويۇپ - پۇل قويۇپ ، سەنمۇ دەرھال سېتىۋال ! بولدى ،ئۇنۋان ئالمايمەن . . سالالمايمەن داستىخان ،پاقلان ،قېتىق زاغرام يوق ، مەن بىر قوپال ئەركىشى ،سېنىڭكىدەك ياڭزام يوق ، ئۇتالمايمەن كۆڭۈلنى ،تولغان بەدەن -ساغرام يوق ، ئۈنسىز تۆھپە قوشىمەن ،چالىدىغان ناغرام يوق ، سەن ناغراڭنى چېلىۋال ! بولدى ،ئۇنۋان ئالمايمەن . . ئۇنۋان ئۈچۈن ساتمايمەن پەزىلەتنى-قىممەتنى ، تالىمايمەن ئىت كەبى ئۆز قەۋمىمنى -مىللەتنى ، كولىمايمەن ئۆزگىنىڭ يېغىرىنى -ئىللەتنى ، يېزىپ بېرەي پۈتمىسەڭ بەش مىنۇتتا ھۆججەتنى ، ئېلىپ ئابروي تېپىۋال! بولدى ،ئۇنۋان ئالمايمەن . . ئەۋلاد غېمى قىپقويدى مېنى خىزمەت تەلۋىسى ، ئۆتۈپ كەتتى شۇنچە يىل قىلماي نومۇر غەلۋىسى ، توشسا ئەمدى ئامال يوق يۈرىكىمنىڭ سەبرىسى، چۈنكى ، ئۇنۋان ساڭا باپ - سەن باشلىقنىڭ نەۋرىسى ، مۇرادىڭغا يېتىۋال ! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن . . ماڭغان ھەر بىر ئىزىمدىن نىشان قالسا كۇپايە ، تۆككەن ئەجىر -تەرىمدىن ئەل نەپ ئالسا كۇپايە، بىر يۇتۇم داغ چاي بىلەن دوسقان سالسا كۇپايە ، شادلىنىپ ئۆز بەختىدىن سۇناي چالسا كۇپايە ، نېمە قىلساڭ قىلىۋال ! بولدى ،ئۇنۋان ئالمايمەن .
مەنبە :ئۆز قەلەم
2013-يىل 5-ئاينىڭ20-كۈنى
ئېلىۋال
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئۇنۋان دېمەك-پۇل دېمەك، قىلىپ ئامال، ئېلىۋال، قېيداپ يۈرمەي، كۆڭلۈڭنى قىلىپ خۇشال، ئېلىۋال، رەقىبىڭنى بوش قويماي قىلىپ ئوسال، ئېلىۋال، ئۆكتەملىكنى، زورلۇقنى قىلىپ قورال، ئېلىۋال، كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي قىلىپ خىيال ئېلىۋال.
ئۇنۋان ساڭا كەلمەيدۇ تالاشقانغا يول قويساڭ، بولالمايسەن ئىتچىلىك، قاۋاشقانغا يول قويساڭ، باشلىق بىلەن يۇندىنى يالاشقانغا يول قويساڭ، دوڭغۇيۇشۇڭ بىھاجەت باشلىقىڭغا پۇل قويساڭ، نېمە قىلساڭ بوپتۇلا، قىلىپ دەرھال ئېلىۋال.
سالالمىساڭ داستىخان، ئۇنۋان تۈگۈل پوقمۇ يوق، ۋىجدانىڭغا پەشۋا بار، خۇشامەتكە دوقمۇ يوق، ئۈمىد كۈتمە «بار» دىن سەن، ساڭا ھەتتا «يوق» مۇ يوق، ئۆلەي دېسەڭ نومۇستىن، يەنە بىكار ئوقمۇ يوق، ھارام ئالماي نەدە بار ساڭا ھالال، ئېلىۋال؟
بىلىپ قويغىن ئۇنۋان يوق تارتقان جاپا-جەۋرەڭگە، پەرۋا قىلماس ھېچكىشى قانائىتىڭ-سەۋرەڭگە، يامغۇرمۇ يوق تۆھپەڭگە يانتاق ئۈنسە قەۋرەڭگە، مىراس قالسۇن ئۇنۋانىڭ ئەۋلادىڭغا-نەۋرەڭگە، خالايىقنىڭ ئالدىدا سېلىپ تامبال ئېلىۋال!
2013-يىلى، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، يېڭىسار.
|