查看完整版本: [-- ئە.نىياز:مۇنبەرئارزۇنى سېغىندى(سالامنامە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئە.نىياز:مۇنبەرئارزۇنى سېغىندى(سالامنامە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەكبەرنىياز 2013-05-26 01:04
مۇنبەر ئارزۇنى سېغىندى (سالامنامە)
ئە.نىياز
سالام ئۇستاز ئاچىمىز  قەيەرلەردە يۈرىسىز ؟
كىملەر بىلەن نىمىنى ئارزۇ قىلىپ تۇرىسىز ؟
سىز بولمىغاچ مۇنبەردە بەكلا غىرىبسىندۇق بىز ،
بىزنى تاشلاپ قەيەردە ، قانداق سۆھبەت قۇرىسىز ؟

ياخشى يازساق ماختاشتا ، ناچىرىنى ساۋاشتا ،
سىز ئۈندىگەن بىزلەرنى مۇكەممەللىك قاراشقا .
ئەجرىڭىزدىن مۇنبەر گۈل ، شىئېرىيەت گۆھەردى ،
تەلەپچان بوپ ھەر ۋاقىت ماھىردىڭىز تاللاشقا .

مۇكاپاتلار ئالغان بىز سەمرىپ ئىلھام يازمىدا ،
ئالتۇن -تۇچنى ئايرىغان پەقەت سىزلا قازمىدا .
بارمىقىڭىز تەيياردى ئەركەكلەرچە گەپ قىلساق ،
مانا ئەمدى سىزنىڭسىز شىئېر ئەھلى  ھازىدا .

تېتىكتىڭىز ، شوختىڭىز شائىرلارغا مەشرەپتە ،
چاخچىقىڭىز ياقاتتى ھەر بىر ئىنكاس ، ھەر بەتتە .
كىچىكىگە كىچىكچە ، چوڭغا چاخچاق چوڭچىدى ،
مەشرەپلىرمىز سىزنىڭسىز بويۇن قىستى غۇربەتتە .

ئېيتىڭ ئۇستاز ئۆي غېمى يەلكىڭىزنى باستىمۇ ؟
ياكى تۇرمۇش بارمىقى تىنماي سىزنى قاستىمۇ ؟
سالامەتلىك يار بەرمەي ، دوختۇر ئاسما ئاستىمۇ ؟
ۋەيا مەكتەپ ئېغىر ئىش يۈكلەپ دارغا ئاستىمۇ ؟

كۆرۈنمەيسىز مۇنبەردە ، سىز ئاتامان تۇرۇقلۇق ،
شۇڭا ھەر بىر  يازمىمىز ئۇسسۇغانغا قۇرۇقلۇق .
چەۋەندازغا ئات كېرەك بۇنى ئوبدان بىلىسىز ،
ئىشەنمەمسىز مۇنبەرنىڭ دىلىغا سىز ئويۇقلۇق ؟ 

سىز مۇنبەردە كۆرۈنمەي ، مۇنبەر ئاغرىپ قاپتۇدەك ،
تۆتتاش كۆڭلى بەك يېرىم ، كۆز يېشىدا ئاققۇدەك .
ئوتقاش سىزنى تاپالماي بىتاپ بولۇپ نەزمىدە ،
تىۋىبەمىز گۈلخانمۇ دورا يېزىپ باققۇدەك  .

ياشار مۇدىر ئۇھسىنىپ چ چ توپتا  دانىشقا ،
دېرىكىڭىز قىلىشقا ئۇزۇن مەكتۇب سۇنغۇدەك .
كۆكسانغۇن ھەم تەۋپىقمۇ  سىزنى ئىزدەپ تاپالماي ،
تولا قاشلاپ بېشىنى تازچاق بولۇپ قاپتۇدەك .

ھە ،يېڭى گەپ ئاڭلىسام ئۆز قان ، ئۇزچاق ئىزدەپتۇ ،
ئاڭلاپ قويۇڭ ئارزۇ قىز يېقىنىڭىز بىز دەپتۇ .
بۇژغۇن بىلەن مەسلەتتە گۈلنار قۇشۇق تۆتىسى ،
ھەيۋە قىلىپ باغۋەنگە ئۇنى تاپقىن تېز  دەپتۇ .

سىز بولمىغاچ مۇنبەردە ئارسلانمۇ مۈگدىدى ،
ئىلھام بېرىپ ئەقىدە مۇشتۇمىڭنى تۈگ دېدى .
ناتىۋانىم ئۆكسۈسە سىزسىز دىلى قاغجىراپ ،
ئاتەشقىزنىڭ يالقۇنى يەنە قىيناپ ئۈكلىدى .

پات-پات سوراپ قالىدۇ يېڭى كىرگەن «مېھمان»لار ،
شەبنەم ھەمدە گۈلزىبا يولىڭىزغا قارايدۇ .
نادىرە ئاي ، كۆكسۇلتان تەسەللىيدە ئۇلارغا ،
ئەمما ئىچى تىتىلداپ تاتلىق -تاتلىق قاغايدۇ .

ئۇنداق قىلماي ئارزۇخان قايتىپ كېلىڭ مۇنبەرگە ،
بېرىپ تېزراق خاتىمە ئۇلۇغ-ئۇششاق گەپلەرگە .
مۇنبەر سىزنى سېغىندى ، سېغىنمامسىز مۇنبەرنى  ؟
قېنى ئىسسىق قولىڭىز قوشۇلمامسىز سەپلەرگە ! ؟

ئە.نىيازى يەتكۈزدى ئاغرىنىشلىق سالامنى ،
بولدى ئەمدى ھاي بېرىپ تۈگىتىمەن كالامنى .
ئالتىنچاينىڭ پاقىسدەك يەنە يوقاپ كەتسىڭىز ،
ئەۋەتىمەن ئىزدەشكە «ھەجۋىي» ئاتلىق بالامنى !



2013-يىل 24-ماي شەھىرى قومۇل .  مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم .

تۆتتاش 2013-05-26 01:17
تىمىسقىلاپ يۈرەمسەن،تېما تاپماي يازغىلى،
ۋاقتىڭ شۇنداق كۆپمىدۇ ئادەم ئىزلەپ تاپقىلى؟

ئىجاد قىلىپ دۇلدۇل بول،مەرىپەتنىڭ كانىدا،
بىلىم دېڭىزىدىن بايلىقنى،يول ئىزدىگىن قازغىلى.

ئۆزى كەتكەن يارەننىڭ، ئۆزى خالاپ كىلمىشى،
خەت يازغىچە مۇنبەرگە، ۋاقتىڭ يوقمۇ بارغىلى.

گەپ تاپمىسۇن باشقىلار، ئۆز ئىشىڭنى قىلىۋەر،
گۈل كۈرۈنۈپ مومايلار ،قالدىڭمۇ يا ئازغىلى.

tutya 2013-05-26 02:01
بۇركۇت بولۇپ پەرۋاز قىپ،قايتىپ كىلەر بىر كۇنى .
چاڭقىغاندا سۇ بولۇپ،قايتىپ كىلەر بىر كۇنى.

يوللار قاتتىق بۇلسىمۇ،ئەگرى توقاي ئەمەسمۇ
كالا قوشقان ھارۋىنى،ھەيدەپ كىلەر بىر كۇنى،

چولنى بۇستان قىلدىم دەپ،خۇشال بولۇپ ھىجىيىپ
ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ.قايتىپ كىلەر بىر كۇنى

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-05-26 02:28
ھىچ بولمىسا مۇنبەردە ،سالام  قىلغاچ   تۇرايلى ،
بولسا شادلىق يا ئازاپ ،تەڭ كۈلەيلى، يىغلايلى !

مۇنبەرداشلىق مىھرىمۇ ،تىترىتىدۇ يۇرەكنى ،
بولساق غېرىپ يا بىتاپ ،ئەڭ ئالدىدا بىلەيلى !

ئاززو بولغاچ گۈزەلدۇر ،مۇنبەر ،شئېر ۋە تۇرمۇش ،
ئارزوخانمۇ گۈل تاقاپ ،كەڭ «دالىدا»ياشايلى .

بىلەلمىدۇق خەرۋەرنى ،كۆرمىگەچكى ئەسەرنى،
ئارزوبەرسۇن بىر ھىساپ ،بەڭ خاموشتا يۇرمەيلى!

ئەكبەرنىياز 2013-05-26 22:19
ئۇنداق دېمە تۆتتاشجان ، ئىزدىشەيلى ھەر قاچان ،
يۈتۈپ كەتسە بولمايدۇ ئۇمۇ ياخشى ئاتامان .

تۆتتاش 2013-05-26 22:42
ئۆزى خالاپ كىرگەندۇ،نىچۈن ئەمدى قاچقاندۇ؟
پۇل تېپىشنىڭ كويىدا بىرەر شىركەت ئاچقاندۇ.

koksangun 2013-05-27 09:54
شىركەت ئەمەس ئېرىنىڭ زاۋۇتىدا قۇل ئىكەن ،
ئۇنى تورغا باشلىغان ئۈنچە - مارجان ، پۇل ئىكەن .

مەمەتسالى 2013-05-27 15:02
چاخچاق قىلساق ھەر قاچان ئىلمىي بولسۇن سۆزىمىز ،
سىرداشلارغا سىرداشچە ئىللىق بولسۇن كۆزىمىز .  

danix 2013-05-28 08:49
<< گەپ تاپمىسۇن باشقىلار، ئۆز ئىشىڭنى قىلىۋەر،
گۈل كۈرۈنۈپ مومايلار ،قالدىڭمۇ يا ئازغىلى.>>

ئارزۇنىڭ لېرىكىلىرىدىن ئۇنىڭ ياشلىقىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدۇق . تۆتتاش بۇرادەر ، سىز ئۇنى مومايغا چىقىرىۋەتكىنىڭىز نېمىسى ؟  
يوق ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس جۇمۇ .  

ئەكبەرنىياز 2013-06-03 02:50
دانىش ئاغام توغرا دەيدۇ بۇرادەر تۆتتاش ،
دىل كۆزۈڭدە قارىغىنا ئۇ مەڭگۈ ياپياش !!!

ئۇيغۇر 2013-06-03 16:35
تۆتتاشقا
سەن لەيلىگە قارىساڭ، مەجنۇن كۆزىدە قارا،
شۇندا كۆرۈنەر قېرىمۇ كۆزۈڭگە ھەم بىر بالا.

ئەكبەرجاننىڭ ئارزۇنى سېغىنىشى نۇرمالغۇ،
سىزمۇ نۇرمال ئەر بولۇڭ ياخشى- ياخشى قىز تولا.

ئۇيغۇر 2013-06-03 22:50
ئىنكاس توختاپ قالدىما.

ئەكبەرنىياز 2013-06-03 23:43
ئىجادىيەت سېپىدە قېرى - ياش دەپ ئايرىمدۇق ؟
مۇنبەرداشلىق  مېھرىنى ئويغۇرجاندەك قايرىمدۇق ؟!

tawpek 2013-08-04 11:28
ئوبدانلا كەپتىكەنتۇق چاخچاقلار.

ئارزۇ خنىم كۆرمىگەن ئوخشايدۇ.


查看完整版本: [-- ئە.نىياز:مۇنبەرئارزۇنى سېغىندى(سالامنامە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us