查看完整版本: [-- ئىنىق بىر ئۇچۇر بارمۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> ئىنىق بىر ئۇچۇر بارمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۇلخان0903 2013-04-28 01:36
ئىنىق بىر ئۇچۇر بارمۇ؟
تۇلۇقسىز 3-يىللىققا دەرىس بىرىدىغانلار يەنى تەكرار قىلىدىغانلار ،ياكى باشقا مۇنبەرداشلار،ئىچكىرى تۇلۇقنىڭ ئىمتاھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتاھانىدا تىل-ئەدەبىياتتىن قوش تىلنىڭ دەرىسىلىكىدىن ئمتاھان بىرەمدۇ ياكى ئادەتتىكى سىنىپنىڭ دەرىسىلىكىدىنمۇ؟ ۋە ياكى ئىككىلىسىدىن ئارىلاش چىقامدىغاندۇ بۇ سۇئاللار؟
مۇشۇ ھەقتە ئىنىق ئۇچۇر بولسا بىرىۋەتسەڭلار بوپتىكەن.
بىزگە كىلىۋاتقان مانىۋېر ئىمتاھان سۇئاللىرى قوش تىلنىڭ دەرىسىلىكىدىن چىقىۋاتىدۇ،بىزنىڭ ئۆتكىنىمىز بولسا ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ دەرىسلىكى.
ئىمتاھان ئىزاھاتىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىنىق ئۇچۇر يوق ئىكەن.

مەمەتئېلى 2013-04-28 12:28
شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ ئىلمى تەتقىقات ئاكادېمىيەسى تۈزگەن « 2013-يىللىق ئىمتاھان ئىزاھاتى »دا  « بۇ يىلقى ئىمتىھان سۇئالى‹ پۈتۈن كۈنلۈك مەجبۇرىيەت مائارىپى تىل ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى›  (تەجىربە نۇسقا) دىكى تىل ئەدەبىيات ئۈگۈنىش نىشانىنىڭ تەلىپى ئۇمۇمىيۈزلۈك گەۋدىلەندۈرىدۇ» دەپ ئىزاھلاپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا قوش تىل سىنىپلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكى ئاساس قىلىنامدۇ  قانداق؟  شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئوخشاش تىكىسىتلەرنى  ۋە مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىشى مۇمكىن.

مەمەتسالى 2013-04-28 16:46
ئۇنداق بولسا ئۇ كىتاپنى تىپىپ ئۇقۇغۇچىلارغا يۇق مەزمۇنلار بولسا كۇرسەتسەك بولغۇدەك

ئەكبەرنىياز 2013-04-28 19:13
دەل شۇنداق !

گۇلخان0903 2013-04-29 02:08
مەنمۇ ئىمتاھان ئىزاھاتىدىكى ئاشۇ قۇرلارغا قاراپلا شۇنداكمىكىن دىدىميۇ تازا ئىشەنىچ قىلالمىدىم.
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوقمىكىنە،
ۋاقىت يىتىشمەيدۇ دىگەنسىرى قوش تىلنىڭ كىتابلىرىنى تېپىپ ئوخشاشمايدىغان تىكىستلىرىنى قايتا ئۈتۈۋاتىمەن.

گۈلخان 2013-04-29 10:21
ئىنىق ئۇقۇشۇمچە قوشتىل دەرسلىكىنى ئاساس قىلىدىكەن.

گۇلخان0903 2013-04-29 23:12
رەھمەت،سىزگە.ئەمدى ئىنىق بولدى.

dilrus 2013-05-01 08:58
ھەر ئىككى خىل دەرسلىكتە بار مەزمۇنلار ئاساس قېلىنىپ چېقرىلىدىغۇ دەيمەن.

تەشنا005 2013-05-06 15:43
بىز تېخى ئادەتتىكى سىنىپنىڭ دەرىسىلىكىنى ئۇتۇپ شۇمەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ پۇداۋ قىلىۋاتىمىز.


查看完整版本: [-- ئىنىق بىر ئۇچۇر بارمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us