查看完整版本: [-- قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2013-04-21 01:56
پۇلدار يىگىتكە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى:
داڭلىق پىكاپ، ھەشەمەتلىك داچا، قىممەت باھالىق كىيىم- كېچەك، ئۈنچە-مەرۋايىت، جاۋاھىراتلارغا كۆمۈلۈپ ياشاش نېمە دىگەن پەيزى-- ھە؟! شۇنىسى يىگىتلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇھتاج. پۇلدار يىگىتلەر ئەلۋەتتە سودىگەر بولۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە ئالدىراپلا يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاجايىپ بايلىق بىلەن تولۇپ كەتكەن بولىدۇ، مىنۇت- سىكۇنت، ھېساپ- كىتاپ بىلەن ھەپىلەشكىنى ھەپىلەشكەن. ئۇلار ئالدىراشلىق ئىچىدە رەپىقىلىرىنى ئاسانلا ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلار تېلېۋېزورغا، پەردارزخانىغا ياتلىق بولغاندەك تاقەتسىزلىك، زېرىكىشلىك ئىچىدە ياشايدۇ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش چىن مۇھەببەت بىلەن بىرلەشمىسە ھاياتنىڭ نىمە لەززىتى؟
كېلىشكەن ئەرلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى :
كېلىشكەن يىگىتلەر كۆڭلىدە بىرلا قىزنى ياخشى كۆرىمەن دىسىمۇ، يەنە باشقىلار بىلەنمۇ ئاپاق-چاپاق بولۇپ ئۆتۈۋېرىدۇ، ئاخىرى بۇ نىكاھ پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
بىكارچى يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى:
بۇنداق يىگىتلەرنىڭ ئىشى بولمىغاندىن كېيىن دائىم سىزگە ھەمراھ بولىدۇ. ئۇ دائىملا ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولسا، زېرىكىشلىك، بىزارلىق ھېس قىلىدىكەنسىز، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنداق ئادەمنىڭ كۆپ پۇلى بولمايدۇ. سىز جاپا چېكىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولىسىز. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولسىڭىز " ئېرىم ئالماسقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا تەككىچە دات باسقان تۆمۈرگە تەگسەمچۇ" دەپ پۇشايمان بىلەن ئۆتىسىز.
شېرىن سۆزلۈك يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى:
بۇنداق يىگىتلەر سۆزمەن بولۇپ، قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئەمما بۇنداق يىگىتلەر ناھايىتى خەتەرلىك، ئېھتىيات قىلمىسىڭىز سىرتتا بىر نەچچە " رەڭلىك بايراق" نىمۇ كۆتۈرىۋالىدۇ. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلار ئازاپ ھەم نومۇستىن ئۆرتىنىدۇ.
كەسپىي خادىمغا ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى:
بۇنداق يىگىتلەر بىر قەدەر يۇقۇرى ساپاغا ئىگە. ئۇلار دائىم ئالدىراش يۈرىدۇ. ھەتتا كېچىلەردە خىزمەت قىلىدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق، تۇرمۇش مۇشۇنداق ئۆتكەچكە، رومانتىكىلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ ئېھتىيات قىلمىغاندا، كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغان گەپ.
ئوقۇتقۇچىغا ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى:
ئۇلارنىڭ ئۆسۈش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەتتا سىزگە ھەيران قالدۇرارلىق خوشاللىق ئاتا قىلالمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قىزلار كىمگە ياتلىق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ۋايسىماي قالمايدىكەن. شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، دۇنيادا سىز ئارزۇ قىلغاندەك ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئىنسان يوق، ئادەم نۇقسانسىز يارىتىلغان ئەمەس.
نىكاھ---- نائىلاجلىق ، بۇ تۇرمۇشنىڭ دەل ئۆزى.

                            مەنبە:ئانا تۇپراق تورى

akkax 2013-04-22 10:36
   ئەر - ئاياللارنىڭ نىكاھى بىر تاساددىپىيلىق. سەكسەن پىرسەنتى مۇشۇنداق. ئاياللار ئېرىدىنلا ئەمەس، ئەرلەرمۇ ئايالىدىن مۇتلەق رازى بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈشىنىش كەم.
  بۇنىڭ ئەڭ ئېغىرى قىز - ئوغۇللارنىڭ بالدۇرقى مۇھەببىتى. بۇنداقلارنىڭ نىكاھى قوشۇلىدىغىنى بەك ئاز. شۇڭا، كېيىنكى نىكاھ ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن بۇرچ، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش جەريانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ نىكاھنى مۇھەببەتكە تولدۇرايدىغانلار ئەڭ بەختلىك.

natiwan 2013-04-23 00:17
تازا بىلمىدىم جۇمۇ

ئەكبەرنىياز 2013-04-23 21:55
توي قىلمىغان قىزلار بۇ تېمىنى كۆرمىسە بولامدۇ ،-قانداق ؟ بولمىسا بىر ئۆمۈر كۆڭۈل توختىتالماي ئۆتۈپ كەتكۈدەك !

ئەسەرشاھ 2013-04-24 11:10
نىكاھ غايىپ دېگەن سۆز بار ئەمەسمۇ، «توي»دېگەن ئىسىمنى ئەجەپ قويۇپىكەن، ھەممىگە تويىسەن دەپ.

2010 2013-04-25 14:56
ئەر-ياكى ئايالدىن رازى بولۇشتا ،ئۆتكەننى ئەسلەش ، سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىش ،قولىدىكىنى قەدىرلەش .كېرەك.ۋىسالىغا يېتەلمىگەن مۇھەببىتىڭىز يېنىڭىزدا بولسا ئەھۋال يەنە قانداق بولماقچى؟ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەممە قىزغىنلىق نورمال ھالەتكە قايتىدۇ .سىز يېنىڭىزدىكى كىشىنى تۇنجى ۋە مەڭگۈلۈك ئاشىقىم دەپ بىلەلىسىڭىزلا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەدەم ،بىر تىنىق ئالالىسىڭىزلا چوقۇم ئۇنى راستقا ئايلاندۇرالايسىز. ئۆتمۈشنىڭ قۇلى بولۇش ياكى گۈزەل ،بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ساھىبى بولۇش پەقەت ئۆزىڭىزگىلا باغلىق خالاس.

ئاشىق 2013-04-27 20:50
پاھ!ئەجەپ قالتىس تىمىكەن بۇ.

ئادىلە8 2013-05-03 12:17
بىلىۋالدىم

akqolpan 2013-05-06 11:31
  ياخشى تېمىكەن.    ئەمما ئادەمدە قانائەت بولسا چۇقۇم تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك تەرەپلىرىنى ھىېس قىلايدۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-04 19:50
ئەر-ياكى ئايالدىن رازى بولۇشتا ،ئۆتكەننى ئەسلەش ، سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىش ،قولىدىكىنى قەدىرلەش .كېرەك.ۋىسالىغا يېتەلمىگەن مۇھەببىتىڭىز يېنىڭىزدا بولسا ئەھۋال يەنە قانداق بولماقچى؟ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەممە قىزغىنلىق نورمال ھالەتكە قايتىدۇ .سىز يېنىڭىزدىكى كىشىنى تۇنجى ۋە مەڭگۈلۈك ئاشىقىم دەپ بىلەلىسىڭىزلا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەدەم ،بىر تىنىق ئالالىسىڭىزلا چوقۇم ئۇنى راستقا ئايلاندۇرالايسىز. ئۆتمۈشنىڭ قۇلى بولۇش ياكى گۈزەل ،بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ساھىبى بولۇش پەقەت ئۆزىڭىزگىلا باغلىق خالاس.


查看完整版本: [-- قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us