nasirdin |
2013-04-11 10:54 |
ئۆي سېتىۋېلىش (ھېكايە) لىيۇ چاۋ ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ گېپى چىقسا،نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشى قاتىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. يېقىندا نىمكەش ئۆيدىن بىرنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، يېرىم يىل ئىزدىنىپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆي سېتىۋالالمىدىم، بۇنىڭ سەۋەبى ،بىرسى قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى، يەنە بىر جەھەتتىن ئالدىنىپ قېلشىتىن قورقۇپمۇ قالغانىدىم. mV]g5>Q\ بۈگۈن بازار ئارىلاۋېتىپ، ئىختىيارسىز ئۆي سېتىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم، قارىسام، بۇ ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنى خېلىلا مۇۋاپىق ئىكەن. مەن كۆرۈپ بېقىش نىيىتىدە، ئېلاندىكى نومۇرغا تېلفۇن قىلدىم،ئۆي ئىگىسى تېلفۇندا ئۆينى كۆرستىشكە ۋاقتى چىقمايدىغانلىقىنى،لېكىن قوشنىسىنىڭ ئۆيىگەئاچقۇچنى قويۇپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. m*,[1oeG& مەندەرھال ئۇ ئۆيگە بېرىپ، ئۇدۇلدىكى قوشنا ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتىم،ئىشىكنى 70-80ياشلاردىكى بىر بوۋاي ئاچتى.ئۇ مەقسىتىمنى ئۇققاندىن كېيىن كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىشىتىتى. [,X,2 ـ ماقۇل، ئاچقۇچنى ئەپچىقاي،- ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقىپ،ئۇدۇلدىكى ئۆينى ئېچىپ، ماڭا كۆرسەتتى.مەن ئۆينى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدىم.باھاسىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، ئۆي ئىگىسىگە تېلفۇم قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا،قوشنام لاۋ شىيادىن تېلفۇن كېلىپ قالدى، ئۇناھايىتى ئالاقزادە بولغان ھالدا بايا مۇئەللىمدىن بالسىنىڭ مەكتەپتە قىزىپ قالغانلىقىنى بىلگەنلىكى، ئۆزى ۋە ئايالى يېزىدا بولغاچقا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنىڭ مەكتەپكە بېرىپ، بالىنى دوختۇخانىغا ئاپىرىشىپ بېرەلەيدىغان،بېرەلمەيدىغانلىقىمنى سورىدى. S*@0%|Q4r مەن شۇئان ماقۇللۇق بىلدۈردۈم ھەمدە بوۋايغا ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم. l~c>jm8. ـ سىز ئاۋال چاپسان مەكتەپكە بېرىڭ،-دېدى ئۇ دەرھال،- ئۆينىڭ ئىشىنى ئالدىرىماي دېيشسەكمۇ كېچىكمەيمىز! z3LPR:&Z ئەتىسى مەن ئۆي ئىگىسى بىلەن سۆزلەشتىم،ئۇ دەسلەپتىلا 250 مىڭ يۈەن باھا قويدى. بۇ ھەقىقەتەن خېلىلا مۇۋاپىق باھا ئىدى. RL8wSK
ـ قانداق؟-دېدى ئۆي ئىگىسى كۈلۈپ تۇرۇپ،ـ مەن سىزنىڭ راستىنلا ئۆي سېتىۋالماقچى بولغىنىڭىزنى بىلدىم، شۇڭا نەق گەپنىلاقىلدىم، سىز بىلەن ئارتۇقچە باھا تالىشىپ ئولتۇرغۇم يوق. Mc^7FWkw مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆينىڭ باھاسى توغرىسىدا سۆزلىشىشتىن خىجىل بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئويلىنىپ بېقىش نىيىتىمنى بىلدۈردۈم. ^C
T}i' ـ ئۇنداقتا چاپسانراق بىر قارارغا كېلىڭ،-دېدى ئۆي ئىگىسى ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن،- ھازىر نۇرغۇن خېرىدارلار ئالىمىز دەپ تۇرۇۋاتىدۇ! wajhFBJ تېلفۇننى قويۇپ بولۇپلا تىت-تىت بولۇشقا باشلىدىم. راستىمنى ئېيتسام، بۇ ئۆينى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم. بىراق يېنىمدا پەقەت يۈز نەچچە مىڭ يۈەنلا پۇلۇم باربولۇپ،ئۆتنە-يېرىم قىلغان تەقدىردىمۇ 150 مىڭ يۈەنگە يەتمەيتتى. 250مىڭ يۈەنگەيەنە خېلىلا كەملىك قىلاتتى. rJj~cPwL" ئىككى كۈن ئويلاندىم، ھەر قانچە قىلىپمۇ 250 مىڭيۈەن چىقىرالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ،ئامالسىزلىقتىن بۇ ئۆيدىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇم. ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى ئۆي ئىگىسى ماڭا تېلفۇن قىلىپ، قانداق قارارغاكەلگەنلىكىمنى سورىدى. =LA@E&,j ـ بۇ ئۆي ھەقىقەتەن بەك ئەرزانكەنتۇق،لېكىن250مىڭ يۈەن پۇلنى تېپىپ بولالمىغىدەكمەن، - دېدىم مەن خىجىللىق ئىچىدە. H.K`#W& ـ مۇنداق بولسۇن ئەمىسە-دېدى ئۆي ئىگىسى بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن،-200مىڭنى ئالدىن بېرىپ تۇرۇڭ، قالغان 50مىڭ يۈەننى كېيىنچە بېرەرسىز، قانداق بولغۇدەكمۇ؟ bd}SB -D مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران قالدىم ھەم خۇش بولدۇم، ئۇ ھەقىقەتەن غەرەز ئۇقۇدىغان ياخشى ئادەم ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر ھەپتە ئىچىدە پۇلنى تەييارلاپ، ئۆينى سېتىۋالىدىغان بولدۇم. KK|Jach شۇنداق قىلىپ مەن پۇلنىڭ غېمىنى قىلشقاكىرىشتىم، يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ، ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن پۇل سوراپ يۈرۈپ، ئاران تەسلىكتە180 مىڭ يۈەن غەملدىم. 4
tTJE<y مەن ئىدارىدىكى خىزمەتداشلىرىمدىن ئازراق ئۆتنە ئېلىپ، پۇلنىڭ كەم قىسمىنى تولۇقلىماقچى بولدۇم. ئىشخانىدا ئۆي ئالىدىغان گەپ چىقا-چىقمايلا، ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرۇدىغان ياڭ خانىم ماڭا بىر ئۆينى تونۇشتۇردى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ ئۆي بىر مېھمانخانا، ئىككى ياتاقلىق بولۇپ، مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، ئۆي ئىگىسى ئۆلكە مەركىزىدىن ئۆي سېتىۋالغاچقا، جىددى ساتىدىغان بولۇپ قاپتۇ، باھاسىمۇ مۇۋاپىق بولۇپ، 280مىڭ يۈەن بولسا بولىدىكەن. 9x,+G['Zt مەن قايتا سوراپ باققاندىن كېيىن، سەل ھەيران قالدىم. ياڭ خانىم گېپىنى قىلغان بۇ ئۆي مەن ئالماقچى بولغان ھېلىقى ئۆي شۇدەك قىلاتتى، بىراق ئۆي ئىگىسى بۇ ئۆينى 250 مىڭ يۈەنگە ساتىدىغان بولۇپ، 50 مىڭيۈەننى نىسى قىلىپ تۇرسام بولدىغانلىقىنى ئۆزى دېگەن تۇرسا. 3Re\ T ـ تۇنۇگۇن بىر دوستۇم ئۇ ئۆينى ئالغىلى بېرىپ، 270 مىڭ يۈەن قىپتۇ، لېكىن ئۆي ئىگىسى ئالدىن پۈتۈشۈپ قويغان ئادەم بار ئىدى، دەپ ئۇنىماپتۇ. قارىغاندا ئېھتىياتقىلمىسىڭىز بولمىغىدەك، باشقىلارنىڭ قاپقىنىغا دەسسىۋالماڭ يەنە،- دېدى مېنىڭگۇمانىمنى سەزگەن ياڭ خانىم. ~Wv?p4 مەن بۇنى ئاڭلاپ سەل قورقۇپ قالدىم،ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ باقسام، بۇ ئىشتا بىرەر چاتاق باردەك قىلاتتى. @kymL8"2w ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆي ئىگىسىدىن يەنەتېلفۇن كەلدى،مەن ئېھتىيات بىلەن تېلفۇننى ئالدىم. A>yIH)b ـ بەكمۇ خىجىلمەن، تېخىچە پۇلنى جايلاپبولالمىدىم،ـ دېدىممەن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ. B[50{;X - 180مىڭ يۈەن بولسىمۇ بولىدۇ،ـ دېدى ئۇبىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن. 49GCj`As ـ پەقەتلا يوق،ـ دېدىممەن سەل ھۇدۇقۇپراق. 4y.[tk5 ـ زادى قانچە پۇلىڭىز بار ھازىر،ـ دېدىئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ،- 150 مىڭ يۈەنغۇ باردۇ؟ ئالدىن شۇنى تاپشۇرۇپ تۇرسىڭىز،قالغىنىنى 3 يىل ئىچىدە بەرسىڭىزمۇ مەيلى، قانداق؟ CVp گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ ئىشتا بىر قىلتاق بارلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم-دە،كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدىم. k6S<46}h| -مەندە ھازىر ئۇنچىلىك پۇل يوق، بولدىلا، بۇ ئۆينى ئالمايلا قوياي، سىز باشقا ئادەم ئىزدەپ بېقىڭ،- مەن شۇنداق دېدىم-دە، تېلفۇننى بېسىۋەتتىم. Q8i6kf! ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەم، قوشنام لاۋشىيا بىر نەچچە بوتۇلكا ھاراق كۆتۈرۈپ كەپتۇ.ئىچىپ ئولتۇرغاچ بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا 70-80 ياشلاردىكى ھاسا تاينىۋالغان بىر ناتۇنۇش بوۋاينىڭ مېنى ئىزدەپكەلگەنلىكىنى،بوۋاي سەل غەلىتە بولۇپ، تاققا-تۇققا بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغانلىقىنىۋە مېنىڭ ئەھۋالىمنى سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى دېدى. O1,[7F.4g - راست!- دەپ توۋلىۋەتتىم مەن يوتامغابىرنى شاپىلاقلاپ،-مەن بۇ قېرىنى كۆرگەن، ئۇ ئېھتىمال ئالدامچى بولۇشى مۇمكىن! v(~m!8!TI ئارىدىن يەنە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئەمدى تاماق يەي،دەپ تۇراتتىم،توساتتىن ئىشىك چېكىلدى، ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام، مېنى باشلاپ ئۆيكۆرسىتىپ قويغان ھېلىقى بوۋاي ئىكەن. مەن بىر پەس ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن سورىدىم: O6]~5&8U. -بوۋا مېنى ئىزدەملا؟ sd%~pY} بوۋاي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.مەن ئۇنى ئانچە خالاپ كەتمىسەممۇ، يەنىلا ئۆيگە باشلىدىم.ئۇ قويۇق يانچۇقىدىن قەغەز بولاققائورالغان بىر نەرسىنى چىقىرىپ، شىرەگە يايدى. ئاندىن سالماقلىق بىلەن ئورالمىنىئاچتى. UepBXt3) مەن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. قەغەزبولاقنىڭ ئىچىدە قېلىن ئىككى باغلام پۇلتۇراتتى. H;1}Nvvd ـ يىگىت ، نېمىشقا ھېلىقى ئۆينى ئالمايدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟-دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن. K2 2Xo<3 - ئۇنچىلىك كۆپ پۇلۇم يوق،- دېدىم مەن بېشىمنى چايقاپ. flqTx)xE ـ مەن 20 مىڭ يۈەن ئېلىپ كەلدىم،-دېدى بوۋاي شىرە ئۈستدىكى پۇلنى ئىشارە قىلىپ،-بۇ ئۆزۈم تاپقان پۇل، ئاۋال بۇنى ئېلىپ تۇرۇڭ، يەتمىسە يەنە ئامالىنى قىلارمىز. ): 6d_g{2 مەن بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي،دەمالىققا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم.بۇ ئىش راستىنلا غەلىتىرەك تۇيۇلدى،شۇڭا بۇ پۇلنى قوبۇل قىلماسلىقنى توغرا تاپتىم. ئۇنىڭ بىلەن يارۇ-بۇرادەر ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلاردىن ئەمەسلىكىمىزنى، پۇلنى ئالسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئويلىمىغان يەردىن بوۋاي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى . J^4k} ـ بۇنىڭدىن كېيىن بىز قوشنا بولىدىغانتۇرساق،-دېدى ئۇ،- قانداقسىگە يارۇ-بۇرادەرلەردىن بولمىغىدەكمىز؟ سىز پۇلنى چوقۇم ئېلىڭ،بۇنىڭغا قارىتا ھۆججەت يازسىڭىزمۇ يازمىسىڭىزمۇ مەيلى! HenJlo مەن يەنىلا قەتئىي رەت قىلدىم. *bEsWeP ـ سىز مېنى چوقۇم بىر ئالدامچى دەپقالدىڭىزغۇ –ھە؟- دېدى بوۋاي يۈزۈمنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ. /&yT2p مەن كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلىغان بولساممۇ،ئۈن چىقارمىدىم. tUQ)q - خاتىرجەم بولۇڭ،-دېدى بوۋاي كۈلۈپتۇرۇپ،-مەن زىنھار ئادەم ئالدىمايمەن،-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، قوينىدىن بىر تۈگۈنچەكنى چىقىرىپ، شىرەگە قويدى. `Z-`-IL -مانا كۆرۈپ بېقىڭ، بۇ ھېلىقى ئۆينىڭ گۇۋاھنامىلىرى. 1oPT8)[U -بوۋا، ئەسلى ئۆينىڭ ئىگىسى سىزكەنسىز-ھە؟-سورىدىم مەن شۈبھىلىنىپ. ?}[keSEh> - ياق، ئۆينىڭ ئىگىسى مېنىڭ قوشنام،-دېدى بوۋاي ئىختىيارسىزكۆزلىرىگە ياش ئېلىپ،- مەن ئۇ كىشى بىلەن ئون نەچچە يىل خۇددى بىر تۇغقان-قېرىنداشتەك قوشنا بولۇپ ئۆتتۈم. ئادەتتە ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا،ئۇدائىم ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ تۇراتتى. كۆچۈپ كېتىدىغان چاغدا، كەلگۈسىدىكى قوشنىنى مېنىڭ تاللايدىغانلىقىمنى، ئەگەر مەن رازى بولمىغان ئەھۋالدا، قانچە پۇل بولشىدىن قەتئىينەزەر ھەرگىز ساتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بالام، سېنى ياقتۇرۇپ قالغاچقىلا،شۇنداق قىلىۋاتىمەن. |k+^D : مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، دېمەكچى بولغانلىرىنى ئېنىق چۈشەندىم. بوۋايمۈرەمنى پوپىلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، ئېيتىشىچە، ھېلىقى كۈنى ئۆي كۆرىۋاتقاندا،قوشنامنىڭ ئىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن دەرھال قايتىپ كەتكىنىم، ئۇنى بەكلا قايىل قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئالايتەن سۈرۈشتە قىلىپ، قوشنام بىلەنخۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ياخىشى ئۆتىغانلىقىمنى ئۇقۇپ، مېنى قوشناقىلىۋالماقچى بولغان ئىكەن. k&b>-QP6 مەن ئاخىرى بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم،ئەسلىدە ئۆي ئىگىسىنىڭ باھانى تۆۋەنلىتىپ، ماڭا قايتا-قايتا ئېتىبار بېرىشىدە باشقىچە غەرىزى يوق ئىكەن، پەقەت بوۋاي مېنى قوشنا بولۇشقا تاللىغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق قىپتىكەن. (agdgy:# بىر نەچچە ئايدىن كېيىن،خۇشال-خۇرامھالدا ھېلىقى ئۆيگە كۆچۈپ كەلدىم، لاۋشىيانى ئۆيۈمدە مېھمان قىلدىم،ئۇ تاماقتىن كېيىنمەندىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالداقولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ دېدى: RulI
zv - بۇرادەر، پات-پات مېنى يوقلاپ تۇرارسەن جۇمۇ! hlRE\YO&8R - بۇندىن كېيىن ،- دېدىممەنمۇ ھاياجانلىنىپ،- كونا ئۆيۈمنى كىمگە ئىجارىگە بېرىش ۋە كىمگە سېتىشنى سەن بەلگىلىگىن! 9=|5-?^ 7F.,Xvw&@ 4tI~d8?pk+ «ھېكايىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 8-ئاي(كېيىن يېرىم ئاي)لىق سانىدىن نەسىردىن ھاپىز تەرجىمىسى Qxwe,: |
|