كۆز بۈلۈمى
تۆتتاش
يىتىملىكتە قۇياش نۇرىغا، زارلانماقتا ساداقەت كۆزلەر. ياش تۆكمەكتە تۆت تام مۇڭلىنىپ، يۇرۇق بەرمەس ياسىداق سۆزلەر.
تېڭىق كۆزلەر دۈم يېتىپ گاھى، خىيالىدا جاھان ئايلىنار. زەمزەم دۇرا تېمىتسا تۆت ۋاخ، كۆزدە ئۈمىد سۇلتان سايلىنار.
ھاسا كۆزدۇر قىسقا يوللارغا، تەشنا ھامان ماڭسا قوللارغا. ئاھ ! نىمانچە تاردۇر بۇ دۇنيا، بارالمىسا گۈزەل جايلارغا.
يۈرەك تۇيار ئۇرۇق تۇغقاننى، يۇرۇق بىرەر قۇياش بۇپ ئۇلار. قەلبىدە بار بىر پارچە سۆرەت، ئېتىقاتتا مەڭگۈلۈك ساقلار.
دەرىزىمۇ يۇرۇقلۇق بىرەر، كارۋات،ئىشىك،كارىدۇر ھەممە. يۇرۇقلۇقنى قايتا نىكاھلاپ، ساقايغاندا ئۇدۇمدىن كەچمە.
كۆرمىسە ھەي،دوختۇر جاپالىق، ئامال قىلىپ ياسىغان كۆزلەر، كار قىلالماس مىسكىن قەلبىگە، يۇرۇق بەرمەس ياسالما سۆزلەر.
كۆز بۈلۈمى ،يۇرۇق ئامبىرى، سېستىرالار باھار ئەلچىسى. نىمجان كۆزگە مەڭگۈلۈك ھەمرا، دوختۇرلارنىڭ كۆزلەر مەلھىمى.
مەنبە: تۆتتاش
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-،2-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە 474-دوختۇرخانا كۆز كېسەللىكلىرى 5- بۈلۈمى 507-ياتاق
|