بىر قېتىملىق ياشانغانلار پىسخىكىسى دەرسىدە ،دوكتور پاۋل رۇسكىن ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى : __ بۇ بىمار گەپ قىلالمايتتى ھەم باشقىلارنىڭ سۆزىنىمۇ چۈشەنمەيتتى .بەزىدە توختىماي بىرنەچچە سائەتلەپ ۋارقىرايتتى ،ئادەملەرنى پەرقلەندۈرەلمەيتتى .بىراق ،ئۇنىڭ ئسمىنى چاقىرغاندا ،ئۇنىڭدا ئازراق ئىنكاس پەيدا بولاتتى .مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالتە ئاي بىللە بولدۇم ،بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىگە پىسەنت قىلمايتتى ھەم ئۆزىنى كۈتۈشنىمۇ خالىمايتتى .تاماق يېيىش ،يۇيۇنۇش،كىيىم كىيىش قاتارلىق ئىشلاردا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولاتتى .ئۇنىڭ چىشى بولمىغاچقا ،تاماقلار ئېزىپ پىشۇرۇپ يېگۈزەلەتتى .ئۇنىڭ ئاغزىدىن دائىم شۆلگەي ئېقىپ تۇرغاچقا ،كىيىملىرى بىردەمدىلا مەينەت بولۇپ كېتەتتى ،ئۇ ماڭالمايتتى .دائىم يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ،چىرقىراپ باشقىلارنىمۇ ئويغىتىۋىتەتتى .كۆپ ۋاقىتلاردا ،ئۇ ئىنتايىن دوستانە ۋە خۇشال ئىدى ،بىراق كۈندە دېگۈدەك سەۋەبسىزلا تېرىكىپ قالاتتى .شۇنىڭ بىلەن ھۆڭرەپ يىغلاپ ،باشقىلارنىڭ تەسەللىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن توختايتتى .پاۋل رۇسكىن بۇلارنى سۆزلەپ بولۇپ ساۋاقداشلاردىن سورىدى : __ سىلەر بۇ بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالايسىلەر ،شۇنداقمۇ ؟ كۆپلىگەن ساۋاقداشلارنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ ،ئۇنداق ئاۋارىچىلىككە قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . __ مەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خۇشاللىق بىلەن خالايمەن ،سىلەرمۇ چوقۇم خالايسىلەر . ساۋاقداشلار گاڭگىراپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن دوكتور ئاشۇ بىمارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ ساۋاقداشلارغا بىرمۇ بىر كۆرسەتتى ،رەسىمدىكىسى ئەمەلىيەتتە دوكتورنىڭ ئالتە ياشلىق ئەتىۋارلىق قىزى ئىدى ! ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى دەسلەپتە بۇنداق بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالىمىغانىدى .بىراق .<<بىمار>>نىڭ يېشىنى بىلگەندىن كېيىن كىچىك بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جاپالىق بولسىمۇ ،بۇ ئىشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى .سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى خىزمەتكە قانداق قارايسىز ؟خۇشاللىق ھېس قىلامسىز ؟سىز ئۇلارنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان چېغىڭىزدا ،شۇ خىزمەتنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيدىغان بولىسىز !
(<<تەرمىلەر >> ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى ) |