يېڭى يىل تەشەبۇسنامىسى يېڭى يىل كېلىۋاتىدۇ، بەتلەرنى قايتا يېزىشقا كېلىۋاتىدۇ ، رىقابەت قوينىدا پۇچۇلنىۋاتقان روھلاردىن ئۆزىگە ھەمدەم ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ،..
ئۇ كېلىۋاتىدۇ... دەۋىرلەرنىڭ دەۋىرلەرگە ئالمىشىشىنى مۇشۇنداق« كېلىشلەر » ئۈنسىزلا بىزگە سوۋغا قىلغان، بۈگۈننىڭ كېچىسىدە ئەتىنىڭ تېڭى تەۋەللۇت بولغۇنىغا ئوخشاشلا كونا يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنوتلرىىدا يېڭى يىل تەۋەللۇت بولىدۇ.
زىمىن يېڭى يىل ئۈچۈن خۇشاللىق تەنتەنى قىلسىمۇ ،كونا يىل ئۈچۈن ئوخشاشلا ياش تۆكۈدۇ، چۈنكى زىمىنمۇ شۇ يىل بىلەن قېرىپ ماڭىدۇ. قىسقىسى : پۈتكۈل كائىنات كونىلىق بىلەن يېڭىلىق ئوتتۇرسىدا قىسىلىپ، نەپەسلىرى ئۈزۈلۈپ تۇرۇپ بۇ يېڭىلىقنى كۈتىۋالىدۇ .
يېڭى يىل كېلىۋاتىدۇ! يېڭى يىلنىڭ بۇسۇغىسى بەكلا ئېگىزدەك بەكلا پاكاردەك بەكلا تاردەك ، بەكلا كەڭدەك... كەڭلىك ئىچىدە چەكسىزلىك يېيىلىپ ياتىدۇ.چەكسىزلىكنىڭ ئىچىدىن گۈزەل ئارزۇلار ، يىقىشلىك تىلەكلەر خىجىلچان قىزلاردەك تەمتىرەپكىنە قارايدۇ. ئارزۇلارتۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەشنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئېلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ... مۇشۇنداق گۈزەل ئارزۇلارنىڭ شاھىدى بولغان تەۋپىق تورىمۇ يېڭى يىلنىڭ كېلىشى بىلەن يېڭى بىر مەنزىلنى كۈتىۋالىدۇ. ..يېڭى مەنزىلنىڭ تىلەكلىرىمۇ ئۆزگىچە. مانا ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تىللەپ ئولتۇرۇپ بۇ يېڭى يىل تەشەبۇسىنى يېزىۋاتىمەن.
تەۋپىقدىشىم؛ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
كونا يىلىڭىزدا ، سىز ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدورىدا كۆزگە چىلىقىپ قالىدىغان قىز ئوغۇللارنىڭ بىلەكلىرىگە ئېسىلشىپ تۇرۇپ سۆزلىشىدىغان ھالىتىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ سىز كىتابنى ھېجىلەپ ئوقالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىنى ئۇچۇرتۇپ باققانمۇ؟ سىز يەنە بىر چەتتە تاشلىنىپ قېلىۋاتقان تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ باققانمۇ؟ سىز يەنە ... مۇشۇنداق سورىسام ھەممىسىگە ئۇچۇراتقان دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىمىز تەبىئى.
ھېچقانداق باھالانمايدىغان ، سۈرۈشتۈرە قىلىنمايدىغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ «تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى» دېگەن نامنى ئېلىپ يۈرمىگەنسىز؟ پەقەت سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقى ئۈچۈنلا بوشاپ كەتمىگەنسىز؟ تىلۋىزوردا ھە دەپ تەشۋىق قىلىنۋاتقان باشقا پەن ئوقۇتۇشلىرىغا قاراپ ئۆگەيلىنىپ قالغاندەك ، يىگانە بولۇپ قالغاندەك ھېسىياتقا كېلىپ ئۆزلىكىڭىزدىن بۇ پەندىن ۋاز كەچمىگەنسىز؟ مەكتەپنىڭ ھەر خىل پائاليەتلىرى ئىچىدە سۇزلۇشۋاتقان ئانا تىل پائاليەتلىرىنى ئۆتكىزىپ بېقىشقا كۈچەشنىڭ ئورنىغا ئاغرىنىپ چىكىنىپ چىقمىغانسىز؟ مەن ئىشىنىمەن كونا يىلدىكى بۇ مەسىللەرگە يېڭى يىلدا ئويلىنىپ تۇرۇپ تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىشكە تىرشىسىز!
مەن تەۋپىقداشلىرىمغا بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا شۇنداق تىلەك تىلەيمەن.
ھۆرمەتلىك ئۇستازلار: ھەر قايسى دەۋىر ئۆز زامانىسىدكى كىشىلەرنىڭ غورورىغا ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەرنى قويغان ، مەسئولىيەتلەرنى يۈكلىگەن ، ئەلۋەتتە ھازىرقى دەۋىرنىڭ بىزگە قويغان تەلىۋىمۇ ئوخشاش بولمىدى. بىز بىر تۈركۈم تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تارقاتقۇچىلار ، ئۆگەتكۈچىلەر، شۇ تىل ئاساسىدا شەكىللەنگەن مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلغۇچىلار !
« تىل – ئەقىلنىڭ تەرجىمانى ، ئوقۇشنىڭ قۇرالى » « ئادەمنى كىم تەربىيلىسە ، يۈرۈكى شۇنىڭغا سوقىدۇ .»« تىل – ھېسىيات بىرلىكىگە زېمىن ھازىرلايدۇ »---يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
مەرھۇم ئۇستازىمىز تۇغلۇقنىڭ بۇ قۇرلىرىدىكى ئالەمچە ھېكىمىتى ، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھوقوق ۋە مەجبۇريىتىمىزنىڭ قىپ – قىزىل چوغ بولۇپ ينىۋاتقان تۈمۈر بىلەن بازغاننىڭ مۇناسىۋىتىدەكلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ..
بىز ئۇلۇغ ،جاپالىق قۇرلۇشنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار! بىز ئۇلۇغ بوۋلىرىمىزنىڭ يولىغا ، روھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار! بىز بۇ روھنى مەشئەل قىلىپ مىللى مەدەنبىيەتنىڭ بۆشىكىنى يېڭى بىخلار بىلەن تولدۇرغۇچىلار! بىز ئىگە بولغان بۇ شەرەپكە نۇرغۇن كىشىلەر نائىل بولالمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ روھىمىز «ئانا » بىلەن سۈپەتلەنگەن «ئوغۇز» دىن سۈت ئەمگەن ئانا تىلنىڭ روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان!
شۇڭلاشقىمۇ يېڭى يىللىق تەشەبۇسنامەمنىڭ ئىچىگە مۇنداق قۇرلارنى تىزدىم .
تەۋپىقدىشىم سىزدىن :
1. ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىغا يىقىن ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى .
2. ئومۇم تەكرارغا دائىر ماتىرياللارنى .
3. ئومۇم تەكرارغا يېتەكچىلىك قىلىش تۈرىدىكى پىلانلار، يېتەكچىلىك ئۇسۇللىرىنى
4. ئوقۇغۇچىلاردا كۆرىنۋاتقان پىسخېك مەسىللەر ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەمىلىي مېساللىرىنى
5. مەكتەپ دەرىيجىلىك دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى
6. يېزىقچىلىققا يېتەكلەشتىكى ئۈلگۈلۈك مېساللارنى
7. سىنىپ يىغىنلىرىنى
8. ئاتا – ئانىلار يىغىنلىرىنى
9. تاپشۇرۇق باھا سۆزلىرىنى
10.مەكتەپ گېزىتى نۇسخىلىرىنى
11.بالىلارغا مەسلىھەت بەرگەن ئۈلگىلىك مېساللىرىڭىزنى يېڭى يىل سوۋغىسى سۈپىتىدە سۇنۇپ تۇرۇشىڭىزنى تىللەيمەن!
يۇقۇرقى قۇرلاريېزىپ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى ھەپتە يەنى 2012 – يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە تەۋپىقداشلاردىن ياشار مۇئەللىم ، ئۆزقان، گۈلنارلار بىلەن ئۇچۇراشقىنىمنى ئەسلەپ قالدىم. تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ قىلىشقان سوھپىتىمىز ھىلى ھەم ئىسىمدە . گۈلنار مۇئەللىمنىڭ ئىللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرۇدىغان چېھرى، يىقىملىق سۆزى ،ئۆزقاننىڭ پىشقان تەتقىقاتچىلارغا خاس مەسىللەرنى تەھلىل قىلىشى ، ياشار مۇئەللىمنىڭ يۇمۇرۇستىك تۇيغۇ بېرىدىغان سۆزلىرى بىلەن بىرنەچچە سائەتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قىلىشتۇق. ياشار مۇئەللىم سۆز ئارلىقىدا تۇرپاندا ئابدىخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەبرىسىگە بارغانلىقىنى، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەبرىسىنى تازلاپ قۇيۇش ئۈچۈن ئويناۋاتقان كىچىك بالىلارغا پۇل بەرگەنلىكىنى ( ماشىنا ئالدىراتقاچقا ) ، تەۋپىق مۇنبىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تۇرپاندىكى ئۆگىنىشكە تەشۋىقات ۋارەقچىسى تەييارلىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ھېچكىم نۇيرۇق چۈشەنمىسىمۇ روھنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھازىرلىنىدىغان بۇنداق ئۆزلىكىدىن قۇربان بېرىشلەردىن سۆيۈنمەيدىغان دىل بولمىسا كېرەك؟
كىشىنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇشۇنداق ئاددى، لېكىن چىن مەنىگە ئىگە ئەمىلى ھەركەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىلەش يېڭى يىللىق تەشەبۇسنامەم !
بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى مۇنبەردىن ئەرىك مۇئەللىم يوللىغان ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلىغان ئىدىم . .(جاھان ئەينىكى پىروگىراممىسى 2012- يىلى 12 - ئاينىڭ23 – كۈنى) پىروگىراممىدىكى ئىككى دېھقاننىڭ ھېكايىسى گەرچە قىسقا بولسىمۇ بەكلا مەنىسى چوڭقۇر ئىدى. تەشەبۇسۇمدا بۇ ھېكايىدىن ئويلىغانلىرىمنى قۇشۇپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .
بۇ ھېكايىدە ، دەسلەپتە سۇ تۇشۇپ ئىچىش جەريانىدا تۇنۇشقان ئىككى دېھقانىڭ بىرىنىڭ، بەش يىل توختىماي قۇدۇق قېزىپ سۇغا ئېرىشكەنلىكىدەك قىسقىغىنە ۋەقەلىك سۆزلىنىپتۇ . ھېكايە ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ، ھېكىمەت ۋە پەلسەپىۋى پىكىر ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلاردا تەييار سۇغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدىكەنىمىزيۇ لېكىن سۇنى پەيدا قىلىش ،ئۇنىڭغا كېتىدىغان جەريان ھەققىدە ئويلاشمايدىكەنمىز.
تەۋپىق مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمۇ خۇددى بىر چوڭ قۇدۇق قېزىش ياكى ياساش قۇرلىشى ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىرىمىز باشقىلارغا سۇ بېرىش بىلەن بىرگە باشقىلار شەكىللەندۈرگەن قۇدۇقلاردىن سۇ ئالىدىكەنمىز، قۇدۇقلارنى قېزىش يولىدا بەزىدە بەس – مۇنازىرىلەرگە ، بەزىدە ئىلھاملاندۇرۇشلارغا، بەزىدە ئۆزىمىزمۇ ئويلاپ باقمىغان تاسادىبىلىقلارغا ئۇچۇرايدىكەنمىز. بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنىڭ مول بولىشى ھەر بىر تەۋپىقداشقا باغلىقكەن.
سۇ بىلەن قۇدۇق مۇناسىۋىتىنى تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىزغا تەدبىقلىساق بىز سۇ تۇشۇغۇچىلار شۇنداقلا قۇدۇق قازغۇچىلارمىز! قۇدۇق قازغۇچىلاردىن بولۇش مېنىڭ يېڭى يىللىق تەشەبۇسنامەم!
يېڭى يىل كېلىۋاتىدۇ! ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمى بىزنىڭ مەسئولىيىتىمىزدىن يېڭى مەنىلەرگە تولغۇسى!
ئەتە كىمنىڭ ھاياتلىقى ئېنىقسىز ھايات قالىدىغىنى ئەجرىمىزدىن ياراتقان ئەتىمىز!
2012 – يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى
|