查看完整版本: [-- رەيھاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى (4) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> رەيھاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى (4) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

رەيھانگۇل 2012-12-21 00:37
رەيھاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى (4)
 

          بۈگۈن كۈنگە سەيشەنبە. ئەتىگەنلىك جىددىيچىلىك، ئالدىراشچىلىقنى ئۇزۇتۇۋېتىپ مەكتەپكە كەلدىم. ئەتىگەندە 1-2-سائەتتە دەرسىم بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق تاپشۇرۇقىنى تەكشۇرۇپ، تۈزىتىپ، بىر-بىرلەپ باھا سۆزى يېزىۋاتىمەن.  قولۇم، كۆزۈم تاپشۇرۇقتا بولسىمۇ، كۆڭلۈمدە بۈگۈن ئۆتمەكچى بولغان دەرسنى ئويلاۋاتىمەن: بۈگۈن « كېيىنىشىمىز ۋە كىملىكىمىز» دەرسىنى ئۆتىمەن. بىزنىڭ قانداق كېينىشىمىز كىملىكىمىزگە ۋەكىلىك قىلىدۇ. مەن بۈگۈن مۇشۇنداق تەربىيەۋى ئەھمىيتى بار، مىللىي خاراكتىمىزنى ئويغىتىدىغان، مىللىي كىملىكىمىزنى تۇنۇتىدىغان ئېسل ئەسەرنى ئۆتىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈم كىملەردەك ياسىنىپ كەلگەندىمەن؟ بۇنى نېمىشقا بۇرۇنراق ئويلىمغاندىمەن؟ ...    بوغۇلمىغان بۇدىرە چاچلىرىم مۇرەمگە يېيىلغان، ئۈستۈمدە ئۇزۇنلىقى يوتامغا چۈشىدىغان تۇخۈم سېرىقى رەڭلىك مامۇق چاپان،  بەدىنىمگە چىپپىدە چاپلىشىپ تۇردىغان، چاپىنىمدىن ئاشالمىغان قىسقا كۆڭلەك، تىزىمنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇردىغان ئۆتۈك،،، ۋاي ئاللا، مەن ھازىر قايسى مىللەتنىڭ ئۇسلۈبىدا ياسىنىۋالغاندىمەن؟ خەنزۇچىمۇ ، ئېنگىلىزچىمۇ؟ ياكى باشقا مىللەتچىمۇ؟ ئىشقىلىپ، ئۇيغۇرچە ياسانمىغاندىكىن، كىمگە ئوخشىسام ئوخشىغاندىمەن. توۋا، قاچاندىن بېرى مۇشۇنداق ياسىنىدىغان بوپ قالغاندىمەن؟ بۇنداق ياسىنىشىنى قاچانلاردا، كىملەردىن ئۆگنىۋالغاندىمەن؟

          كۆز ئالدىمدا مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك  ئۇيغۇر قىزى زاھىرلاندى: ئۇ قىز بېلىدىن ئاشىدىغان ئۇزۇن قاپقارا چاپلىرىنى بىر تال قىلىپ ئۆرۇۋالغان ، باشلىرىغا ئاپئاق لېچەك ئارتىپ، ئۈستىگە يارىشىملىق توماق كىيگەن، ئىچىگە نېپىز پاختا يالىتىپ، گۈللۈك چىبەرقۇتتا  ئەستەرلەنگەن جۇيازا ، ئوشۇقىنىڭ ئۈستىدە تۇردىغان چىرايلىق كۆينەك، ئىچىگە ئەستەرلىنىپ، ئارلىقىلىرى يىقىن، تۈز سىرىلغان پاختىلىق ئىشتان كىيگەن، قاش-كۆزلىرى تۈكۈلۈپ تۇردىغان، مەڭزىدىن قىزىللىق كەتمىگەن، نۇمۇسچان، تارتىنچاق، شەرمى-ھايالىق قىز ئىدى... بۇ مېنىڭ خىيالىمدىكى مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئۇيغۇر  قىزىنىڭ قىشلىق كېيىم بىلەن تۇرغان ھالىتى ئىدى...

          شۇ خىياللار بىلەن دەرسخانىغا كىرىپ، يوقلىما ۋە قىسىقىچە سىناشتىن كىيىن دەرسىنى باشلىۋەتتىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى، ژانىرى، تېكست ئوقۇش، يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتى تىزلا توشۇپ كەتتى. كېيىنكى سائەتتە يەنە ئەدەبىيات دەرسى بار ئىدى.  2-سائىتىدە قۇزغىتىش، يىتەكلەش، سۇئال-جاۋاپ شەكلى بۇيىچە تېكسىت ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ باردۇق:

ئوقۇتقۇچى: كامالدىن قانداق بالا؟ ئۇنىڭ تويى نېمە سەۋەپتىن بۇزۇلۇپ كەتتى؟

ئوقۇغۇچى: كامالىدىن ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان، بىلىملىك، تەربىيە كۆرگەن، چوڭ شىركەتتە ئىشلەيدىغان ياش. ئۇلارنىڭ تويى ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كەتتى.

ئوقۇتقۇچى: ئەتلەس كېلىپ، قىز-يىگىتنى ئايرىۋەتتىمۇ؟( كۈلكە)

ئوقۇغۇچى: ياق، قىز توي كۈنى ياۋرۇپاچە توي كېيىم كېيىمەن، ئەتلەس كۆينەك كېيمەيمەن دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ تويى بۇزۇلۇپ كەتتى. مېنىڭچە قىز ناھايىتى موداپەرەس، شۆھرەتپەرەس قىزكەن، ئۇ قىز ئەتلەس كېيىشىنى «مەتۇلۇق، زاماننىڭ كەينىدە قالغانلىق، داڭزىسى توۋەن قىزلار ئەتلەس كېيىدۇ » دەپ جاھىللىق قىلمىغان بولسا، تويى بۇزۇلمايتتى.

ئوقۇتقۇچى: توينىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە قارىتا باشقىلار قانداق ئىنكاستا بولدى؟

ئۇقۇغۇچى:  قىز تەرەپنى قوللايدىغانلار كۆپ، يىگىت تەرەپنى قوللايدىغانلار ئاز چىقتى. ئەسلى قىزنىڭ قىلغىنى خاتا،  يىگىتنىڭ تەلىپى ئۇرۇنلۇق ئىدى.

ئوقۇتقۇچى: ئەگەر سىز ئاشۇ قىزنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز قانداق قىلىسز؟

ئورنىدىن تۇرغان قىز  ئوقۇغۇچۇم تارتىنغان، بوش ئاۋازدا :

-بەلكىم مەنمۇ ياۋرۇپاچە توي كۆيىنىكى كېيىشنى تاللىغان بولاتتىم.

         ئۇنىڭ بۇ جاۋابى سىنىپتا كۆپچىلىك بالىلارغا ياقمىغان بولسا كېرەك، جىمجىت سۇغا چالما ئاتقاندەك دەرس ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ،  سىنىپتىكى كۆپچىلىك بالىلارنىڭ  ھەممىسى تۇشمۇتۇشتىن جاۋاپ بېرۋاتقان قىزنى ئەيىپلەپ كەتتى:

-ئەتلەس كېيىمەن دەڭە، سىزمۇ شۇ مودا قىزمىتىڭىز-يا؟

-سىز بىر ياۋرۇپالىقمىتىڭىز؟!-دەپ رەدىيە بەردى جايىدا ئولتۇرغان يەنە بىر قىز چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ.

-دۆت!

            كۆپىنچە ساۋاقداشلار بۇ قىزنى ئەيىپلەپ كەتتى. قىزمۇ بۇ گەپنى دېگەنگە خېلىلا پۇشايمان قىلغاندەك تۇراتتى. كۆپچىلىك ساۋاقداشلارنىڭ بۇ قىزغا قارشى چىقىشى ئاددىيلا چۈشىنىش ئەمەس ئىدى. قاراڭ، مانا بۇ ھۆرمەت! مانا بۇ مەسئۇلىيەت!  ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىك، مىللىي كېيىم-كېچەك، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە قىلىنغان ھۆرمەت ! ئۇستازغا ، دەرسكە، ئەسەر ئاپتۇرىغا قىلىنغان ھۆرمەت! مانا مۇشۇ  ھۆرمەت ۋە مەسئۇلىيەت بىر سىنىپتا تەڭ ئوقۇپ، تەڭ تەلىم ئالىدىغان، بىر قازاننىڭ ئېشىنى تەڭ تالىشىپ يەيدىغان، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان دوستىلارنى بىردەمدىلا  قارشىلاشتۇرۇپ قويدى. 

سىنىپ ئىنتىزامىنى تەكىتلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى جىملىدىم ھەم ئۇ ساۋاقداشتىن ياندۇرۇپ سورىدىم:

-نېمىشقا ياۋرۇپاچە توي كۆيىنىكى كېيىشىنى تاللاپ قالدىڭىز؟

قىز قايىتىدىن غەيرەتكە كېلىپ جاۋاپ بەردى:

ـ  مېنىڭچە ئەتلەس كۆينەك كەيسە، تويغا كەلگەن باشقا قىزلار گەپ تېپىپ، سۆز-چۆچەك قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەتلەس كەيسە، مەتۇدەك، ياۋرۇپاچە كۆينەك كەيسە،  ئېسل سۈپەت، تەربىيە كۆرگەن، ئابرۇيلۇقتەك تەسىر بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە قىزلار شۇنى كەيگەندىكىن، باشقابىرسى ئەتلەس كەيسە، قالغانلار مازاق قىلىدىغان ئەھۋاللار بار بولغاچقا.

ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار، ئېيىتقىنى راستىمۇ-يالغانمۇ؟

ئوقۇغۇچىلار: راست، ئاشۇنداق ئىشلار كۆپ، ئۇ بىزنىڭ ئەمەلىيتىمىزدىكى ئىشلار.

ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا بىز توغرا-خاتانى قويۇپ تۇرۇپ، ياۋرۇپاچە توي كۆينىكى كېيىپ توي قىلىۋاتقان بىر قىزنى كۆزىتىپ باقايلى. چىرايلىق توي گىرىمى قىلىپ، چاچلىرىنى ياساپ، ياۋرۇپاچە توي كۆينىكى كېيگەن قىزنى كۆرگەن دوستىلىرى ئۇنىڭغا قانداق باھا بىرىدۇ؟

ئوقۇغۇچى: قىزنىڭ بەك چىرايلىق، گۈزەل مەلىكىلەرگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى، كېيىمىنىڭ ئېسىللىقىنى، قىممەت باھالىق ئىكەنلىكىنى باھالايدۇ. تويىغا بەخت -ئامەت تىلەيدۇ.

ئوقۇتقۇچى: ئاشۇ تويغا بىر چەتئەللىك ئېنگىلىزمۇ قاتناشتى دەيلى، ئۇنداقتا تويى بولىۋاتقان قىزنى كۆرگەن ئېنگىلىزنىڭ تۇنجى تەسىراتى نېمە بولار؟

ئوقۇغۇچى: بىر ئويغۇر يىگىتى ياۋرۇپالىق قىز بىلەن توي قىپتۇ دەپ ئويلايدۇ.

ئوقۇتقۇچى: تويى بولىۋاتقان قىزنىڭ ئۇيغۇر، ئەتراپىدىكلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى  بىلگەندىن كېيىن قانداق ئويلايدۇ؟

ئوقۇغۇچى1: ئويغۇرلارنىڭ توي موراسىمىدا كېيىدىغان مىللىيچە كېيىم-كېچىكى يوقكەن ، مەدەنىيەتسىز خەلقكەن دەپ قارايدۇ.

ئوقۇغۇچى2: بىزنىڭ توي موراسىمىدا كىيدىغان مللىيچە كېيىم-كېچەكلىرىمىز بار. مېنىڭچە ئۇ چەتئەللىك كىشى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە كېيىم-كېچەكلىرىنى توۋەن كۆرىدىكەن، كۆزگە ئىلمايدىكەن، قەدىرىنى بىلمەيدىكەن ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنۇتقان خەلق ئىكەن دەپ ئويلىشى مومكىن.

ئوقۇتقۇچى: مىللىيچە كېيىم-كېچەكلىرىمىز بىزنىڭ مەدەنىيەت بەلگىمىز، كىملىكىمىز. قانداق كېيىنىش بىزنىڭ كىملىكىمىزگە ۋەكىل قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا مېنىڭچە ئۇ ئېنگىلىز بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىزنى كۆرۇپ ئەپسۇسلىنىشى، بىزنىڭ ھالىتىمىزگە ئېچىنىشى مۇمكىن. ئوتنىڭ تېشىدا كۆيىۋاتقان  بىز ئېنگىلىز بىزنىڭ ئۆز مەدەنىيتىمىزدىن، ئەنئەنىدىن يىراقلىشىپ، ياتلىشىپ كېتىۋاتقىنىمىزدىن  ئەپسۇسلانسا، ئىچىنسا، بىر ئۇيغۇر پۇشتى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن بىزلەر ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۇۋىتىپ، شۇنى ھېس قىلالىدۇقمۇ؟

ئوقۇغۇچى: ياق، ھېس قىلالمىدۇق. بەلكى ساختا ئابرۇي، ساختا شۆھرەتپەرەسلىك، ئۆزىنى كۆرسىتىش، ئېسلزادىدەك تەسىر بېرىپ، يالغان كۆرۇنۇش ھاسىل قىلىش بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى تۇتۇقلاشتۈرۋەتتى.

ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە پۇت تېپىشىۋاتقان، ئەتلەس كۆينەك بىلەن ياۋرۇپاچە توي كۆينەك بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشۋاتقان ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قانداق قىلغاندا مىللىيچە كېيىم-كېچەكنىڭ ئورنىنى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

ئوقۇغۇچى1: ئۆزىمىزنىڭ مىللىيچە كېيىم-كېچەكلىرىمىزنى ئۆزىمىز دائىم كەيسەك، توي-تۆكۇن، ئۆلۈم-يېتىم، تۈرلۈك مۇراسىم، پائالىيەت سۇرۇنلىرىدىلا كەيمەي، داۋاملىق كەيسەك.

ئوقۇغۇچى2: ئۆزىمىزنىڭ مىللىيچە كېيىم-كېچەكلىرىمىزنى زامانغا لايىق لاھىيلەپ، بازارلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى، گۈزەللىك قىممىتى، ئىستىمال قىلىش قىممىتىنى ئاشۇرساق.

ئوقۇغۇچى3:  مېنىڭچە بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىر مىللەتتىكى بارلىق خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۇش، بىزمۇ ياۋرۇپالىقتەك دۆلىتىمىزنى، رايۇنىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرالىساق، ئاندىن ئورنىمىز ئۆسىدۇ، بىزنىڭ ئورنىمىز ئۆسسە، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تۆۋەن كۆردىغان، مىللىي ئەنئەنىدىن، مەدەنىيەتتىن، ئۆرپ-ئادەتتىن يىراقلىشىدىغان، ۋاز كېچىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ. ئەتلەستىن تىككەن توي كۆينىكىنىمۇ خاتىرجەم كېيەلەيمىز،-دېدى زېھىنى ئوتكۈر، تەپەككۇرى چۈڭقۇرراق بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچ تارتىنغان ھالدا.

ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرىدىن سۈيۈنۇپ كەتتىم.

ئوقۇتقۇچى: قايسىڭلارنىڭ مىللىيچە كېيىم-كېچەكلىرىڭلار بار؟

ئوقۇغۇچى1: مېنىڭ چىمەن دوپپام، ئەتلەس كۆينىكىم بار.

ئوقۇغۇچى2: مېنىڭ سەھنىدە ئۇسسۇل ئوينىغاندا كېيىدىغان مارجانلىق ئۇسسۇل كۆينىكىم، جىلىتكەم، ئشىتىنىم، يەنە ئۇسسۈل ئايىقىم بار.

ئوقۇغۇچى 3: مېنىڭ بادام دوپپام، ئانام ئىشلەپ بەرگەن كانۋاي كۆڭلىكىم بار.

            ئوقۇغۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشىتى. –ئەگەر،-دېدىم ئوغۇل ئوقۇغۇچۇمغا،-سىزنى  بىر كۇنى ئاشۇ دوپپا، كانۋاي كۆينەكلىرىڭنى كېيىپ مەكتەپكە كەلدى دەيلى، ناۋادا، ئادىشىڭىزدىن بىرسى كېلىپ، « ۋاي ئاداش، نېمانداق سەھرالىقتەك زاماننىڭ كەيىنىدە قالغان  مەتۇ نېمىدىن بىرنى كېيىۋالدىڭلار، بېشىڭلىنى گالۋاڭ قىلىپ...» دەپ بېشىڭىزدىن دوپپىڭىزنى باشقا بىرياققا چۆرۈپ ئېتىۋەتسە، سىز قانداق ئىنكاستا بولسىز؟

-ئېڭىكىگە بىرنى سالىمەن!

سىنىپتا پاراققىدە كۈلكە كۆرۇلدى. مەنمۇ ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.

-ئېڭىكىگە سالماي تۇرۇپ ئۇنى قايىل قىلالمامسىز؟

-بۇنداق ئادەملەرگە تەس، گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق .

ئۇنىڭ جاۋاپلىرىدىن سۇيۇندۇم، پەخىرلەندىم. كەلگۈسىدە  ھەققىي ئەركەك بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقى كۆز ئالدىمدا زاھىرلاندى.

-قايىل قىلغىلى بولىدۇ،-دەپ توۋلاشتى باشقا ساۋاقداشلار.

-قېنى ، ئۇنداقتا كىم قايىل قىلىپ باقىدۇ؟

-ئوقۇغۇچى1: ساۋاقدىشم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنسىنى ئونتۇپ قالدىڭمۇ؟ قېنى سېنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىڭ؟ باشقا مىللەتتىكلەر ھەرگىز سەندەك ئىشنى قىلمايدۇ، سېنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مىللىيچە كېيىم-كېچەكلىرىمىزنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭ، دوستۈڭنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭ، بىر ئۇيغۇرنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭ. ئۆزۇڭ ئۇيغۇر تۇرۇپ مىللىتىڭدىن چانساڭ، مىللىي ئەنئەنەڭدىن چانساڭ، ياراتمىساڭ، باشقا مىللەتلەر بىزنى قانداقمۇ كۆزگە ئىلىدۇ.

ئوقۇغۇچى2: سەن تېخى زاماننىڭ كەيىنىدە قالغان دەۋاتىسەن، بۇ دېگىنىڭ توغرىمۇ؟ مەيلى زاماننىڭ كەينىدە قالسۇن، قالمىسۇن، ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، ئەنئەنىمىزنى قوغدىمساق، ئاسرىمىساق كىم بىزنى ئويغۇر دېسۇن؟

ئوقۇغۇچى3:  ساۋاقداش، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ئويغۇر مىللىتىمىزنىڭ كۆركەم مىللىيچە  كېيىمىمىزنى سىزمۇ مودا قوغلىشىپ كەيمىسڭىز، مەنمۇ مودا قۇغلىشىپ كەيمىسەم، ئۇمۇ كەيمىسە، بۇمۇ كەيمىسە، بىزنىڭ مىللىيچە كېيىمىمىزنى زادى كىم كېيىدۇ، بۇ قىلغىنىڭىزدىن نۇمۇس قىلمامسز؟

ئوقۇغۇچى4: ئاداش، مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ؟ بىر چىرايلىق دوپپا سېنىڭ نەرىڭگە پۇتلاشتى؟ بۇ دوپپىغا ئانىمىزنىڭ ئەجرى، قان-تەرى، مېھنىتى، ئەقىل-پاراستى سىڭگەن. شۇنداق تۇرسا، بۇ دوپپىنى ئېتىشقا قانداق قولۇڭ باردى؟ ئويلاپ باقە، دوپپىنى چۆرىۋەتكىنىڭ كىمنى يىراققا چۆرىۋەتكىنىڭگە باراۋەر؟ مۇشۇ قىلغىنىڭ توغرىمۇ-خاتامۇ ئوبدان ئويلاپ باق دەيتتىم. ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا، قوربان ھېيىتتا يىغقان پۇلۇمغا دوپپىدىن ئىككىنى ئېلىپ، بىرنى ئۆزۈم، بىرنى بۇ ئادىشىمغا كەيدۇرۇپ قويغان بولاتتىم.

            قاراڭ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى كىممۇ كىچىك دەيدۇ؟ تەپەككۇرىنىڭ چۈڭقۇرلۇقى، پىكىرلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، نەزەر دائىرىسنىڭ كەڭلىكى مېنى ئوبدانلا ھاياجانلاندۇرۋەتتى. نېپىز بىر قەۋەت سۈزۈك قەترە كۆزلىرىمنى غوۋالاشتۇرۇپ ئۈلگۈردى...

            ئۇستازىمنىڭ   « دەرس ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈرىكىدە، پەقەت يۈرەكتىن چىققان دەرسلا يەنە بىر يۈرەككە يول ئاچالايدۇ» دېگىنى ھېلىھەم ئىسىمىدە...

ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار، سىلەرگە ھازىر بىر ھېكايە سۆزلەپ بەرسەم ئاڭلامسىلەر؟

-ئاڭلايمىز،- دەپ توۋلاشتى ئوقۇغۇچىلىرىم بەئەينى ئانا قۇشنىڭ ئاغزىغا تەلمۇرگەن قۇش چۇجىلىرىدەك. ھېكايىنى باشلىۋەتتىم:

            بۇرۇنقى زاماندا يىراق تاغنىڭ كەينىدە بىر بوۋاي ياشايدىكەن، بوۋاي ئاز بىر پارچە يېرى بىلەن جان باقىدىكەن. ئۇ يازدا ئاشلىق تېرىپ، قىشتا يەيدىكەن. بوۋاينىڭ بىر تۈپ ئالما دەرىخى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. بوۋاينىڭ ئالمىسى كۈندە بىر تال چۈشىدىكەن ھەم شۇ بىر تال يەيدىكەن.

             كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي كەپىدىن چىقىپ قارىسا، يەرگە چۈشكەن ئالمىسى يوق تۇرغۇدەك. بوۋاي مۆكۈنۈپ قاراپ تۇرسا، بىر مايمۇنچاق ئالمىنى ئوغرىلاپ قېچىپتۇ. بوۋاي قوغلاپ بارسا، مايمۇنچاق يۇگۈرۇپ بېرىپ بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن ئالمىنى غەمسىز يەپ  ئولتۇرۇپتۇ. بوۋاينىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئاخىر بىر چارە ئىزدەپ مايمۇننى تۇتماقچى بوپتۇ.

             شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ۋاقىتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، كۈن دەل چۈش بولغاندا پىنھان جايدا قاراپ تۇرسا، ئالمىغا ئۆگىنىپ قالغان مايمۇنچاق يىراقتا بىردە ئالمىغا، بىردە بوۋايغا قاراپ تۇرغۇدەك. بوۋاي تاپقان چارىسى بويىچە، مايمۇنچاققا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، كېسىىۋېتىلگەن ياغاچنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاندىن كۆتۈرۈپ چىققان جامدىكى سۇنى ئولتۇرغان  يېرىگە سۈرۈپتۇ ۋە ياغاچنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، سۇنى كۆزىگە سۈرتۈپ جىممىدە ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغ بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، يەنە بىر جامدىكى ئېرىتىپ قويغان يار يېلىمنى قويۇپ قۇيۇپ، كەپسىگە كىرىپ كېتىپتۇ.  بۇنى كۆرگەن دورامچى مايمۇنچاق كېلىپلا بوۋاي قىلغان ئۇسۇلدا يار يېلىمنى ئالدى بىلەن ئولتۇرغان يېرىگە، ئاندىن كۆزىگە سۈرۈپ بوۋاينىڭ قىياپىتىدە ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن كۆزىنى ئاچاي دېسە ئاچالماپتۇ، ئورنىدىن قوپسا قوپالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىر دورامچى مايمۇنچاق بوۋاينىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ.

 

           دورامچىلىق كۆپىنچە ھاللاردا بىر كىشنىڭ كىملىكىنى، خاسلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئەسلىي خاراكتىرىنى قاراڭغۇلاشتۇرىدۇ. (بۇ جۈملە دوسكىغا يېزىلدى.)

-ساۋاقداشلار، «دورامچىلىق »نى چۆرىدەپ بىر پارچە ئەسەر يېزىپ كېلىڭلار. خالىغان ژانىردا، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، بىر يىرىم بەت ئەتراپىدا يېزىپ كېلىڭلار,

تاپشۇرۇق بېرىلدى. دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقىمۇ چېلىندى.

            بۇ يازمىلارنى يېزىۋىتىپ، لى جىگاڭ ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيتى» 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قېلىنغان «مىللىي كىملىكنىڭ مەنىۋى مەدەنىيتى» دېگەن ماقالسىدىكى توۋەندىكى قورلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى:

             مەدەنىيەت ئەنئەنسى-مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تارىخى جۇغلانمىسى. ئۇ ھەم مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم مىللەتنىڭ كەلگۈسدىن خەۋەر بېرىدۇ.  مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى مەدەنىيەت ئەنئەنسى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنىڭدەك  مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانى مىللەتنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتغا ئەگىشدۇ.

             مەدەنىيەت كىملىكى- مىللىي كىملىكنىڭ ئۇلى، مىللىي كىملىكنىڭ يىلتىزى. شۇنداق بولغاچقا مىللىي كىملىك جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرى مىللىي كىملىكنى كۈچەيتىش، مىللىي روھنى تەشۋىق قېلىش ، مىللەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە .


مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ يازما كېيىن يوللىنىپ قالدى، دوستلارنىڭ كەچۈرۈۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 

ئەكبەرنىياز 2012-12-21 01:27
رەيھانگۈل مۇئەللىم ، خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم ، ھارمىغايسىز !!!
ئەقلىي ئويغاق ئۇستازلارنىڭ قولىدىنلا زېھنى ئۆتكۈر ، ۋىجدانلىق شاگىرتلار يېتىشىپ چىقىدۇ . ھەممىمىزگە ئۇتۇق يار بولغاي !!!
خاتىرىڭىزنىڭ 5-گە تەشنامەن !!!

مەرىپەت0999 2012-12-21 16:39
رەيھانگۈل ھىكمەتلەرگە تولغان 4-خاتىرىڭىزنى تولىمۇ ھوزۇرلىنىپ ئوقۇپ چىقتىم،5-خاتىرىڭىزگە تەشنامىز!!   

ak gul 2012-12-21 22:31
سىزدەك تىرىشچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر -مېھنىتى بىلەن تېخىمۇ ياراملىق ئوقۇغۇچىلار يىتىشىپ چىقىدۇ. خاتىرىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز.

tursungul 2012-12-21 22:35
توغرا ،باشقىلارنى دوراش بىزنى ياكى ئات ئەمەس،ياكى ئىشەك ئەمەس بىر نەرسە قىلىپ قويىدۇ.
بۇ ئىدىيىۋىي <<ئۇرۇق>> ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلىرنىڭ روھىدا توغرا قىممەت قارشى تىكلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپسىز، ھەر ئىككىلا ئەمگىكىڭىز تولىمۇ قىممەتلىك .غەيرەت قىلىڭ،سىزنى مەشرىقتە كۈتەي!

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-12-21 22:39
كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئىنتايىن ياخشى ئادەت ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبىرىمىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى بىر -بىرسىدىن ئىسىل ھارمىغايسىز !

gulhan 2012-12-22 19:16
دەرسخانا ئەمىليىتى بىلەن تۇيۇنغان، ئۇقۇتۇش ئۈلگىلىرى مۇجەسسەملەنگەن خاتىرىڭىزنىڭ 4- سىگە مەرھابا!
داۋامىغا تەشنا بىز.

نىلۇفەر 2012-12-22 20:02
سڭلىم رەيھان ، مەن بۇ خاتېرىڭىزنى ئوقۇپ، جانلىق ئوقۇتۇش مىنۇتلىرىڭىزدا دەرسىڭىزنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ قالدىم ! سىزدىن سۆيۈندۈم  ، يەنە قانداق يېڭىلىقلار بىلەن بىزنى بەھىرلەندۈرەركىن دەپ خاتېرىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن !

ozqan 2012-12-22 20:35
ئوقۇتقۇچى: ئاشۇ تويغا بىر چەتئەللىك ئېنگىلىزمۇ قاتناشتى دەيلى، ئۇنداقتا تويى بولىۋاتقان قىزنى كۆرگەن ئېنگىلىزنىڭ تۇنجى تەسىراتى نېمە بولار؟

ئوقۇتقۇچى: قايسىڭلارنىڭ مىللىيچە كېيىم-كېچەكلىرىڭلار بار؟

بۇ سوئاللار ناھايىتى ياخشى لايىھەلىنىپتۇ ، ياخشى لايىھەلەنگەن سوئال دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۇر پىلتىىسىگە ئوت ياقىدۇ ، پىكرىنى جانلاندۇرىدۇ .

دەرس ئاخىردا سۆزلەنگەن دورامچىلىق ھەققىدىكى چۆچەك ۋە شۇ ئاساستا بېرىلگەن تاپشۇرۇق ماڭا  بەك ياقتى ، ھارمىغايسىز  ، رەيھانگۈل ...

istami 2012-12-23 01:42
ھەربىر سائەتلىك دەرىسنى ئۆزگىچە شەكىلدە لايىھەلەش،دەرس بايلىقلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى.رەيھانگۈل،ھەربىر سائەتلىك دەرسىڭىزگە مۇۋەپپەقيەت تىلەيمەن!

yaxar 2012-12-23 22:35
« ۋاي ئاداش، نېمانداق سەھرالىقتەك زاماننىڭ كەيىنىدە قالغان  مەتۇ نېمىدىن بىرنى كېيىۋالدىڭلار، بېشىڭلىنى گالۋاڭ قىلىپ...» دەپ بېشىڭىزدىن دوپپىڭىزنى باشقا بىرياققا چۆرۈپ ئېتىۋەتسە، سىز قانداق ئىنكاستا بولسىز؟
-ئېڭىكىگە بىرنى سالىمەن!
سىنىپتا پاراققىدە كۈلكە كۆرۇلدى. مەنمۇ ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.
-ئېڭىكىگە سالماي تۇرۇپ ئۇنى قايىل قىلالمامسىز؟
-بۇنداق ئادەملەرگە تەس، گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق .
بۇ ئوقۇعۇچىنىڭ جاۋابى مىنىمۇ قەۋەتلا سۆيۉندۉردى، بۇ سۇئالنى ماڭا قويعان بولسىڭىز مەنمۇ دەل مۇشۇ ئوقۇعۇچىدەكلا جاۋاپ بىرەتتىم.

yaxar 2012-12-23 22:37
ناھايىتى مۇۋاپپىقىيەتلىك تەشكىللەنگەن دەرسحانا ئوقۇتۇش حاتىرىسى بوپتۇ.
حاتىرىنىڭ بىشىدا بىرىلگەن ئۆزىڭىزنىڭ كىيىنىشى ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزدىن دەرسنىڭ راۋاجىنى باشقىچە تەسەۋۋۇر قىلعان ئىدىم، بىراق دەرسحانا ئەمىلىيىتىدە تەلىيىڭىزگە باشقىچە ئەھۋال يۉز بەرمەپتۇ، قارىعاندا بىر بولسائوقۇعۇچىلىرىڭىز كۆڭلىڭىزنى بەكلا ئاياپتۇ، يەنە بىر بولسا سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كىيىنىشىڭىز نۆۋەتتىكى رىئاللىقىمىزدىكى %90 دىن ئارتۇق حانىم قىزلارنىڭ كىيىنىش ئۇسلۇبى بولعاچقا ئوقۇعۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزعىمىعان بولسا كىرەك.

yaxar 2012-12-23 22:41
ئەگەر ئوقۇعۇچىلىرىڭىز راستىنلا كۆڭلىڭىزنى  ئايىعان  بولسا ئوقۇعۇچىلىرىڭىز ئاق- قارىنى پەرق ئەتكىدەك بوپ قاپتۇ، ئەگەر كىيىنىشىڭىز ئوقۇعۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزعىمىعان بولسا چوڭ جەھەتتىن ئالعاندا ئۇيعۇر جەمىيىتى ئانا مەدەنىيەتنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋاكسىنىسىعا (ئانا مەدەنىيەتنى قوعداشتىن ئىبارەت بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيعۇسىنىڭ تەسىرىدە ئويعانعان گۇناھكارلىق تۇيعۇسىنى يىتىلدۇرۇشكە) جىددى ئىھتىياجلىق بولعان بولىدۇ.

tawpek 2013-08-05 20:44
ياخشى چىققان بىر پارچە ئەدەبى ئەسەرلا بوپ قالماستىن يەنە ناھايتى ياخشى تەشكىللەنگەن بىر سائەتلىك دەرىس تەييارلىقى بوپتۇ.

ئەسلى دەرىس تەييارلىقى مۇشۇنداق تۈزۈلسىمۇ بولىدىكەن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-05 21:35
كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ياخشى ئادىتىڭىزگە ئاپىرىن.خاتىرىڭىز شۇنداق ياخشىكەن.


查看完整版本: [-- رەيھاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى (4) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us