查看完整版本: [-- تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2012-12-17 20:59
تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن ,q`\\d  
I{ C SH  
Woy m/[i  
Vx u0F]%  
ئەلقىسسە، تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن. بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا يېشىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يۈرگەندە، بۇ كىشى نەچچە قېتىم يامۇلدا يېتىپ چىققان، قېچىپ چىققان، ئەڭ بولمىسا تېشىپ چىققان ئىدى. -=Q*Ml#I  
تارىخچىلارنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ كىشى بەزىدە يامۇلنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ تېمىنىمۇ تېشىپ قوياتتى. ئېپى كەلسە خەقنىڭ مال-چارۋىلىرىنى ئوغرىلاپمۇ قوياتتى. ئىشقىلىپ، جاننى ئۇتتۇرماي ياشاپ كەلگەن ئىدى. D%pF;XY  
ناھايەت، ئىلى دىيارىدا ئىنقىلاپ قوزغىلىپ، بۇ كىشىنى ئۆز قوينىغا ئالدى. قىلمىغان ئەسكى ئىشى قالمىغان بۇ كىشى باشقىچىلا بولۇپ قالدى. 'o2Fa_|<#  
بۇرۇن باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنى قان يىغلىتىپ يۈرىدىغان بۇ كىشى ئەمدى دۈشمەننىڭ بېشىنى «ئوغرىلايدۇ»غان بولۇپ قالدى. zR:L! S  
شۇ دەھشەتلىك ئۇرۇش يىللىرىدا، بۇ كىشى ئوغۇللىرى بىلەن بايانداي قورغىنىغا مەخپىي ھۇجۇم قىلىپ، يولداشلىرى قان بېرىپ، جان بېرىپ ئالالمىغان بۇ قورغاننى ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ئىلگىرى پېشانىسىدىن كەتمەيدىغان «ئوغرى»، «قاراقچى» دېگەن ناملارنى بىراقلا يۇيۇپ تاشلاپ، «پالۋان» دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولدى. 'n3uu1C  
بۇ كىشى ئاۋۇ رەسىمدىكى كىشى شۇ ئىدى. بۇ كىشى بىز باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان «سادىر دەپ ئېتىم يامان، ئونبەش ياشتا ئاتالغان» دېگەن قوشاقلارنىڭ ھەق ئىگىسى ئىدى. بۇ كىشى بىز ئۇلۇغلايدىغان بوۋىمىز «سادىر پالۋان» ئىدى. &U#|uc!+  
بۈگۈن قولۇمغا ئاۋۇ سىزما چۈشۈپ قالدى. سادىر پالۋان بايانداي قورغىنىنى قانداق تېزلىكتە ئالغان بولسا، بۇ ئاددىي يازمىمۇ شۇنداق تېزلىكتە يېزىلىپ چىقتى. N =}A Z{$  
![=yi tB  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يازمىنىڭ داۋامى سىزگە قالدى: تارىخ بىلگەنلەر يازمىنى تولۇقلار، بىلمىگەنلەر ساۋات ئالار، ۋەسسالام! jV1.Yz (`  
مەنبە:تور دۇنياسىدىن cdT7 @  
:crW9+  

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-12-17 22:46
تارىخمىزدىكى ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ تىپى بولغان سادىر پالۋاننى ئىسىمىزگە سالغانلىقىڭىزغا رەھمەت ،ئەۋلاردلىرمىزغا مۇشۇنداق شىرمەت ئەزمەتلىرىمىزنى ئەسلەپ ئۈتۈش نىسىپ بولغاي .

ئەكبەرنىياز 2012-12-19 02:15
سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدىلا يادلىۋالغان . ئۇ ھەقىقەتەن باھادىر ، قوش گۈمبەرلىك قەبرىنىڭ سىرى ناملىق كىتابتا سادىر پالۋاننى ياخشى تەسۋىرلەپتۇ .  سادىر پالۋان ياشىسۇن ، سادىر پالۋاننى تۇنۇشتۇرغان تۆتتاشمۇ ياشىسۇن !!!

مەرىپەت0999 2012-12-19 11:33
9-يىللىق1-قىسىمدا بىرىلگەن<پالۋان كەلدى>دەرسنى ئۆتكەندە بەكمۇ ھاياجانلاندىم.بالىلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئاڭلاپ ،بەكمۇ سۆيۈنەەن ئدىم. تۆتتاش ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!!   

yar130 2012-12-25 16:43
[attachment=580]  [attachment=581]

شايار 2012-12-25 17:30
ياخشى تېما يوللاپسىز

danix 2012-12-25 17:49
   كىشى كېيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن << تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن>> دەپ ياتلانغۇدەك كىشى بولالىسا ، كۆڭلىدە نېمە ئارمانى قالاتتى - ھە !!؟

لىللا 2012-12-27 11:45
باھادىرلىرىمىز مەڭگۈ يادلانغاي.ئۇلارنىڭ ئېسىل روەلىرى ئەۋلادلىرىمىز قەلبىگە سىڭىپ كىرگەي ، تومۇرلىرىدا دولقۇنلىنىپ ئاققاي. \{D" !e  
تۆتتاشقا رەھمەت. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

adila5 2013-02-20 14:12
hakikatan aslaxka tigixlik...

لالىگۈل 2013-02-22 00:11
ھارمىغايسىز!

tawpek 2013-03-11 00:01
[attachment=586] [attachment=586]  2Rz  
}1xo-mUg,  
y> (w\K9W  
سىناق

13379705568 2013-05-31 01:46
باھادىرلىرىمىز مەڭگۈ يادلانغاي.ئۇلارنىڭ ئېسىل روەلىرى ئەۋلادلىرىمىز قەلبىگە سىڭىپ كىرگەي ، تومۇرلىرىدا دولقۇنلىنىپ ئاققاي

نۇرئىلى 2013-08-03 19:31
ناھايىتى ياخشى تىما ئىكەن بۇ .

نۇرئىلى 2013-08-03 19:35
ھارمىغايسىز

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 22:23
تارىخمىزدىكى ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ تىپى بولغان سادىر پالۋاننى ئىسىمىزگە سالغانلىقىڭىزغا رەھمەت ،ئەۋلاردلىرمىزغا مۇشۇنداق شىرمەت ئەزمەتلىرىمىزنى ئەسلەپ ئۈتۈش نىسىپ بولغاي .

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 22:28
سادىر پالۋان 1798 -يىلى باھاردا، موللىتوختىۇزى ( ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ جىلىليۇز يېزىسى مولىتوختىيۇزى كەنتى) دە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ.ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەخمەت بولۇپ، ئۇ خۇش چاقچاق، خۇش پېئىل ئادەم بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى(خۇشئەخمەت) دەپ ئاتىشاتتى.1871- يىلى چىچەك ۋاقتىدا سادىر پالۋان ئۆز ئائىلىسىدە يۇرتقا نەزىر بېرىدۇ.بۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،ئۇ ،كېسەل بىلەن تۇيۇقسىز ۋاپات بولىدۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 22:29
سادىر دەپ ئېتىم يامان، Hr4}3.8  
ئون بەش ياشتا ئاتالغان . +^<](z  
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا yppo6HGD  
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان. {_dvx*M  
يامۇلنى تېشىپ قويوپ ، [8*)8jP3  
ئىككى چىقتىم تالاغا . l@:0e]8|o  
مېنى باققان بەش يايى ، =rK+eG#,  
ئەمدى قالدى بالاغا.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 22:30
سادىر پالۋان 1798-يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختى يۇزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش UY 2OZ& &  
ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ . 1762- يىلى 10-ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا گېنىرال مەھكىمىسى تەسىس قىلپ ، >" 
پۇتۇن شىنجاڭدا بىۋاستە ھۇكۇمرانلىق قىلىشقا باشلىدى .ئىلى جاڭجۇنىگە قاراشلىق مانجۇ چىرىكلىرى ۋە {}Za_(Y,]  
ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۇلكىي ،ھەربىي ئەمەلدارلار نىڭ A+)`ZTuO  
تەمىناتىنى قامداش ئۇلارنى ئوزوق –تۇلۇك بىلەن قامداش ئۇچۇن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ،يەركەن ،  rXU\  
خوتەن ،ئاقسۇ، كۇچا،تۇرپان،قۇمۇل،قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋىپلىك دەپ قارالغان كىشىلەردىن k;L6R!V  
بىرىنجى قىتىمدا 6000،ئىككىنچى قېتىمدا 2000 جەمئىي 8000تۇتۇننى ئىلىغا پالايدۇ.سادىرنىڭ دادىسى BF 
ئەخمەت ئاشۇ بېرىنچى قېتىم كوچۇرۇلگەن 6000 تۇتۇننىڭ بىرى ئىدى . &! ?eL  
AzxXB  
شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېساپلىنىدىغان يول مۇز داۋان يولى 8&aq/4:q0  
بىلەن ئىلىغا كۆچۇرىلىدۇ.بۇ كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ ،يۇشۇرۇنغان مۇز-قار ئۆڭكۇرلىرى ،مۇز يېرىقلىرى بار ئىدى .ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى . كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى . ئات –ئۇلاغلار ،ئالدىنقى ئۇلاغلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭاتتى . بۇ ئېگىز eGHaY4|  
مۇز تاغ ئۇستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇپ ياسىغان *D3/@S$B  
پەلەمپەيلەرگە كېگىز، پالاس ،ۋە جۇۋا چاپانلارنى سېلىپ ئات-ئېشەكلەرنى ئۆتكۇزۇپ .ئوزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۇستىگە چىقاتتى .داۋان ئۇستى بىردەم-بىردەم ئاق –قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر ئالدىدىكى نەرسىنى كورگىلى بولمايتتى .بۇنداق چاغلاردا ئادەم ۋە ئۇلاغلار چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى ،گاھىدا تاغنى تۈتەك قاپلاپ ئادەملەرنىڭ بىر قىسمى ئولۇپ كېتەتتى . ھاۋا ئوچۇق بولغان m%e68c  
چاغلاردا ،ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات. ئۇلاغ ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى ،سودىگەرلەرنىڭ مال –مۇلكى كورۇنۇپ تۇراتتى . t`mV\)fa  
شۇ قېتىمقى كۆچ- كۆچتە نۇرغۇن كىشىلەر مۇز داۋاندا ئىس تۇتەك ئېلىپ كېتىپ مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ ئولگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئوتەلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرت –ئەلەملىرىنى مۇنداق '6Q =#:mc\  
قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكە باشلىغان ئىدى . 4_cqT/  
بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار ، 9*?oYm;dX  
غېرىپنىڭ يولىنى باغلار. uU25iDn  
غېرېپ ئولسە كىم يىغلار، Vy, DN~ag  
غېرېپقا غېرېپ يىغلار. d{7 +w/Zi  
>J>[& zS  
يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دىگەن يەرگە ئورۇنلاشقان .كېيىن ئىلى دەريا بويىدىكى 7x4PaX(  
قاينۇق ،قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ ،تاش ئوستەڭ ،بايتوقاي ،خۇنۇقاي، دادامتۇ، ئارا ئوستەڭ قاتارلىق 46&/geh r  
ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقانىدى. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىندى .كېيىن ئۇ خوتەن قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسگەكۆچۇپ كېلىدۇ.بۇ مەھەللە كېيىن s}% M4  
«قاش مەھەللىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. hFl^\$Re  
vOpK Np  
يۇقارقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئېستىبىداتلىرى ئۆستەڭ چېپىپ قاغجىرغان باياۋانلار ،چۆل- جەزىرىلەرگە e;}7G  
سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي-ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ;x@~A^<el  
بالا- چاقىللىرى بىلەن ئوچۇق –يورۇق دالىلاردا ھايات كەچۇرىدۇ.ئۆستەڭ چېپىش زۇلىمىنىڭ نەقەدەر ~1vDV>dpE  
ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار توۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ: _t #k,;  
ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق، ^qD$z=z-  
چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ. g~A`N=r;h  
مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر ،  ByNn  
بېشېمىزدىن كەتمەيدۇ. o="M  
oHn Ky[1  
مانجۇ ئىستىبىداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئوي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار- سېلىقلارنى ئادا xRLT=.ir  
قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ . دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۇتۇندىن 16خو ،كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق ئالىدۇ. 'F0e(He@,  
مانجۇ ئەمەلدارلىرى شۇنداق قەبىھ ئىدىكى ، كوچىلاردا مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى O*)Vhw'pK  
تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى . مانجۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قىز- چوكاللىرىغا ئاپئاشكارە زورلۇق قىلاتتى. مانجۇلانىڭ EVC]sUT  
شۇنداق زورلۇقلىرى ئاستىدا ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇنۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ ئېغىر كۇنلەرنى CD ( :jM?  
بايان قىلىدۇ: Doyx[zZ  
قاننى چىرىتىپ ئەتتى، 8(&[Rs?K  
ئالۋانچىلارنى دەردەي. {dMsz   
جاندىن ئوتۇپ كەتتى، pm0{R[:T7  
تۇڭچىلارنى زەرەي. V_}"+&W9  
}"%?et(  
سادىر كىچىگىدىن شوخ تىتىك ،خۇشىخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان .ئۇ كىچىگىدىن تارتىپ جاپا مۇشەققەتىمۇ،راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۇچۇن زالىمغا بولغان غەزەپ- نەپرىتى ، ئىزىلگۇچى خەلقەرگە بولغان سۆيۇنىشى كىچىگىدىن پىشىپ يىتىلگەن . ئۇ ھەر قېتىم خەلىقنىڭ دەرت-ئەلەم =BAW[%1b  
بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىللىرىنى ئاڭلىغاندا غەزەپكە تولسا ، ئەركىنلىككە تەلپۇنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى peuZ&yK+"  
كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يېتىلدۇرۇشكە بەل باغلىغان . پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئېگىز بويلۇق ، k(7&N0V%zz  
كەڭ كۆكسىلىك ، غەيرەت جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ،ھىچنەرسىدىن قورۇقمايدىغان ،ناھەق ئىشلارغا >T 3-  
چىداپ تۇرالمايدىغان ،ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئاتاقلىق ئۇستا قوشاقچى ئىدى .سادىر قات _قات زۇلۇمغا &n }f?  
بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋە ھاشار تۆلەلمىگەنلەر تەرەپتە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتەتتى.شۇ چاغدا ئالۋان  KD7dye  
ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن چۆل –جەزىرىلەرگە كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى.زالىملار ئۇلارنى(قاچاقلار ) دەپ ئاتايتتى .ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ قاچاقلارنى قوزغاپ ئوقيا ،نەيزە،ئايپالتا،چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قوراللاندۇرۇپ ،مانجۇ چىرىكلىرى بىلەن ئۇرۇش قوزغايدۇ.شۇ e95Lo+:f  
كۇنلەردىن باشلاپ سادىرنى «سادىر پالۋان»دەپ ئاتايدۇ. /saIs%(fU  
ئىلى جياڭجۇنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پەرمان چۇشۇرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ. J1RJ*mo7,  
سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولدى. ئۇ زىنداندا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قىچىپ # 0Q]dO  
كۇرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبىداتى قىلغان كۈرەشلىرىنى مۇنداق دەپ =llvuUd\n  
قوشاققا قاتقان ئىدى. FvXZ<(A{  
سادىر دەپ ئېتىم يامان، JNYFD8J~  
ئون بەش ياشتا ئاتالغان . Yi+wC}   
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا 7#ibN!  
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.  ~f1%8z  
يامۇلنى تېشىپ قويوپ ، Tx=-Bb~;  
ئىككى چىقتىم تالاغا . 8\ +T8(m  
مېنى باققان بەش يايى ، M!A}NWF  
ئەمدى قالدى بالاغا. Agg 
AJ? r,!)  
مانجۇ ئىستىبىداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن خەنزۇ gk[aM~p  
خەلقىدىن باشلىنىدۇ.1863-يىلنىڭ ئاخىرى گەنسۇ ،شەنشى ،نىڭشىيا ،ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا otl0J Ht*+  
ۋە 1864-يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالىي،جەنۇبىدىكى جايلارداقوزغىلىدۇ.ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ '4Ixqb+  
قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا باشلىنىدۇ.سادىر پالۋان ئىلى ۋىلايىتىدە پارتىلغان قوزغىلاڭنىڭ ~u !|qM  
قاتناشقۇچىللىرىدىن بىرى ئىدى. DV+xg3\(>1  
#ASz;$P  
1861-يىلى  3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھىرىگە ئىككى داپقۇر ئومومىي يۈزلۇك ھۇجۇم قىلىدۇ، )}]g] g  
شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ.نەتىجىدە ئون كۇنلۇك ئۇرۇشتىن كېيىن غۇلجا ئازات قىلىنىدۇ. KRLQ #,9  
.قارىغاندا سادىر پالۋان 1864-يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم40 ئۆچكىنىڭ مۆڭگۇزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ $L>@Ed<  
قويۇپ ،قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوي تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن ، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىلارنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچۇگەن چىلپەڭزە ئامبىلى تېزلا تەسلىم بولغان.  |`f$tj  
بايانداي ئۇرىشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىدا لەخمە كولاپ دورا كۆمۇپ YTX,cj#D^&  
سىپىلنى پارتىلتىدۇ. بۇ چاغدا 5000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئە @ ZwvBH  
ئىچىگە بېسىپ كىرىپ ،سېپىلنى مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ. N P#w +Qw  
%@ODs6 R0  
1867-يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىللىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغاب سادىر پالۋان @=Uh',F  
ئۆز يېزىسى مولتوختى يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ.تۆت يىل ئۆتۇپ 1871-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ. S8w _ii3zd  
fZzoAzfv2  
خەلق ئۆزىنىڭ بۇ باتۇر پەرزەنتى ئۈچۇن قاتتىق قايغۇرىدۇ ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۇچۇن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى [M}{G5U.  
ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بۈ گۇنگىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە. eIEeb,#i  
   B =T'5 &  
   Ugt/rf5n  
ماقالە ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori \?ZB]*Fu  
fLD, 5SN  
--------------------------------------------------------------------------------

akkax 2013-08-04 22:58
  ماتېرىيال تېخىمۇ تولۇقلىنىپتۇ. ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ تولۇقلىمىسىغا كۆپ تەشەككۈر ! pa3{8x{9m  
ماتېرىيالدىن قارىغاندا، سادىر پالۋاننىڭ تېگى شەھىدانە خوتەن دىيارى، يەنى ئالتە شەھەرلىك بولىدىكەن. كېيىنكى چاغلاردا يەنىلا  ئىلى دىيارىدىكى يۇرتۋازلىق، ئالتە شەھەرلىكلەرنى چەتكە قېقىش ھادىسىلىرىدە سادىر پالۋاننىڭ يۈزى قىلىنمىغان ئوخشايدۇ . ( تازا مۇقامغا چۈشمىگەن بولسىمۇ شۇنداق دېمەي بولمىدى)  

nadiraay 2013-08-05 16:13
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

ئاچچىقگۈل 2013-08-06 10:05
سادىر پالۋاننىڭ ئاۋۇ يېرىم بەدەنلىك رەسىمىنى قازاقىستانلىق رەسسام ئەبىلقان قاستىيوۋ سىزغان.  8q!]y6  
<<...بۇ سادىرنىڭ پورترېتىنىڭ 2-قېتىم سىزىلىشى. تۇنجى قېتىم  1920-يىلدا ئۇيغۇر رەسسامى ئابا شەمىس  سىزغان بولۇپ،1934-يىلى ئالماتادا ئېچىلغان كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئىدى.لېكىن ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ،بۇ ئەسەر ئىزسىز يوقىلىپ كەتكەن... 5Ln,{vsv  
ئەبىلقان بۇ ئىشقا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەن.ئاخىرى 1945-يىلى <<قازاق ئېلى>> ژورنىلىدا ئېلان قىلغان.بۇ رەسىم ھازىر پۈتۈن مەدەنى ئالەمگە مەشھۇر بولۇپ كەتتى. Q"d^_z ]K  
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژورنىلى 2003-يىل 6-سان   29-بەت.


查看完整版本: [-- تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us