ياتاق ۋە مەن
ياتاقتىكى ھەربىر بۇلۇڭ، مەنىسىز تۇرار .ئۆز بوشلۇقىنى ئىگەللەپ. سۈكۈتتە ئەمەس توختاۋسىز رېتىم، چېكىلدايدۇ تامچىغان سۇدەك.
مەن ... يىراقلارغا كۆزسىز باقىمەن. ۋۇجۇدۇم ياتاقتىن پارتىلاپ چىقتى، سۇسىز شۇ كۆلدە چەكسىز لەيلەپ. قانچە شۇڭغۇپمۇ ھىچ كىرەلمىدىم. بولدىلا... بولدى قايتاي قەدىم دەرياغا، كارىۋىتىمنى قىلىپ مەن قېيىق. تور كەبى كىرلىكىمدە، تۇتاي دەيمەن ئەڭ يوغان بېلىق .
2007-يىل |