رەيھانگۇل |
2012-12-02 11:04 |
رەيھاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى 1
يازالارمەنمۇ؟
خاتىرىنىڭ بېشىنى نېمە دەپ باشلاشنى بىلەلمدىم. خوددى يازغۇدەك ئىشنىڭ تايىنى يۇقتەكلا. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى ئوخشاش كېتىۋاتقاندەكلا، كۈن شەرقتىن چىقىپ، غەرپتە ئولتۇرۋاتقاندەكلا... يازغۇدەك نېمە ئىشلار بولسۇن، شۇ مەكتەپ، سىنىپ، ئىشخانا، ئوقۇغۇچى... ھېچقانداق يېڭلىق يۇقتەكلا... ئەمما باشلاپ باقمامدىم، بەلكىم مەن يازغۇدەك نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تىما، مەزمۇنلار چقىپ قالار، بەلكىم مۇشۇ باشلىنىش مەن ئۈچۈن يېڭى بىز ئىزدىنش، تەتقىق قىلىشنىڭ ئول، ئاساسى بولۇپ قالار.
مانا ئۇزچاق مۇئەللىممۇ يېڭدىن باشلاپ، بۇگۈن 29-كۈندىلىك خاتىرىنى تاماملاپ، 30-40پارچە ماقالە يېزىپ، ئۆزى، ئائىلسى ۋە مەكتىۋىگە شان-شەرەپ ئەكەلدى. تور دۇنياسىدا سەرخىل تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئېسل مۇنبىرى بولغان «تەۋپىق مائارىپ مۇنبىرى»دە بىر چولپانغا ئايلاندى. ھۆرمەت ۋە تەزىم ئولۇغلۇقنىڭ سەۋەپچىسى. مانا ئۇنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇش ھازىر تەۋپىق مۇنبىرىدە مودا. ئۇنىڭ يازمىلىرىنى نادىرلاش باشقۇرغۇچىلارنىڭ تالشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان بىرىنجى ئىشى. ئۇنىڭ تىرىشچانلقى، ھالماس-تالماس غەيرىتى، ئىرادىسى مانا بۇگۈن ئۇنى شان-شەرەپ ئاسمىندا پەرۋاز قىلدۇردى.
ئۇنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇپ، ئۆزۇمنى 12يىلىدىن بىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمغاندەك، قىلساممۇ كۈن ئۆتكۈزۈپلا كەلگەندەك تۇيۈلۈپ كەتتى... بولمىسا مەنمۇ بۇ 12يىلىنى ئەسلىسەم، خېلى موۋاپپەقىيەتلىك ئوتكۈزدۈم دەپ ئويلايمەن. ھەريىلى خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالىنىش، ئىچكىرى تولۇققا بالا ئۆتكۈزۈش، بىلىملىك، ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق ئوتتۇرغا يەتكۈزۈپ بېرىش جەھەتتە خېلى توھپەم بار دەپ قارايمەن. ئۇزچاقنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇپ، مېنىڭ كۆڭلۈمدە «شان-شەرەپ» دەپ ھېسابلىغىنىم يوقىنىڭ ئورنىدىلا...
ئۇزچاقنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇپ،دەرسىنى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئۆتۈش، دەرسكە قانداق تەييارلىق قىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق قىلىپ، ئولارنىڭ كۆڭلىنىڭ ئەڭ يوقىرى توردىن ئورۇن ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ئىتراپ قىلىشغا ئېرىشش، خىزمەت ۋە تەتقىقاتتا موۋاپپەقىيەتكە ئېرىشش، شۇنداقلا ماقالىنى قانداق يېزىش، ئىنكاسنى قانداق يېزىش قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇننى ئۆگىنىۋىلىشقا تىرىشىتىم.
بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقۇدا كۆرۇشۇپ قالدىم. تۇنجى قېتىملىق پاراڭلىششىمىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ مەندەك خۇشخۇي، چىقىشقاق، ئوچۇق-يۇرۇق بولغاچقا، ئاسانلا چىقىشىپ كەتتۇق. ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى، ئىدىدىيسى، مېنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە يازغان ئىنكاسلىرىم، تەسىراتىم بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئاللاقاچان تۇتاشتۇرۋەتكەن ئىدى. ئۇزچاق بىلەن بەكمۇ كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتۇق. پاراڭ جەريانىدا ئۇ مېنى « رەيھاننامە» يېزىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. بۇنى يېزىپ بىقىشنى تېخى ئويلاپ باقماپتىمەن، ئويلىساممۇ، يېزىشقا جورئەت قىلالمايتىم. چۈنكى مەندە «رەيھاننامە»نى پۈتتۈرگۈدەك سەۋىيە، ئىقتىدار يوق دەپ قارايتىم. نەچچە ۋاقتىتىن بويان، 8-9 پارچە ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپتىمەن. ئەمما كۆپرەكى ئۇنۋان ئىھتىياجى، خىزمەت ئىھتىياجى ئۈچۈنلا. توختىغىنا، مەنمۇ يېزىپ باقايچۇ، دەپ ئېچىمدىن قايناپ چىقىپ يازغانلىرىم يۇقىنىڭ ئورنىدا. ھەرقېتىم «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلىدىن ياخشى چىققان ماقالىلەرنى ئوقۇغان چېغىمدا، كۆڭلۈمدە «غەيرەت قىلسام، مېنىڭچە مەنمۇ مۇشۇنداق ياخشى ماقالىلەرنى يازالايمەن، نېمىشقا يازمايدىغاندىمەن» دەپ ئويلاپ كىتەتىتىم. ئۇ ئىش، بۇ ئىش دەپ تۈرلۈك باھانە سەۋەپ بىلەن كۆڭلۈمنى ياساپ يازمايتىم ھەم ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خىياللىرىمنى ئۈنتۈپ قالاتتىم. راسىت، بارلىق ئالداشلارنىڭ ئېچىدىكى ئەڭ ئېغىرى-ئۆزىنى ئالداشتۇر. ئەمەلىيەتتە بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتىقاندا ، ئەتىدىن كەچكىچە بىكار يۈرۈش،كۆڭۈل كۆتۈرگىدەك بىرەر ئىش بولماسلىقتىنمۇ ئارتۇق ئازابلىق ئىش بولمىسا كېرەك. ئۇزچاق مۇئەللىم مېنى رىغىبەتلەندۇرۇپ، ئىلھاملاندۇردى. مېنى سىزنىڭ سەۋىيىڭىز مېنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى دەپ ماختاپ قويدى ھەم دائىم يېزىپ تۇرۇشىمنى تەۋسىيە قىلىدى. ئۇنىڭ شۇ بىر ئېغىز گېپى يادىمدىن چىقمايدۇ: « نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس، سىزمۇ نۇر چاچالايسىز.» ئۇزچاق مۇئەللىم بىلەن كۆزقاراشلىرىمىز، ئويلىرىمىز خېلى بىر يەردىن چىقىپ قالدىكەن، تىزلا چقىشىپ قالدۇق.
شۇنداق، ئۈزچاق مۇئەللىمنىڭ رىغبىتى، ئۇنىڭ يازمىلىرى، ھەربىر كۈندىلىك خاتىرىدىكى ئۆزگىچىلىك، يېڭى مەزمۇنلار، چوڭقۇر مۇلاھىزە، ئۆزگىچە تەپەككۇرلار مېنى قولغا قەلەم ئېلىشقا، بىرنېمىلەرنى يېزىپ بىقىشقا ئۈندىدى.
شۇنداق يازاي، چوقۈم يازاي، نېمىشقا يازمايمەن؟ ۋاقىت قىس، يېزىشقا ۋاقتىم يوق دەپ يازمامدىم؟ مەندە يازغۇدەك سەۋىيە، ئىقتىدار يوق دەپ يازمامدىم؟ يازغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق دەپ يازمامدىم؟ يېزىشقا ئىشەنچىم يوقمۇ يا؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭچە يېزىشقا چوقۇم ۋاقىت چىقىدۇ. ۋاقىتىنىڭ ئېچىدىن ۋاقىت چىقىدۇ. يازاي دەپ نىيەتلا قىلسام چۇقۇم يازايمەن. يېزىشنى چوقۇم ئۆگىنەلەيمەن. ئۆگىنىشلا رۇھىيتىمنى مەڭگۈ قېرىتمايدۇ، مېنى مەڭگۈ يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمايدۇ، مەڭگۈ پۇشايمانغا قالدۇرمايدۇ... بۇ يازغانلىرىم بىر كۈنلەردە كېيىنكى ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا ئەز قېتىپ قالار. ھېچبولمىغاندا ئوغلۇمغىمۇ بولسا خاتىرە بولۇپ قالار. ئاپام مۇشۇنداق ئىزلارنى بېسىپتىكەن، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ نۇرانە، ئەڭ يارقىن گۈزەل پەسلى ئىكەن دەپ خوش بولۇپ قالار. ئاپام يازغان خاتىرە، ئاپامنىڭ ئۆز قولى بىلەن قالدۇرغان پۇچۇركىسى، شانلىق تارىخى دەپ خوش بۇلۇپ قالار.
ھايات ھەممىزگە بېرىلگەن كاتتا نېممەت، قىممەتلىك سوۋغا. بۇ كاتتا نىممەتتىن قانداق بەھىرلىنىش ئۆزىمىزگە باغلىق. بەزىلەر ھاياتىمىزنى ئويناپ-كۈلۈپ، ئەھمىيەتسىز ئۇيۇن-تاماششا بىلەن تۇگتىپ قالىمىز، يەنى تۇرمۇشتىن ئەھمىيەت ۋە مەنىگە ئىرىشەلمەيمىز.ئەتراپمىزدىكلەرنى خوش قىلالمايمىز. ئۇلارغا ھېچبىر پايدا، خوشلۇق يەتكۈزەلمەيمىز. مۇنداق ھاياتىنى نېمە دېيىش مومكىن؟
«يىرتىلغىنى كالېندارمۇ، بىزمۇ؟» ناملىق بىر مەسەل ئوقۇغىنىم ھېلھەم يادىمدا تۇرۇپتۇ.
بىر كىشى ئەتكەن ئورنىدىن تۇرۇپلا، تامغا ئېسلىقلىق تۇرغان كالېندارنىڭ تۈنۈگۈنكى چېسىلاسىنى يىرتىۋېتىپتۇ.
-توختاپ تۇرۇڭ،-دەپ كالېندار،- مېنى نېمىشقا يىرتىۋېتىسىز؟
- نېمىشقا يىرتىۋەتمەيمەن، سەن تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتىڭ ئەمەسمۇ؟-دەپتۇ ئۇ كىشى.
-توغرا دېدىڭىز، مەن تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتىم، سىز ھەركۈنى مۇشۇنداق «تۈنۈگۈنكى چېسلا»لاردىن تالاي-تالاينى يىرىۋەتتىڭىز، ئەمما سىز تۈنۈگۈندە نېمە قالدۇرۇپ كەتتىڭىز؟
ھېلىقى كىشى بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ چۈڭقۇر ئويغا چۆمۈپتۇ.
قاراڭ، ھاياتىنىڭ چەك-چىگرىسى يوق. ئۇ ھامان ئاخىرلىشدۇ. مەن ئۇزاق ئۆمۇر كۆرەلىسەم، 70-80گە كىرەرمەن. توغۇلۇپلا ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ بار. ھاياتىم قاچان ئاخىرلىشىدۇ، بۇنسى ماڭا نامەلۈم... ئەمما ياشاۋاتقان ھەربىر كۈنۈمدىكى ھەربىر مىنۇت ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزشىم بۇ ماڭىلا باغلىق. ھاياتىمدىن مەنە قالسۇن. ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر مىنۇت ۋاقتىمنى ئويلغاندا، ئەپسۇسلانماي، پۇشايمان قىلماي. بەلكى خوشاللىق بىلەن مەن مۇنۇ-مۇنۇ ئىشلارنى قىلدىم دەپ مەيدە كېرىپ تۇرۇپ، جاۋاپ بېرەلگۈدەك بولاي. ۋاقت ئۆتۈۋىرىدۇ، كالېندارنىڭ ۋاراقلىرى يىرتىلىۋىرىدۇ، مەن قىرىۋىرىمەن. ئەمما ھاياتىمىكى بىردىنبىر يىرتىلمايدىغان، قىرىمايدىغان ياخشى نەرسە، مەنىلىك ئىش-ئەمەلدۇر. كىمنىڭ قەلبى ھەممە ئۈچۈن تېپىۋاتقان بولسا، ئۇ ئادەم ھەقىقەتەن بويۈكتۈر. ھاياتىمنى مەنىلەرگە پۇركەي. ئۈمتۋار ياشاشنىڭ ئېنىق ئىزنالىرى ھاياتلىق بەتلىرىمگە ئىز قالدۇرسۇن، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن تىركىششنىڭ ئۆچمەس مسىرالىرىنى تىزاي. ۋايساش، قاقشاش بىلەن بارچە گۈزەللىك ۋە مىھرى-مۇھەببەتىنى مائاش قۇربانىغا ئايلاندۇرماي...
قەلىمىم ماڭا خىتاپ قىلىۋاتىدۇ: «ئۆزىدىن ھالقىش دۇنياغا خوجايىن بولغان بىلەن باراۋەر، سېنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىزدەيدىغىنىڭ شۇ خوجايىنلىق بولسۇن!»
|
|