tursungul |
2012-11-14 10:11 |
كىملىكىم قىينايدۇ ئەقىلسىز بۇ تەن، تىللىرىم سۆزلىمەس باسقاچقا قورقاق. ئەپسۇسلار قولۇمغا سالىدۇ كىشەن، ناتونۇش يوللاردا سەرسانمەن ياياق. يۈرەككە بېسىلغان نادامەت مۆھرى، يىلتىزىم قۇرىغان، بېغىم ئۇشىغان. مەۋجۇتمەن ئۆزەمچە تاتلىق بىر ھىستا، پۇچەكلىك تۇزلۇقۇم ، مەن بەك ئۇسۇغان.
گىرىمسەن تەغدىرگە ئەسىر بولغانمەن، مەشرىقتىن مەغرىپكە كېلەرمەن غېرىپ، زەپىران ھالىمغا كىم سالدى نەزەر، كىملەرگە سۆز تاشلاي باغرىمنى يېرىپ. سۈبھىلەر كەلگىنە قولۇمنى بېرەي، چوقانلار قۇچاقلا باغرىم سېنىڭكى. ئۆلمىگىن يۈرىكىم جەننىتىم ئۆزۈڭ، سۆيىمەن سەن مېنىڭ،مەڭگۈ مېنىڭكى.
|
|