查看完整版本: [-- يۇرتىنى سېغىنىش   (غەزەل ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> يۇرتىنى سېغىنىش   (غەزەل ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەكبەرنىياز 2012-11-09 15:12
 يۇرتىنى سېغىنىش   

 (غەزەل )


قاناتىم بولسا لاچىندەك يۇرتۇم تامان ئۇچاي دەيمەن ،
تەقەززا بوپ ئۇزاق كۈتكەن دىيارىمغا قۇناي دەيمەن .

ياشار ئىدىم سەبىي چاغلار قۇچاغىڭدا خۇشال يايراپ ،
قىلىپ پەرۋاز يەنە بىر رەت ھوزۇرىڭغا باراي دەيمەن .

كۈنۈم ئايدەك ،ئېيىم يىلدەك ئۆتەر ئاستا قېرىشقاندەك ،
يەتسە قۇربىم  سائەتىمگە نەچچە  قامچا سالاي دەيمەن .

كېندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئۇز ئانا تۇپراق گۈزەل تۇرپان ،
كېرەك بولسا ساڭا گەر جان يۈرەكىمنى تۇتاي دەيمەن .

بىلىنمەپتۇ قۇچاغىڭدا ئۆتۈپ كەتكەن خۇشال كۈنلەر ،
چىراي ئاچقىن ماڭا ئىللىق ،يۈرەك باغرىم ياقاي دەيمەن .

سەھەر ئەسلەپ يېزىپ قالدىم سېنى كۈيلەپ نەزمىي- غەزەل ،
گۈزەل ھۆسنى جامالىڭنى ئۆمۈر بۇيى يازاي دەيمەن .

كېلىپ قالسا ئەگەر بىر كۈن ئەكبەرىگە پەيتى ئەجەل ،
ئارمانسىزلا قىلىپ خەندان قۇچاغىڭدا ياتاي دەيمەن .


1999-يىلى 1-دىكابىر  خوتەن   مەنبە :  ئۆز ئىجادىيىتىم

danix 2012-11-09 16:38
     ھەقىيقى يۇرت سۆيگۈسى دېگەن مانا ! بەك ئىسىل ئەسەركەن !
نادىرلاپ قويسا بولغىدەك ! مۇبارەك بولسۇن !

gulhan 2012-11-09 16:46
بەك ياخشى چىقىپتۇ. بارىكاللا!!!

سەرۋاز 2012-11-10 00:24
قاناتىم بولسا لاچىندەك يۇرتۇم تامان ئۇچاي دەيمەن ،
تەقەززا بوپ ئۇزاق كۈتكەن دىيارىمغا قۇناي دەيمەن .
يۇقارىقى مىسرانى
قاناتىم بولسا لاچىندەك يۇرتۇمغا يول ئالاي دەيمەن ،
تەقەززا بوپ ئۇزاق كۈتكەن دىدارىغا قاناي دەيمەن .
دەپ
ياشار ئىدىم سەبىي چاغلار قۇچاغىڭدا خۇشال يايراپ ،
قىلىپ پەرۋاز يەنە بىر رەت ھوزۇرىڭغاباراي دەيمەن .
بۇمىسرانى؛
ياشاپ ئۆتكەن سەبىي چاغلار قۇچاغىڭدا خۇشال يايراپ ،
مېھرى ئىسسىق شۇ ھۆسنىڭنىڭ  چېھرىگە بىر سۆيەي دەيمەن .
دەپ ئۆزگەرتسەك تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.

دۆلەتخان 2012-11-10 13:35
مەن ئەكبەجان ئىنمىزنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە ئاپرىن ئېتماي تۇرالمايمەن.

tursungul 2012-11-10 14:55
    دەرس ئارلىقىدا  بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ مۇشۇ تېمىدا سۆزلەپ<<ۋەتەن___ يىگىلى بولمايدىغان نان،بەرگىلى بولمايدىغان جان >>دېگىنىنى ئەسلەپ قالدىم ....
تۇغۇلغان  تەۋەرۈك زىمىن ئەلۋەتتە ۋەتەن،يەنە كېلىپ شۇنداق سۆيۈملۈك ۋەتەن !!!     .قەلىمىڭىزگە ئاقلىق ۋە ساقلىق يار بولسۇن!!

ozqan 2012-11-10 18:35
يۇرت مۇھەببىتى ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەتتۇر . شۇ خىل مۇھەببەتتىن بارلىققا كەلگەن غەزەل بولغاچقا ، ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ . ئىلھام بۇلاقلىرىڭىز ئۇرغۇپ تۇرسۇن ...

ئەكبەرنىياز 2012-11-11 00:40
سەرۋازنىڭ تەكلىپلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت . مەن بۇخىل شىئېرىي مۇھىتقا كىرگەندە :
1. ئەگەر مەندە لاچىندەك بىر جۈپ قانات بولسا ئۇ چاغدا مەن لاچىنغا ئايلىنار ئىدىم ، شۇ چاغدا بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىم يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچۇش بولاتتى ، دەپ ئويلىغان ئىدىم . <<يول ئېلىش >> دىگەن بۇ سۆز تۈس مەنىسىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارغا خاس ئاتالغۇمىكىن دەيمەن . يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ھەتتا قۇشلارمۇ ئۆز ئوۋىلىرىنى سېغىنىدىغۇ !؟ مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھىسسىياتىم دەل ئۆزىنىڭ ئىللىق ئۇۋىسىنى سېغىنغان قۇشقا تەققاسلىنىپ ئېلىنغان . ئەلۋەتتە قۇش ئۇچقان ئىكەن ، ھامان بىر جايغا قونۇشى كېرەكقۇ !؟ ئەگەر مەن ئۇۋىسىنى سېغىنىپ ئۇچقان بىر قۇش بولغان بولسام  چوقۇم يۇرتىمغا بېرىپ قونۇش ئارزۇيۇمنىڭ بولۇشى مۇقەررەرغۇ !؟ بىرىنچى مىسرادا يۇرت سۆيگۈسىنى ئەلا بىلگەن بىر قۇش يۇرتى تامان ئۇچۇپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئانا يۇرتى (دىيارى ) غا ئاۋۋال ساق-سالامەت قونۇشنى ، ئاندىن ئۆز تۇرتىغا راسا بىر قېنىۋىلىشنى ئويلامدىكىن دەيمەن .
2.  2-كوبلىتتا يەنىلا قۇش بولۇپ قېلىش ئارزۇسىنىڭ قايناق ھاياجانلىرىدىن قۇتۇلالمىغان <<مەن >> ئۆز ئۇۋىسىدا ئۆتكۈزگەن <<ئۇچۇرۇم >>چاغلىرىنى ئەسلەپ تېخىمۇ مۇڭلىنىپ يەنىلا ئاشۇ ئىللىق <<ئۇۋا >> سىغا چاپسانراق ئۇچۇپ بېرىۋىلىشنى ئويلايدۇ . <<چېھرىگە سۆيۈش >>ھەرگىزمۇ قۇشلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ئەمەسقۇ دەيمەن !؟
پەقەت غەزەلنىڭ 3-كوبلىتىغا ئۆتكەندىلا غەزەلدىكى <<مەن >> ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىغا قايتىپ كېلىپ ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن ئاستا ئۆتىۋاتقىنىغا بەكلا ئىچى پۇشۇپ  شۇنداق بىر كارامىتى بولسا ۋاقىتقا<< قامچا >> ئۇرغۇسى بارلىقىدەك ئىنتىزارلىق ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ .
سەرۋاز قېرىندىشىم ، شىئېر دېگەن چۈشەندۈرىدىغان ژانىر ئەمەس بەلكى ھېس قىلىنىلىدىغان ژانىر ئىدى . خەير ، بىر قېتىم سىز ئۈچۈن قائىدىنى بۇزاي ،سىزگە تەكلىپىم شىئېر ئۇقىغاندا چوقۇم شىئېرىي مۇھىتقا كىرىپ تۇرۇپ ئوقۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەسلى سىز ماڭا 1-كوبلىتتىكى <،يۇرتۇم >> دېگەن سۆز ۋەزىنگە چۈشمەيدىكەن ،ئۇنىڭ ئورنىغا << ؟ >> سۆزنى ئېلىڭ دېگەن بولسىڭىز بەكمۇ سۆيۈنەر ئىدىم . ۋەزىن چاقىدىغان بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا يېرىم كۈن ئويلىنىپمۇ مۇۋاپىق سۆز تاپالماي ئاخىرى شۇ بويىچە يوللىغان ئىدىم ، بۇ جەھەتتە ئەجدادلىرىمىزگە ھەم مۇنبەرداشلىرىمغا يۈز كېلەلمەيمەن .بۇ جەھەتتە ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز !!!

tawpek 2012-11-12 00:09
تەكلىپنى   قوبول  قىلىشتا  بەزىلەر  قاراقۇيۇق قوبول  قىلىدۇ،  يەنە بەزىلەر تەكلىپ بە رگۈچىدىن رەنجىيدۇ.

لىكىن ئەكبەرجان ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇلدا  قا ئدە داۋلى سۆزلەپتۇ.

بۇ ئۈگىنىشكە   تىگىشلىك بىر  روھكەن

rahima 2012-11-12 17:18
بۇ غەزەل ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ. بۇنى پەقەت يۇرتىنى سېغىنغان ھەم سېغىنىۋاتقان تورداشلار چوڭقۇر ھاياجان بىلەن شېئىرېي ھېسياتتا ئوقۇيدۇ.

sakal 2012-11-13 01:51
قاناتىڭ بولسا لاچىندەك يۇرتۇڭ تامان ئۇچۇپ كەتسەڭ،
ۋىسال قوينىدا يۇرتۇڭنىڭ شەرەپ-سانلار قۇچۇپ كەتسەڭ.

يېرىلغايمۇ يۈرەك باغرىڭ ئۈزۈم تاللارنى كۆرگەندە،
يەنە مەلەڭ ئېرىغىدىن گۈدەكلەرچە كېچىپ ئۆتسەڭ.

ئاناڭ مىسكىن سېنى ئويلاپ ئېزىپتۇمىش نامازىدىن،
يىقىلغايمۇ قۇچاغىڭغا ۋىسالڭنى ئايان ئەتسەڭ.

ئاتاڭ موخۇركا چەكتىم دەپ چىكەرئىمىش پىغانىڭنى،
شوراپ ئالغايمۇ باغرىغا «ئاتا»دەپ چاقىرىپ كەلسەڭ.

پىغان چەكمە بۇ ھىجرانغا دىگىن ئاللاھۇ يا ئەكبەر،
راۋا قىلغاي مىرادىڭنى سەۋىرنى يارۇ-يار ئەتسەڭ.

رەيھانگۇل 2012-11-16 02:11
ئىلھاملىرىڭىزغا بەرىكەت ياغسۇن، ئەكبەر مۇئەللىم.

نەجىبەتاجەمەت 2013-05-28 19:43
بۇ شىئىېرنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن يۇرتۇمنى سىغىنىپ قالدىم

tawpek 2013-08-04 11:52
كۈنۈم ئايدەك ،ئېيىم يىلدەك ئۆتەر ئاستا قېرىشقاندەك ،
يەتسە قۇربىم  سائەتىمگە نەچچە  قامچا سالاي دەيمەن .

ئاۋۇ قۇرلار ئۆزگىچە چىقىپتۇ


查看完整版本: [-- يۇرتىنى سېغىنىش   (غەزەل ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us