查看完整版本: [-- سىنىپ تۈزۈمى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پىلان خۇلاسىلەر -> سىنىپ تۈزۈمى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xayda 2012-10-22 23:02
« تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈپتۇ، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز » دەپ، زەررىچە بولسىمۇ پايدىسى بولا دەپ سىنىپ تۈزۈمىنى يوللىدىم. كۆرۈپ بېقىڭلار.

سىنىپ تۈزۈمى
 
ئۆگىنىش جەھەتتە:

1A. دەرستىن بۇرۇنقى سىناقتا 60 تىن تۆۋەن نومۇر ئالسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ. ئۈچ قېتىمدىن ئاشسا (ئۈچ قېتىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 6 نومۇر تارتىلىدۇ ھەم ھاجەتخانا تازىلايدۇ.

2A. بىر قېتىم تاپشۇرۇق دەپتەر تاپشۇرمىسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ ھەم ھاجەتخانا تازىلايدۇ.

3A. ئۆگىنىش ھەيئىتىنىڭ نورمال ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

سان قاتناش جەھەتتە:

B4. سەۋەبسىز بىر سائەت دەرسكە قاتناشمىسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

B5. سەۋەبسىز 4 سائەت دەرس قالدۇرسا، ئائىلە باشلىقى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم 8 نومۇر تارتىلىدۇ.

B6. سەۋەبسىز 40 سائەت دەرس قالدۇرسا، مەكتەپتىن چېكىندۈرىلىدۇ.

B7. ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىگە كېچىكسە، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

B8. دەرسكە كېچىكسە، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

B9. ئاغرىق ياكى سوراق بولسا، 0.5 نومۇر تارتىلىدۇ. (روخسەت سورىسا، چوقۇم ئائىلە باشلىقى خەۋەر قىلىشى كېرەك.)

B10. ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ( بايراق چىقىرىش، يىغىن، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە) گە قاتناشمىسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

B11. سىنىپ باشلىقىنىڭ نورمال ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

تازىلىق جەھەتتە:

C12. سىنىپ تازىلىقى 95 نومۇردىن تۆۋەن بولسا (95 نومۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شۇ گۇرۇپپىدىكى ھەر بىر نۆۋەتچىدىن 2 نومۇر تارتىلىدۇ ھەم قايتا تازىلىق قىلىدۇ.

C13. مەيدان تازىلىقى 95 نومۇردىن تۆۋەن بولسا (95 نومۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھەر بىر نۆۋەتچىدىن 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

C14. سەۋەبسىز مەيدان تازىلىقىغا قاتناشمىسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

C15. سىنىپقا خالىغانچە ئەخلەت تاشلىسا (پارتا ساندۇقى، ئورۇندۇق ئاستىدا ئەخلەت بولسا)، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.
C16. مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ھەر خىل ئەمگەكلەرگە قاتناشمىسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

C17. تازىلىق ھەيئىتىنىڭ نورمال ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

ئەخلاق ۋە ئىنتىزام جەھەتتە:

D18. ئوقۇتقۇچى بىلەن تاكالاشسا،  2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D19. ساۋاقداشلىرى بىلەن زىددىيەتلەشسە، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D20. مەكتەپ فورمىسى كىيمىسە، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D21. قىز – ئوغۇللار نورمال مۇناسىۋەتتە بولماي، مەكتەپ ياكى جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلسا، ئائىلە باشلىقى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم 5 نومۇر تارتىلىدۇ.

D22. قىزلار چېچىنى بۈدرە قىلىپ، زىبۇ – زىننەت تاقاپ، گىرىم قىلسا؛ ئوغۇللار ئۇزۇن چاچ قويسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D23. ئوغۇللار تاماكا چەكسە، 2 نومۇر تارتىلىدۇ. ھاراق ئىچسە، ئائىلە باشلىقى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ، مەكتەپتىن چېكىندۈرىلىدۇ.

D24. سىنىپقا يانفۇن، MP3، MP4 قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ. بايقىلىپ قالسا، مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئائىلە باشلىقى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم  2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D25. ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە ياكى دەرس ۋاقتىدا ئىنتىزامسىزلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ نورمال ئۆگىنىش قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D26. كۆز گىمناستىكىسى بىلەن رادىئو گىمناستىكىسىنى ياخشى ئوينىمسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D27. سىنىپ ياكى مەكتەپنىڭ مال – مۈلكىنى بۇزۇپ قويسا ياكى يۈتتۈرۈپ قويسا، ئۆز باھاسىدا تۆلەتكەندىن سىرت 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D28. ئوغرىلىق قىلسا، 5 نومۇر تارتىلىدۇ.

D29. ھەر خىل يىغىلىشلار (تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى، شەكلى ئۆزگەرگەن ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى) نى باھانە قىلىپ، رىستۇران، بەزمىخانىلارغا كىرىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلسا،  2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D30. تورخانا ياكى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىغا كىرسە، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

D31. ئەخلاق ۋە ئىنتىزام باشلىقىنىڭ نورمال ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ.

 

مۇكاپاتلاش تۈزۈمى
 
E32. مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ئوخشاش يىللىقلار بويىچە 1 - دەرىجە بولسا، 50 يۈەن، 2 - دەرىجە بولسا، 30 يۈەن، 3 - دەرىجە بولسا، 20 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ھەم 1 - دەرىجىگە 10 نومۇر، 2 - دەرىجىگە 5 نومۇر، 3 - دەرىجىگە 3 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.

E33. ھەر خىل مۇسابىقىلەر (زېھىن سىناش، ماقالە يېزىش، نۇتۇق سۆزلەش) دە ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 1 – دەرىجە بولسا، 20 نومۇر، 2 – دەرىجە بولسا، 15 نومۇر، 3 – دەرىجە بولسا، 10 نومۇر بېرىلىدۇ؛ ۋىلايەت بويىچە 1 – دەرىجە بولسا، 15 نومۇر، 2 – دەرىجە بولسا، 10 نومۇر، 3 – دەرىجە بولسا، 5 نومۇر بېرىلىدۇ؛ ناھىيە بويىچە  1 – دەرىجە بولسا، 10 نومۇر، 2 – دەرىجە بولسا، 5 نومۇر، 3 – دەرىجە بولسا، 3 نومۇر بېرىلىدۇ؛ مەكتەپ بويىچە  1– دەرىجە بولسا، 5 نومۇر، 2 – دەرىجە بولسا، 3 نومۇر، 3 – دەرىجە بولسا، 2 نومۇر بېرىلىدۇ.

E34. مەكتەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلىپ، ياخشى تەسىر قوزغىسا، 2 نومۇر بېرىلىدۇ.

 

 
پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلىبە ياتىدۇ.
 
2011 – يىلى 14 - نويابىر
 


ozqan 2012-10-22 23:09
شەيدا : رەخمەت سىزگە ....
تۈزۈملىرىڭىزنى مۇۋاپىق ھالدا سىنىپ ئەھۋالىمىزغا تەدبىقلىساق بولغۇدەك ،بۇ تۈزۈملەر بەكمۇ  ئىنچىكىلىك بىلەن ، ئەتراپلىق تۈزۈلۈپتۇ .   تولىمۇ ئەستايىدىلكەنسىز .

رەيھانگۇل 2012-10-22 23:20
پاھ، پاھ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىقدارلاشتۈرۇپ نۇمۇر قويۇش باھالاش ئۆلچىمىدىنمۇ چىڭراق باھالاش ئۆلچىمىكەنغۇ بۇ.
ئەمما بۇ ناھايىتى ياخشى ئاقىلانىلىك بوپتۇ.
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ھەپتىدە بىر مىقدارلاشتۈرۈپ نۇمۇر قويۇپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەممىزگە 100نۇمۇر بېرىدۇ. سەۋەنلىك ئۆتكۈزسەك، ئۆلچەم بويىچە نۇمۇر تارتىلىدۇ. ياخشى ئىشلىسەك، تۈرلەر بۇيىچە نۇمۇر قۇشۇپ بېرىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە سىز تۈزگەن بۇ تۈزۈملەر ئوقۇغۇچىلارغا تولىمۇ ماس كەلگۈدەك.

مەن بىر تەكلىپ بىرەيمۇ؟
نۇمۇر قۇشۇپ بىرىدىغان تۈرلەر سەل ئاز ھەم تەلەپ بەك يۇقىرى بوپ كەتتىمۇ قانداق؟ نۇمۇر قۇشۇپ بىرىدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىسىڭىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۇلغا كەلتۈرەلەيسىز، قېنى قاراپ بېقىڭ.

tursun 2012-10-23 11:37
شەيداغا ئاپىرىن...مەنمۇ كۆچۈرىۋالدىم،بۇ تۇزۇملەرنى مەيلى يىڭىدىن خىزمەتكە
قاتناشقانلار بولسۇن،ۋە ياكى ئىزچىل سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن ،ئۆزى مەسئۇل بولغان سىنىپنىڭ ئەھۋالىغا
ماسلاشتۇرۇپ پايدىلانسا،ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقۇرى بولغۇدەك...
    

gulziba 2012-10-23 13:25
ياخشى تەدبىرلەر ئىكەن ...پايدىلانساق بولغۇدەك،مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۇرۇشنى ئاساس قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن.

kok-sultan 2012-10-23 13:51
پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرىكەن...........

arkzat 2012-10-24 13:16
تەشكىلىي-تۈزۈم بولمىسا، ھېچبىر ئىش رۇياپقا چىقمايدۇ. مائارىپتىن ئىبارەت ئادەم تەربىيەلەش ئىشىدا تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى تەربىيەدە يۇمشاق قوللۇق ئاقمايدۇ. ئەمما قۇمدەك كۆپ تۈزۈملەرمۇ  كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ، رامكىلانغان ئىقتىدارنى پەيدا قىلىپ قويۇشى، تۈزۈملەر تۈزۈم سۈپىتىدە رامكىلاردا پارقىراپ تۇرىۋېرىشى ئېھتىمالدىنمۇ يىراق ئەمەس. ئاڭلىقلىق-ئەڭ ئالىي تۈزۈم جۈملىدسىدىندۇر!

ھەمراجان 2012-10-24 22:58
پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلىبە ياتىدۇ

تۆتتاش 2012-10-25 00:02
بۇ تۈزۈم ھەقىقەتەن ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈلۈپتۇ،مەنمۇ كۈچۈرۋالدىم،
لىكىن بىر يىرىنى بىلەلمىدىم.تارتىلغان نۇمۇر ئۇقۇغۇچىنىڭ قايسى نۇمۇردىن تارتىلىدۇ؟مۇكاپات نۇمۇر قايسى نۇمۇرغا قۇشۇلۇدۇ؟

koksangun 2013-07-28 12:18
مۇكاپاتلاش قائىدىلىرى جازالاش قائىدىلىرىدىن كۆپ ئازكەن.

koksangun 2013-07-28 12:19
كەڭرى بوشلۇق تار بوشلۇققا قارىغاندا ئوغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيىسى بېرىشتە موھىم رول ئوينايدۇ .

ئايبىكە 2013-07-28 12:27

ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ چىقىرىلغان تۈزۈملەر ئىكەن.ئۈنۈمى خەيرلىك بولسۇن.

ئوقۇغۇچىلار مۇكاپات نومۇر بىلەن جازا نومۇرنىڭ تاش-بورانلىرىدا بولۇشىغا قۇيۇنتاز بولۇپ ئوچىدىكەن.

مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى تېخى يېقىندىلا ئالماشتى.ئەقىدە-ئىتىقادلىق مەسچىت ئەھلىنىڭ بۇ ئىمامغا ھۆرمىتى ئۆزگىچە.ھەممىنىڭ ئاغزىدا ماختاش-مەدھىيە سۆزلىرى.سەۋەبى-بۇ ئىمام مەسچىت ئەھلىگە قايسى ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا  ساۋاپ بولدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،كۆپ يوللارنى كۆرسىتىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا قېرىنداشلىرىمىز ئىزدەپ،تېپىپ قىلىشقا باشلىدى.
ئالدىنقى ئىمامىمىز؛ئۇنى قىلساڭ يامان بولىدۇ.بۇنى قىلساڭ يامان بولىدۇ دەپ مەسچىت ئەھلى خۇددى سورىماي نەپەس ئالسىمۇ گۇناھ بولىدىغاندەك يۈرەكلىكرەك سۆز-ھەرىكەت قىلىشقىمۇ قۇرقىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-28 23:26
ياخشى تۈزۈلگەن تۈزۈملەر ئىكەن،سىنىپ باشقۇرۇش جەريانىدا مۇۋاپىق پايدىلانساق بولغۇدەك.لېكىن
دەرستىن بۇرۇنقى سىناقتا 60 تىن تۆۋەن نومۇر ئالسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ. ئۈچ قېتىمدىن ئاشسا (ئۈچ قېتىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 6 نومۇر تارتىلىدۇ ھەم ھاجەتخانا تازىلايدۇ.

2A. بىر قېتىم تاپشۇرۇق دەپتەر تاپشۇرمىسا، 2 نومۇر تارتىلىدۇ ھەم ھاجەتخانا تازىلايدۇ.
ھاجەتخانا تازىلايدۇ دىگىنى ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ھازىرقى بالىلارنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك.بۇنداق بولسا ئەكىس تەسىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
يەنە بىرسى بۇ نومۇرنى نەدىن تارتىدۇ؟

kamalat 2013-07-29 00:32
جىق ئەجىر قىلىپسىز.


查看完整版本: [-- سىنىپ تۈزۈمى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us