查看完整版本: [-- بۇ ھۆكۈم توغرىمۇ؟ (كەسىپداشلار دەپ باقسىكەن) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> بۇ ھۆكۈم توغرىمۇ؟ (كەسىپداشلار دەپ باقسىكەن) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-10-16 20:53
بۇ ھۆكۈم توغرىمۇ؟       (كەسىپداشلار كۆز قاراشلىرىنى دەپ باقسىكەن دەيمەن.)  [[.&,6  
«<ياخشى بىلەن ياشنايسەن، يامان بىلەن قاخشايسەن.>  دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆزدە تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. »
(مەنبە:  2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان تەكرار ماتېرىيالى «سەرخىل ئومۇمىي تەكرار» نىڭ 10- بېتىدىكى بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالىنىڭ 6-سىدىن ئېلىندى.) b.w(x*a  
Vsm%h^]d  

xayda 2012-10-16 22:13
    مۇنداق بىر قائىدە بارغۇ: « ي » نىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش ( ئوچۇق بوغۇم ) بىلەن ئاخىرلاشقان بىر قىسىم سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغان ئەھۋالدا قوشۇلىدۇ. شۇڭا مېنىڭ قارىشىم: « ياشنايسەن »، « قاخشايسەن » سۆزلىرى گەرچە « ياشنا » «قاخشا» دېگەن ئوچۇق بوغۇملار بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانمىغان. يەنى تۆۋەندىكىدەك: g4.'T51  
    بىنايىم، ئارزۇيۇڭ... SSA%1l 2!  
   خۇلاسە: « ي » قوشۇلمىغان.  

arkzat 2012-10-16 22:27
مېنىڭچە، بۇ ھۆكۈم توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ جۈملىدە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن. يەنى «ياخشى بىلەن ياشنايسەن، يامان بىلەن قاخشايسەن.» دېگەن بۇ جۈملە جەمئىي ئالتە سۆزدىن تەركىپ تاپقان تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، بۇ ئالتە سۆز ئىچىدە «بىلەن»دېگەن تىركەلمە ئىككى ئورۇندا   ئۆز ئەينى بويىچە تۈرلەنمەيلا كەلگەچكە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش بولمىغان. «ياخشى، يامان» دېگەن سۈپەتلەردىمۇ ھېچقانداق فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش بولمىغان. پەقەت «ياشنايسەن،قاخشايسەن» دېگەن سۆزلەرلا «ياش+نا+ي+سەن=ياشنايسەن، قاخشا+ي+ي+سەن=ياشنايسەن»بولۇپ ياسالغان، خالاس. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ جۈملىدە ھېچقانداق  فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش بولمىغان. يەنى  تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن. ئەمما بىر سۆزدىكى تاۋۇشنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. يەنى« قاخشايسەن» دېگەن سۆز بەزى مەنبەلەردە «قاخشا» دەپ ئەمەس، بەلكى «قاقشا» شەكلىدە ئېلىنىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. TQb FI;\  
     خۇلاسە كالام شۇكى، «سەر خىل»، «ھەر خىل»  قاتالىق دەبدەبىلىك ناملاردا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇنداق تېشى «سەر خىل»، «ھەر خىل»، ئەمما ئىچىدىكى مەزمۇنى ھەر يىلى «بىر خىل»لا بولۇۋاتقان بۇنداق ھەر خىل ماتېرىياللار ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ مۈجىمەل سوئاللار پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويماقتا. شۇڭا، بۇنىڭغا ئىجادىي، ئەمەلىي، تەنقىدىي مۇئامىلە قىلغىنىمىز تۈزۈك.

سەۋىر 2012-10-16 22:38
بۇ جۈملىدىكى سۆزلەرگە «يى »تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالمىغان.سەۋەبى،«يى » تاۋۇشى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە(ئەلۋەتتەئوچۇق بوغۇم بىلەن)سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا قوشۇلۇپ قالىدۇ،لىكىن بۇ سۆز «ياشنا ،قاخشا»سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلانغان قوشۇمچە«-ىسەن،-يىسەن»قوشۇمچىسىدۇر.مەسىلەن :قىل +ىسەن -قىلىسەن،ياشنا+يسەن-ياشنايسەن .

arzu 2012-10-16 23:06
بۇ سۆزلەرگە « ي » تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالمىغان، مېنىڭچە رەۋىشداش ياسىغۇچى قوشۇمچە « ي » قوشۇلغان بولۇپ، «ياشنا + ي + سەن = ياشنايسەن، قاخشا + ي + سەن = ياشنايسەن» بولۇپ ياسالغان.

ak gul 2012-10-16 23:16
بۇنىڭدا تاۋۇشلارنىڭ ھېچقانداق قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى يوق. دېمەك بۇ ھۆكۈم خاتا.

natiwan 2012-10-16 23:34
دېمەك بۇ ھۆكۈم خاتا.

tunyukuk 2012-10-17 14:28
كەسىپداشلارنىڭ ياردىمىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! -$]DO5fY  
مېنىڭ بۇ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدا بىز ھازىر ئىشلىتىشكە باشلىغان  2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان تەكرار ماتېرىيالى «سەرخىل ئومۇمىي تەكرار» دېگەن كىتابتا  يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك «ياشنايسەن، قاقشايسەن، دەيسەن، يەيسەن، بارمايسەن، ئىشلەيسەن، كۆرمەيسەن، ... دېگەندەك پېئىللاردىمۇ تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى بار دېگەن ئومۇمىي پىكىر مۇەييەنلەشتۈرۈلگەن. 

akkax 2012-10-17 20:59
مەن سەۋرنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. >I8hFtAM  
« ما، ماي، مە، مەي » قوشۇمچىسى بولغاندەك، « سەن، ىسەن، يسەن » قوشۇمچىلىرى ھەم بار ئىكەن. بۇ بۇرۇنقى ماتېرىياللاردا بولۇشى مۇمكىن. z7us*8X{  
م: بەر +مە، بەر+مەي ، ئال + ما ،  ئال + ماي :x* |lz[  
    ئادەم + سەن، كۈل + ىسەن ، چاقنا + يسەن، باتنا  + يسەن ، تازا + لا + يسەن ، يىغلا + يسەن $=QGua V  
   يەنە بىر خىل ئەھۋال، بۇ يەردىكى « ي، اي، ەي » قوشۇمچىلىرى سۈپەتداشنىڭ قوشۇمچىسى بولۇش ئھتىماللىقى بار. لېكىن بۇ ھەرگىز « ي » تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىغا كىرمەيدۇ . 2I(@aB+  
    

رەيھانگۇل 2012-10-18 15:05
مېنىڭچە « -ىسەن، -يسەن» قۇشۇمچسىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ئەمەس، پېئىلىنىڭ تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئىچىدە مۇنداق قۇشۇمچىلار يۇق. 3 Q%k (,  
مەن ئويلايمەن. «ياشنا+ي+سەن»  بۇنىڭدىكى « ياشنا» تۈپ پېئىل، «ي» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق رايىنىڭ قۇشۇمچسى، «سەن» پېئىلنىڭ تەۋەلىك قۇشۇمچسى. tx&U"]  
\q d)l  
قارىسام يۇقرىدا ئىنكاس بىلدۇرگەنلەر پېئىلىنىڭ بۇيرۇق راي قۇشۇمچسى « -ىاي،- ىەي، ي» نى ئېتبارغائالمىغاندەك تۇرامدۇ، قانداق؟ [, szx1  
مەسىلەن: ياز+ىاي=يازاي %_J/&{6G  
كۆر+ىەي=كۆرەي VL!kX``^F  
ياشنا+ي=ياشناي، كۆكلەي، ]!Aze^7;  
d# ?* 62  
ئۇستازلارنىڭ يەنە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بېقىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

ayhenim926 2012-10-18 15:55
نەقىل
引用第4楼arzu于2012-10-16 23:06发表的 : J[AgOUc  
بۇ سۆزلەرگە « ي » تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالمىغان، مېنىڭچە رەۋىشداش ياسىغۇچى قوشۇمچە « ي » قوشۇلغان بولۇپ، «ياشنا + ي + سەن = ياشنايسەن، قاخشا + ي + سەن = ياشنايسەن» بولۇپ ياسالغان. 9q{dRS[A  
Br??Gdd  
مەنمۇ بۇ قاراشنى قوللايمەن

koksangun 2012-10-18 16:18
يۇقىرىدا كەسىپداشلار بۇ مەسىلىگە قارىتا توغرا قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . K.7gd1I  
تەۋپىق مۇنبىرىگە يوللانغان مۇشۇنداق مەسىلىلەر تولىمۇ قايىل قىلارلىق نەزەرىيىۋىي قائىدىلەر ، ئەمەلىي مىساللار بىلەن قايىل قىلارلىق ھەل قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ . ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر بىردەكلىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، تالاش - تارتىشلار بارغانسىرى مەركەزلىشىۋاتىدۇ . ئىشىنىمىزكى ، مۇنبىرىمىز بۇ خىل رولى بىلەن يىقىن كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ئىمتىھانلاردا پايدىلىنىش قىممىتى بار بايلىق مەنبەسىگە ئايلىندۇ .

tunyukuk 2012-10-18 21:16
qE[}Cf]X  
  2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان تەكرار ماتېرىيالى «سەرخىل ئومۇمىي تەكرار» دا    «<ياخشى بىلەن ياشنايسەن، يامان بىلەن قاقشايسەن.>  دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆزدە تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. » دېيىلگەن. ^D)C|T  
بۇ مەسىلىدە كەسىپداشلار قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
بىر ئومۇمىي يەكۈن تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى يوق دېگەندىن ئىبارەت. 
مەنمۇ  تورداش رەيھانگۈلنىڭ قارىشىغا مايىلمەن.

diltikin 2012-10-19 01:59
مېنڭچە،مۇنداق دەپ قارىساق بولامدىكىن،يەنى ياشنايسەن دېگەن سۆزنىڭ تومۇرى ياش+نا=ياشنا <<ياشنا>>دېگەن سۆز تەۋەلىك نۇقتىسىدىن ئاڭلىغۇچى شەخسكە تەۋە شۇڭا ياشنا+سەن=ياشنايسەن بولغان دېمەك بىر <<ي>>تاۋۇشى قېتىلىپ قالغان.ئەگەر بۇ سۆز ياشنا+ي+سەن=ياشنايسەن بولىدۇ دېسەك ئۇچاغدا <<ياخشى بىلەن ياشنايسەن، يامان بىلەن قاخشايسەن>>دېگەن جۈملىگە نىسبەتەن ئېتقاندا ماس كەلمەيدۇ چۈنكى<<ياشناي>> دېگەن سۆز تەۋەلىك نۇقتىسىدىن سۆزلىگۈچىنى بىلدۇرىدۇ.مەسىلەن:مەن ياشناي،مەن ياشاي دېگەندەك لىكىن بۇ سوئالدا ئاڭلىغۇچى شەخسكە قارتا ئېتىلغان شۇڭا<<ياشا،ياشنا>> بولىدۇ.دەرىسلىك كىتابتىكى قائىدىنىڭ ھەممىسىلا ئەمەلى ئەھۋالغا ماس كېلىش ناتايىن.

koksangun 2012-10-19 09:40
نەقىل
引用第13楼diltikin于2012-10-19 01:59发表的  : -Ac^#/[0  
مېنڭچە،مۇنداق دەپ قارىساق بولامدىكىن،يەنى ياشنايسەن دېگەن سۆزنىڭ تومۇرى ياش+نا=ياشنا <<ياشنا>>دېگەن سۆز تەۋەلىك نۇقتىسىدىن ئاڭلىغۇچى شەخسكە تەۋە شۇڭا ياشنا+سەن=ياشنايسەن بولغان دېمەك بىر <<ي>>تاۋۇشى قېتىلىپ قالغان.ئەگەر بۇ سۆز ياشنا+ي+سەن=ياشنايسەن بولىدۇ دېسەك ئۇچاغدا <<ياخشى بىلەن ياشنايسەن، يامان بىلەن قاخشايسەن>>دېگەن جۈملىگە نىسبەتەن ئېتقاندا ماس كەلمەيدۇ چۈنكى<<ياشناي>> دېگەن سۆز تەۋەلىك نۇقتىسىدىن سۆزلىگۈچىنى بىلدۇرىدۇ.مەسىلەن:مەن ياشناي،مەن ياشاي دېگەندەك لىكىن بۇ سوئالدا ئاڭلىغۇچى شەخسكە قارتا ئېتىلغان شۇڭا<<ياشا،ياشنا>> بولىدۇ.دەرىسلىك كىتابتىكى قائىدىنىڭ ھەممىسىلا ئەمەلى ئەھۋالغا ماس كېلىش ناتايىن. q:( K^  
f' eKX7R  
بۇ مەسىلىدە مۇنداق بىر قائىدىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم ، يەنى » ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەردە ئىككى سوزۇق تاۋۇش بىر يەرگە كېلىپ كەلمەيدۇ ، سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئولانغاندا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئۈزۈك تاۋۇش قوشۇلىدۇ « . مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ بايىقى مىسالدىكى » ي « قوشۇلۇپ قالغان تاۋۇش بولماستىن پېئىللارنىڭ راي قوشۇمچىسىدۇر ...

diltikin 2012-10-19 14:25
مېنىڭ قارىشىم يەنىلا<<مېنڭچە،مۇنداق دەپ قارىساق بولامدىكىن،يەنى ياشنايسەن دېگەن سۆزنىڭ تومۇرى ياش+نا=ياشنا <<ياشنا>>دېگەن سۆز تەۋەلىك نۇقتىسىدىن ئاڭلىغۇچى شەخسكە تەۋە شۇڭا ياشنا+سەن=ياشنايسەن بولغان دېمەك بىر <<ي>>تاۋۇشى قېتىلىپ قالغان.ئەگەر بۇ سۆز ياشنا+ي+سەن=ياشنايسەن بولىدۇ دېسەك ئۇچاغدا <<ياخشى بىلەن ياشنايسەن، يامان بىلەن قاخشايسەن>>دېگەن جۈملىگە نىسبەتەن ئېتقاندا ماس كەلمەيدۇ چۈنكى<<ياشناي>> دېگەن سۆز تەۋەلىك نۇقتىسىدىن سۆزلىگۈچىنى بىلدۇرىدۇ.مەسىلەن:مەن ياشناي،مەن ياشاي دېگەندەك لىكىن بۇ سوئالدا ئاڭلىغۇچى شەخسكە قارتا ئېتىلغان شۇڭا<<ياشا،ياشنا>> بولىدۇ.دەرىسلىك كىتابتىكى قائىدىنىڭ ھەممىسىلا ئەمەلى ئەھۋالغا ماس كېلىشى ناتايىن. >>  مۇشۇنداق بولغاندىمۇ ئىككى سوزۇق تاۋۇش بىر يەرگە كېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدىغۇ؟ <<ي>> نى پېئىلنىڭ راي قوشۇمچىسى دېيىش پەقەتلا توغرا ئەمەس.بۇ سۆز ئەسلى<< سەن ياشنا >> *+G K ?Ga  
دېگەن مەنىىدە ياشنا+سەن= ياشنايسەن بولغان دېمەك بىر <<ي>> تاۋۇشى قېتىلىپ قالغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە <<ي>> شەخىسسىز پېئىل بولغان رەۋىشداشنىڭ قوشۇمچىسى رەۋىشداشنىڭ مەلۇم شەخسكە تەۋە بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس

tunyukuk 2012-10-19 22:31
پېئىللارنىڭ بۇيرۇق راي 1-شەخس بىرلىك قوشۇمچىسى:  - ي، -اي،  ەي     ساناي، باراي، كۈلەي؛  yfU1;MI  
پېئىللارنىڭ بۇيرۇق راي 1-شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىسى:  - يلى، -ايلى،  ەيلى     سانايلى، بارايلى، كۈلەيلى؛ 

ھەمراجان 2012-10-20 17:46
ياشنا+ي+سەن=ياشنايسەن،قاخشا+ي+سەن=قاخشايسەن ،بۇ سۆزلەرگە بۇيرۇق راي بىرىنجى شەخىس بىرلىك قوشۇمچىسى ۋەپېىللارنىڭ تەۋەلىك ئىككىنجى شەخىس بىرلىك قوشۇمچىسى ئۇلانغان. دېمەك ،تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۇلمىگەن.

tawpek 2012-10-21 14:33
قوشولوپ قالغان دىيىش ئۈچۈن دىلتىكىندەك تەھلىل قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن. uJ%ql5XDV  
U_:/>8})d  
باشقا تەھلىللەرنى ئاساس كقىلساق قوشولوپ قالمىغان بولىدىكەن.

arzu 2012-10-21 15:24
نەقىل
引用第8楼于2012-10-17 20:59发表的 : {`{U\w5Af  
مەن سەۋرنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. ;0 ,-ywK  
« ما، ماي، مە، مەي » قوشۇمچىسى بولغاندەك، « سەن، ىسەن، يسەن » قوشۇمچىلىرى ھەم بار ئىكەن. بۇ بۇرۇنقى ماتېرىياللاردا بولۇشى مۇمكىن. qg|SBQ?6  
م: بەر +مە، بەر+مەي ، ئال + ما ،  ئال + ماي yAaMYF@  
    ئادەم + سەن، كۈل + ىسەن ، چاقنا + يسەن، باتنا  + يسەن ، تازا + لا + يسەن ، يىغلا + يسەن )!3sB{ H  
   يەنە بىر خىل ئەھۋال، بۇ يەردىكى « ي، اي، ەي » قوشۇمچىلىرى سۈپەتداشنىڭ قوشۇمچىسى بولۇش ئھتىماللىقى بار. لېكىن بۇ ھەرگىز « ي » تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىغا كىرمەيدۇ . 3~Ah8,  
....... <&B)i\j8=b  
Py K)ks!6  
J#MUtpPdQ  
يەردىكى « ي، اي، ەي » قوشۇمچىلىرى سۈپەتداشنىڭ قوشۇمچىسى ئەمەس، akkax، بۇ رەۋىشداش ياسىغۇچى قوشۇمچە.

tunyukuk 2012-10-24 21:59
يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» نىڭ 38- بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:   ^-Bx zOp  
سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياقلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى «ي» قوشۇلغاندىن كېيىن « ئال-» پېئىلىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە، سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياقلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئى» غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:  l]C#bL>i  
بولۇشلۇق شەكلى:  h8'`g 0  
        ئىشلە + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = ئىشلىيەلەيمەن ^zn&"@  
        ئىشلە + ي + ئال + ا + دۇر + سەن = ئىشلىيەلەيسەن  MfQ 9d9  
B:;$5PUTc  
بولۇشسىز شەكلى:  opqY@>Vh&  
     ئىشلە + ي + ئال + ما + دۇر + مەن = ئىشلىيەلمەيمەن 0 5hjC  
      ئىشلە + ي + ئال + ما + دۇر + سەن = ئىشلىيەلمەيسەن P:KS*lOp  

danko 2012-10-30 20:16
مېنىڭچە، بىز دەۋاتقان تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەسمىكىن دەپ قارايمان.

alkut 2012-10-30 22:09
مەنچە بۇ بۇيرۇق راي قوشۇمچىسى ئەمەس، بەلكى رەۋىشداش قوشۇمچىسى

ئەكبەرنىياز 2012-10-30 23:48
مېنىڭچە: lWPh2k  
1.ئويغۇر تىلىدا ھەر قانداق بىر سۆزگە بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەۋەلىك قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس . tzJ7wXRr  
2.رەۋىشداشلار پىئېل تومۇرىغاتۈۋەندىكى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ<<پ،ىپ،ۇپ،ۈپ،غىچە،قىچە،گىچە،كىچە،غىلى،قىلى،گىلى،كىلى،غاچقا، قاچقا،گەچكە،كەچكە،غاچ،قاچ،گەچ،كەچ،غانسېرى،گەنسېرى،قانسېرى،كەنسېرى،ئا،ئە>> دىن ئىبارەت 26دانە رەۋىشداش ياسىغۇچى قوشۇمچە بار.  <<ئا،ئە>> قوشۇمچىلىرى قۇشۇلۇپ ياسالغان رەۋىشداشلاردىن كېيىن،شۇ رەۋىشداشلارنىڭ ياسىلىشىغا ئاساس بولغان ئەسلى پىئېل بولۇشسىز شەكىلدە تەكرارلانسا ،بۇ ۋاقىتتا بولۇشسىز قوشۇمچىسىدىن كېيىن <<ي>>نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن جۈپ رەۋىشداشلار ياسىلىدۇ . م:يازا-يازماي ،كۆرە-كۆرمەي ....ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى (شىنجاڭ داشۆ نەشىرياتى 2000-يىل 9-ئاي نەشىرى)>> ناملىق كىتاپنىڭ <<رەۋىشداش >>قىسمىغا يەنى، 290-291-292-بەتلىرىگە قارالسۇن . g|T WoRx:  
يۇقارقى مەزمونلاردىن شۇ نۇقتا ئايانكى ، رەۋىشداشنىڭ <<ئاي،ئەي >>قۇشۇمچىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  <<ياشنا، خارلا>> پىئېللىرىغا <<ي>> تاۋۇشىنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭراق.

tawpek 2012-10-30 23:58
ئەكبەر نىياز مۇئەللىمنىڭ بەدىئى ۋە كەسپى ئىقتىدارىدىن خۇرسەنمىز. dDA,Ps  
(%'`t(<  
يەنىمۇ يىڭى ۋە قايىل قىلارلىق پىكىرلەرنىڭ چىقىشىغا ياكى دەلىللەر يەتكەن بولسا خۇلاسە كالام بولىشىغا تەشنامىز. q'9;  
=gC% =  
بىلەت تاشلامدۇق يا؟

tunyukuk 2012-11-06 22:15
نەقىل
引用第24楼tawpek于2012-10-30 23:58发表的 : FxT]*mo  
ئەكبەر نىياز مۇئەللىمنىڭ بەدىئى ۋە كەسپى ئىقتىدارىدىن خۇرسەنمىز. WR u/7$8  
)`S5>[6  
يەنىمۇ يىڭى ۋە قايىل قىلارلىق پىكىرلەرنىڭ چىقىشىغا ياكى دەلىللەر يەتكەن بولسا خۇلاسە كالام بولىشىغا تەشنامىز. =@&>r5W 1  
e(FT4KD~  
بىلەت تاشلامدۇق يا؟ c[;A$P= 8.  
'e6J &X  
سايلام بولغان بولسا، بېلەت تاشلاپ ھەل قىلىشقا بولاتتى. لېكىن ئىلىم-پەن ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بەزىدە مىڭلىغان كىشىنىڭ خاتا بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن-دە!

tunyukuk 2012-12-18 22:18
 بۈگۈن (18-دىكابىر) تۇرپاندا ئېچىلغان 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل-ئەدەبىيات  مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، 2012-يىللىق سوئالنى چىقىرىشقا قاتناشقان ئابدۇقەييۇم مۇئەللىم بىلەن يۇقىرىقى مەسىلە (دەيمدن، دەيسەن، دەيدۇ،...دېمەيمەن، دېمەيسەن، دېمەيدۇ،...   يەيمەن، يەيسەن، يەيدۇ.  ... دېگەندەك پېىل شەكىللىرى)   ئۈستىدە پىكىرلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنىدۇق.
ئابدۇقەييۇم مۇئەللىممۇ بۇنىڭدا «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى يوق دېدى.

ozqan 2012-12-18 22:38
تۇنيۇقۇق مۇئەللىم : يىغىن جەريانىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزدىن بىزنى دەل ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت ...

koksangun 2013-07-28 12:25
توختى پاشا مۇئەللىم ، چاقناشتىن قېلىپ قالمىغانلا ، يۇقاپ كەتلەغۇ ؟

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-28 23:16
مېنىڭ سەۋىيەم بۇنىڭغا سۆز قېتىشقا يەتمەيدىكەن.


查看完整版本: [-- بۇ ھۆكۈم توغرىمۇ؟ (كەسىپداشلار دەپ باقسىكەن) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us