查看完整版本: [-- جىگدە  يىلىمى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> جىگدە  يىلىمى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۇلخان0903 2012-10-06 02:03
جىگدە يىلىمى

گۇلنىسا ئىمىن

شۇنداق سۈزۈك،ئانا سەھرادەكلا ساپ بىر كاللەك جىگدە يىلىمىم بار...........

سۈزۈككىنە جىگدە يىلىمى،
ئىشكاۋىمدا تۇرار خىيالچان.
خىيالىدا يۈرگىنى چۇقۇم،
يىراقتىكى جىگدىلىك ئورمان.
ئۇ سېغىندى سۇمبۇل چاچلارنى،
سەرۋى بوينى تالدەك ئورىغان.
بىر چاغلاردا ئۇنى بىر يىگىت،
يار ھىدى دەپ تويماي پۇرىغان.

چۈش قوينىدا ئۈزۈپ يۈرىدۇ،
ئىشكاۋىمدا جىگدە يىلىمى.
بىز بىغەملەر بىلمىگەن بىلەن،
مۇمام بىلەر ئۇنىڭ مىھرىنى
چېپىۋالدىم چېچىمغا يىلىم.
پۈرۈشتۈردى ئوغلۇم لىۋىنى.
قىزىم تېخى گۈدەك بىلمىدى،
شۇ يىلىمنىڭ ئوتى-سىھرىنى.

بۈدۈر چاچلار ، كىسىلگەن چاچلار،
شۇ يىلىمدىن بەكمۇ يىراقتا.
بۇيالغان ھەم پاخپايغان بىلەن،
كۈيۈپ ئۈتەر تەگسىز ئۇچاقتا.
گۈەللىكى ئاشۇ چاچلارنىڭ،
قاراپ باققىن نەقەدەر ساختا.
تۇنۇمايدۇ يىلىم دىگەننى،
ئۆتكۈسى يوق ئەينى سىياقتا.

جىگدە گۈلى پۇرىقى باردۇر،
شۇڭا يىلىم پۈتۈلگەن ئوتتىن.
بوۋام كولاپ بەرگەچكە ئۇنى،
ئايرىلمىغان مۇمام بۇ قۇتتىن.
يىلىم بىلەن تۇنۇشتى چېچىم،
قېپ قالسىمۇ مودىدىن توپتىن.
قايتماق بولدى ئەسلىگە يەنە،
ئېزا تارتىپ ئاخىرقى سوتتىن.

مەنبە:ئىجادىيەتلىرىمدىن،

tawpek 2012-10-06 12:55
باش ئۆزگەرگەچ چاچمۇ ئۆزگەردى
جىگدە يىلىم يوقاتتى قىممەت
ئالغا باسماس بولدى ئىشلارمۇ
ئويلىغاچقا ھەممىدە نىممەت


بىرسىڭلا گۈلخان، يەنە بىرسىڭلار گۇلخان  ئىكەنسىلەردە.

گۇلخان0903 2012-10-06 16:39
مەن يەنى گۇلنىسا ئىمىن -گۇلخان،باشقا ئىسىم دا كىرەي دىسەم باشقا مۇنبەرلەردە ھەممىسىدە ئىشلەتكەن ئىسىم مۇشۇ ئىدى،يازغۇچىلار تورىدىمۇ مۇشۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدە ئىشلەتكەن ئىدىم،شۇ سەۋەپلىك گۈلخانغا ئۆزرىلىكمەن،

gulhan 2012-10-06 21:49
گۇلخاننىڭ مۇنبەرگە باسقان قەدەملىرىدىن گۈللەر ئۈنىشىگە تىلەكداشمەن.
« گۈلخان» بىلەن« گۇلخان» نىڭ ئەدبىي تەخەللوسى ئۇخشاشكەندە ، قىزىقىشلىرىمىزمۇ ئۇخشامدۇ تىخى...    

گۇلخان0903 2012-10-07 14:23
نەقىل
引用第3楼gulhan于2012-10-06 21:49发表的 :
گۇلخاننىڭ مۇنبەرگە باسقان قەدەملىرىدىن گۈللەر ئۈنىشىگە تىلەكداشمەن.
« گۈلخان» بىلەن« گۇلخان» نىڭ ئەدبىي تەخەللوسى ئۇخشاشكەندە ، قىزىقىشلىرىمىزمۇ ئۇخشامدۇ تىخى...     

بەلكىم ئوخشاش چىقىپ قالار،ئىككىمىز بىللە كۈيۈپ قىزىتىۋىتەمدۇق تېخى مۇنبەرنى.قول تۇتۇشۇپ

ak gul 2012-10-07 15:23
بىر جۈپ گۈلخاننىڭ ئورتاق تىرىشىپ، مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ گۈلخاندەك قىزىتىۋېتىشىگە تىلەكداشمىز.

ah-lala 2012-10-07 18:16
ۋۇييۇ،   نمە دىگەن پەيزى! ئاق گۈل بىزمۇ بىللە قول تۇتۇشايلىچۇ؟ بىزمۇ چوقۇم تەۋپىقنى گۈلگە پۈركىۋېتىمىز!

تۆتتاش 2012-10-07 18:56
گۈلخان بىلەن گۇلخان دىققەت قىلمىسا پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر جۇپ قىزىل گۈللەرگە ئوخشاش مۇنبەر مەستانىللىرىنى ھەيران قالدۇرمامسىلەر.
گۈلخان بىلەن گۇلخان ئەمىليەتتە ئوخشاش بولمىغان ئىسىملار ئىكەن.

تۆتتاش 2012-10-07 19:01
سۈزۈككىنە جىگدە يىلىمى،
ئىشكاۋىمدا تۇرار خىيالچان.


راست گەپنى قىلسام يۇقارقى مىسرالارنى  مەن زادى بىلەلمىدىم.جىگدە يىلىمىنى ئشكاپكا سېلىپ قۇيامدىغاندۇ.
ئىككى كۈن بولدى ئويلانغىلى.
بۇ مەسلىنى مەن كەڭ تورداشلارغا قالدۇرماقچىمەن.
شېئىرنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا  ياخشى يىزىلغان.  

ak gul 2012-10-07 19:51
نەقىل
引用第6楼ah-lala于2012-10-07 18:16发表的 :
ۋۇييۇ،   نمە دىگەن پەيزى! ئاق گۈل بىزمۇ بىللە قول تۇتۇشايلىچۇ؟ بىزمۇ چوقۇم تەۋپىقنى گۈلگە پۈركىۋېتىمىز!

بولىدۇ، قول تۇتۇشايلى، ئىككىمىزلا ئەمەس مۇنبەردىكى بارلىق گۈللەر قول تۇتۇشۇپ، مۇنبىرىمىزنى بىلىم بوستانلىقىغا ئايلاندۇرۇۋېتەيلى.

گۇلخان0903 2012-10-08 18:00
نەقىل
引用第8楼تۆتتاش于2012-10-07 19:01发表的 Re:جىگدە  يىلىمى :
سۈزۈككىنە جىگدە يىلىمى،
ئىشكاۋىمدا تۇرار خىيالچان.


راست گەپنى قىلسام يۇقارقى مىسرالارنى  مەن زادى بىلەلمىدىم.جىگدە يىلىمىنى ئشكاپكا سېلىپ قۇيامدىغاندۇ.
.......

ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆز قۇلۇم بىلەن كولىغان بىر كاللەك جىگدە يىلىمى بار،ئەممە شۇنىڭغا ھەقىقەتەن لايىق كەلگۈدەك ئۇزۇن.ئۆرۈمە چاچلىرىم يوق،شۇڭا ئۇنى داۋاملىق ئىشلىتەلمەيمەن،پات-پات ئىشلىتىپ قۇيىمەن،ئاۋايلاپ تىقىشتۇرۇپ قۇيىمەن،چېچىلىپ كەتمىسۇن دەپ

tawpek 2012-10-08 20:56
ئىككى گۇلخان، ئىككى گۈل. ...................

تۆت تاش   سىزچۇ؟ قاچان تۆت توخماق كىرەركىن دەپ ساقلاپ ئولتادىڭىزما؟


تۆتتاش بىر بىلىمگە ئىگە بولىۋاپتۇ جۇمۇ، ئەمدى قىينالمايلا جىگدە يىلىمى قويغان يەرنى تىپىپ سۇمبۇلچاچلىق بوپ كىتىدىغان بولدى مانا.

tursun 2012-10-12 10:25
توتتاشنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان«سۈزۈككىنە جىگدە يىلىمى،
                                     ئىشكاۋىمدا تۇرار خىيالچان.»


راست گەپنى قىلسام يۇقارقى مىسرالارنى  مەن زادى بىلەلمىدىم.جىگدە يىلىمىنى ئشكاپكا سېلىپ قۇيامدىغاندۇ.
ئىككى كۈن بولدى ئويلانغىلى.

توغرا،جىگدە يىلىمىنى بۇرۇن مومىلىرىمىزمۇ ئاپئاق داكىغا ئوراپ ساندۇقىدا
ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان،ئىشلىتىدىغان چاغلىرىدا ،ئۇنى ساندۇقىدىن ئاۋايلاپ
ئىلىپ(ئۇۋۇلۇپ چىچىلىپ كەتمىسۇن دەپ) سوقۇپ يىلىم چىلايدىغان چوچىكىگە
چىلاپ ئىرىتىپ ،خولۇم -خوشنىلىرى (مومايلار بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ) بىلەن
ھىكايە -چوچەك ئىيتىشقاچ بىر -بىرىنىڭ چاچلىرىغا سۇركەپ،سۇگۇچ بىلەن تازا سۇزۇپ،تارغاق بىلەن تاراپ ،چاچلىرىغا چىن ئىخلاسى بىلەن ئەجىر سىڭدۇرەتتى.
بوۋېلىرىمىز سۇ تۇتقىلى چىققان چاغلىرىدا ،جىگدە يىرىقلىرىدىن،ياكى بولمىسا،
كەكە بىلەن مەخسۇس چاناپ قويغان قىسىمدىن يىغىپ،چىن ئىخلاسى بىلەن مومىلىرىمىزغا ئەكىلىپ بىرەتتى. مومىلىرىمىز بۇنى ئەتىۋارلاپ ئوزلىرىنىڭ ماخسۇس
ساندۇقلىرىدا ساقلايتتى.بەلكىم ئورۇپ-ئادىتىمىزدىكى مۇشۇ يوسۇنلارنىڭ داۋاملىشىشى بولسا كىرەك توتتاش...سىزنىڭ شۇنداق ئىزدىنىپ تورداشلىرىڭىزدىن
بۇ سۇئالنى دادىللىق بىلەن سورىغىنىڭز تورداشلىرىڭىزغا تولۇق ئىشەنگەنلىگىڭىزدۇر.مەن كوپ خۇرسەن بولدۇم.رەھمەت سىزگە....!!
    

tawpek 2013-08-04 12:06
بۇ جەھەتتە  مەن تۆتتاشتىن چوڭكانمە.

تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بايانلىرىنى مەنمۇ ئۆز كۆزۆم بىلەن كۆرۆپ چوڭ بولغان.


查看完整版本: [-- جىگدە  يىلىمى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us