查看完整版本: [-- بەختلىك  بولاي دېسىڭىز ھازىردىن باشلاپ ... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> بەختلىك  بولاي دېسىڭىز ھازىردىن باشلاپ ... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sebure 2012-07-09 01:47
  بەختلىك  بولاي دېسىڭىز ھازىردىن باشلاپ ئۈچ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىڭ
        تايلېرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بىر ئادەمدە ئاكتىپ روھىي ھالەت ۋە توغرا تەپەككۇر شەكلى بار بولسا، ئۇنداقتا ئۇ يەنەمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلكىگەن  ھالدا بەختكە يېقىنلىشالايدىكەن. پەلسەپەشۇناس كاندېر«ئىنسانلار   بەختكە مۇھتاج ـــ بۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى. ئىنسانلار ئۆزبەختىنى ئۆزى يارىتىشى كېرەك ـــ بۇمۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى» دەيدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بەختلىك بولغىلى بولىدۇ؟ تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەختلىك ئادەم بولۇشتا ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش كېرەك.
دادىل قىياس قىلىش
        قىياس قىلىش قانۇنىيىتى ئامرىكىلىق پېسخولوگ ئاتىسى ۋىليام.جامسىن ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ ئەمەلىي پېسخىكىلىق قانۇنىيەت بولۇپ، بەختكە ئىنتىلىۋاتقان ھەر بىرەيلەنگە ماس كېلىدۇ.
        بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق: ھازىرقى خىزمەت ئەھۋالىدىن نارازى كىشىلەر ئالدى بىلەن، مەن بىر مۇكەممەل ئادەم، تولىمۇ ياخشى بىر خىزمەت مېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، جەمىئەتتە بىر كىشىلىك ئورنۇم بار دەپ قىياس قىلىپ، ئاندىن، مەن ھازىر شۇ خىيالىمدىكى خىزمەتكە ئېرىشتىم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشى ۋە ئۇنى ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بەختلىك بولغىلى بولىدۇ.
        ئومومەن، بەختلىك بولۇش سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە قېيىن ئەمەس. سىزدە پەقەت قىياس قىلىشقا جۈرئەت ۋە ئۆزىڭىزگە ئىشەنچ بولسىلا، ئاستا-ئاستا بەختلىك ئادەمگە ئايلىنىسىز.
ئۆزىنى چىن دىلدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش
        خارۋارد نىڭ بىر پىروفېسسورى «قەلبىگە جاھاننى سىغدۇرالمايدىغانلار تولىمۇ بىچارە، قەلبىگە ئۆزىنى سىغدۇرالمايدىغانلار بولسا ئېچىنىشلىق» دېگەن. بەختلىك ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىگە خۇشاللىق بېغىشلىيالىشى كېرەك.
        ۋىن جوۋلۇق بىر قىز بىر ئالىي مەكتەپنڭ ئالدىدا مايلامچىلىق قىلاتتى. ئۇ تېخى كىچىك بولۇپ ئاران ئون نەچچە ياشلاردا ئىدى. قارىماققا ئاددىي ئادەملەردىن پەرقى يوق كۆرۈنسىمۇ،ئەمما ئۇ بۇ يەردە ئىشلىگىلى بىر يىلدىن ئارتۇق بولغانىدى.
        بىر قېتىم بىر پىروفېسسور ئاياغ ماياتقىلى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالىدۇ.
        «ئاياغ مايلاۋاتقىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى؟» -سورىدى  پىروفېسسور مۇلايىملىق بىلەن:
بىر يىلدىن ئارتۇق بولدىغۇ دەيمەن.
بىر قېتىم مايلىسىڭىز قانچە پۇل ئالىسىز؟
قىز ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بەردى: «بىر قېتىمدا بىر يۈەن، بەزى خېرىدارلار ئازراق چاي پۇلى قوشۇپ بېرىدۇ.»  
پىروفېسسور ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى:
        -تۇرمۇشىڭىزنى قامداپ كېتەلەمدىكەنسىز؟ ئىلگىرى بىر ئوغۇل بالىمۇ بۇيەردە مايلامچىلىق قىلىدىغان، ھازىر قىلماس بولدى.
«ھەرھالدا بولىدۇ. ھازىر ھەر ھەپتىدە 10 يۈەننى ئۇششاق-چۈششەككە ئىشلىتىپ 25 يۈەننى تىجەپ قىلىۋاتىمەن، يەنە بىر يىل ئىشلىسەم ئۇششاق تىجارەت قىلغىدەك پۇلۇم بار بولىدۇ. بىز ۋىن جوۋلۇقلارنىڭ قارىشىدا،  ئۇ چاغدا مەن كىچىك خوجايىنلىق شەرتىنى ھازىرلاپ بولغان بولىمەن.» -قىزنىڭ چېھرىدە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ جىلۋىلىنەتتى.
        كىشىلىك تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالىي مەكتەپتە بىلىم ۋە ئىقتىدار جەھەتتە بۇ قىزدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلار ساماندەك، ئەمما ئىرادە ۋە تىرىشچانلىقتا قانچە كىشى بۇ قىزدىن ئىشىپ كېتەلەيدۇ؟ پەقەت ئۆزىنى چىن دىلدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئۆزىگە خۇشاللىق بېغىشلاشتەك ئېتىقاتلا بولىدىكەن پارلاق كەلگۈسى ياراتقىلى بولىدۇ.
        بەزىلەر باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پىكىرى يوق، بۇنداقلار بەختسىزلەردۇر. بەزىلەر ھەددىدىن زىيادە ئابروي پەرەس بولۇپ ئۆزىگە يۈزلىنىشكە پىتىنالمايدۇ، بۇنداقلارمۇ بەختسىز بولىدۇ. يەنە بەزىلەر كەمچىلىكىنى يوشۇرۇپ تۈزەتمەيدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدۇ، بۇنداقلارمۇ ئوخشاشلا بەختسىزدۇر. پەقەت ئۆزىگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ ئۆزىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا ئۆزىنىچىن دىلدىن مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنداق ئادەم بەختلىك ئادەم، بۇنداق بەخت ھەقىقىي بەخت ھېساپلىنىدۇ.
ئۆزىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلارنى ئويلاش
        يېلۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋاپات بولغان پىروفېسسورى ۋېليام.لەن.فېرپۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلارنى ئويلايدىغانلار بەختلىكلەردۇر.»
        تەپسىلى ئويلايدىغان بولساق بۇ گەپنىڭ ئىنتايىن ئاساسى بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. بىز مەسىلىلەرگە پىكىر يۈرگۈزگەندە دائىم ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىمىز، بىز ھەمىشە تەپەككۇر  ئىجادىيىتى دۇنياسىدا ياشايمىز. شۇنداق بولغاچقا، مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىمەن دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۆزىمىزنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلارنى دائىم ئويلاپ تۇرىشىمىز لازىم. يەنى خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئويلاش دېگەندەك، ھەرقانچە ئۆچ خىزمەتدىشىڭىز بولسىمۇ ئۇنىڭ ھامان ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىماڭ؛ سىز ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، كۆڭلى-كۆكسىڭىز كەڭ، باشقىار ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە قەتئىي ئىشىنىڭ. ھەرقانداق ئادەمگە دوستانە مۇئامىلىدە بولۇڭ، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىڭ، ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىڭ، باشقىلارنىڭ قىلغان ھەرقانداق ياردىمىگە مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ...
        مانا مۇشۇنداق، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ روھىي ھالىتىڭىزدە پەيدىنپەي ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ -دە، ئاخىرى بەختلىك ئادەمگە ئايلىنىسىز
مەنبە:شەۋقىي تورى

تۆتتاش 2012-07-09 11:06
مىنىڭچە روھى تەپەككۈرى نورمال بولغان ھەر بىر ئادەمگە نىسپەتەن قانداق ياشاش شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق.بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا تۇرمۇشىنى گۈزەل بەختلىك ئازادە ئۆتكۈزۈلەيمەن دەپ ئىرادە قىلسا ،يەن كىلىپ شۇ ئىرادىسىگە بېقىنىپ تۇرۇشسا شۇ كىشى چۇقۇم ياخشى كۈنگە ئىرىشىدۇ.تۇرمۇشىنى قەلەندەردەك ئۆتكۈزىمەن دىسىمۇ شۇ كىشىنىڭ تۇتقان يۇلىغا باغلىق.دىمەك ئادەم جەمىيەتتە قانداق ياشايمەن دىسە شۇنداق ياشىيالايدۇ.ئۇنىڭدا چۇقۇم يۈكسەك ئىرادە بۇلۇش كېرەك.  

gulhan 2012-07-09 21:01
پەلسەپەۋىي قاراشلارغا تۇيۇنغان بۇ ماقالە كىشىنىڭ  ئىرادە تىكلىشىگە، ئۆزىدە كۈمۈلۈپ ياتقان بەخت تويغۇسىنى تىپىۋىلىشىغا تۈرتكە بولغىدەك.

چاپلانمىڭىزغا رەھمەت.

ak gul 2012-07-10 10:00
مېنىڭچە ئادەم ئۆزىنى توغرا بايقىيالىسا،دەڭسىيەلىسە،ئۆزىگە چوڭقۇر ئىشەنچى بولسا،ئۇ چوقۇم تۇرمۇش يولىدىكى ئېگىز-پەس داۋانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىپ،ئۆز بەختىنى تاپالايدۇ.
ئۇلانمىڭىزغا رەھمەت.

tawpek 2012-07-10 10:53
لىكىن كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

ozqan 2012-07-11 14:33
بەخت يېنىڭىزدىلا ......... سىزدە ئۇنى ھېس قىلالايدىغان كۆز بولۇشى كېرەك .
بەخت مىجەز خۇلقۇڭىزدا........... سىزدە ئۇنى تەڭشەپ تۇرالايدىغان ئاكىتىپ روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك .
بەخت ئەتراپىڭىزدىلا ..........  سىزدە ئۇنى تۇتالايدىغان سەگەكلىك بولۇشى كېرەك .
بەخت پىشاينە تەرىڭىزدە ........ سىزدە ئۇنى ئاققۇزالايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك .
بەخت ئەمەلىي ھەركىتىڭىزدە ......... سىزدە گەپلا قىلماي ، ئىش قىلالايدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك .
بەخت ئارقىڭىزدىلا ...... سىز بەزىدە كەينىڭىزگە بىرەر  قەدەم چېكىنىشتىنمۇ قورقماسلىقىڭىز كېرەك .
بەخـت قەلبىڭىزدە ... سىز ئۇنى ھەرقاچان سېزىپ تۇرالىشىڭىز كېرەك .

akqolpan 2012-11-27 11:22
بەخـت قەلبىڭىزدە ... سىز ئۇنى ھەرقاچان سېزىپ تۇرالىشىڭىز كېرەك .   بەك توغرا. ھەممىمىزدە بەخىتنى سىزەلەيدىغان قەلب بۇلۇش ئەڭ مۇھىم.

ئەكبەرنىياز 2012-11-27 21:47
بەخت دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ زادى قانچىلىك مەنىسى بارلىقىنى بىلمەيمەن ، ئەمما مەن ئويلايمەن ئۆزى خالىغان ، قىزىققان ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالىسا ، ئائىلىسىدىكىلەربىلەن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بىر ۋاقلىق تاماق يېيەلىسە ، سىردىشىدىغان دوستلىرىدىن ھېچبولمىغاندا بىرەرسى بولسڭمۇ بولسا ، بۇنىڭ ئۆزى بەختمىكىن دەيمەن .
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

barghut 2013-07-22 12:30
نەقىل
引用第5楼ozqan于2012-07-11 14:33发表的  :
بەخت يېنىڭىزدىلا ......... سىزدە ئۇنى ھېس قىلالايدىغان كۆز بولۇشى كېرەك .
بەخت مىجەز خۇلقۇڭىزدا........... سىزدە ئۇنى تەڭشەپ تۇرالايدىغان ئاكىتىپ روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك .
بەخت ئەتراپىڭىزدىلا ..........  سىزدە ئۇنى تۇتالايدىغان سەگەكلىك بولۇشى كېرەك .
بەخت پىشاينە تەرىڭىزدە ........ سىزدە ئۇنى ئاققۇزالايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك .
بەخت ئەمەلىي ھەركىتىڭىزدە ......... سىزدە گەپلا قىلماي ، ئىش قىلالايدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك .
ھەقىقەتەنمۇ توغرا
.......

ئايبىكە 2013-07-23 00:06
بەختكە كىشىلەر ئۆزلىرى بىلگەنچە تەبىر بېرىپ كەلدى.ھەركىمنى كۆز قارىشىنىڭ مۇئەييەن ئاساسى بار، ئەلۋەتتە.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-04 22:54
ئادەمدە يۈكسەك ئىرادە ۋە ياشاش ئىرادىسى،تۇرمۇشتا تىرىشچانلىق بولسا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ .

adilagul 2013-08-13 16:56
  ھەممە ئادەمنىڭ بەختى ئۆزىنىڭ قولىدا،ئاكتىپ روھى-كەيپىيات بولسا بەخىتكە ئىرشىشنىڭ ئاساسى................

adila520 2013-08-27 10:56
          

tawpek 2013-09-02 12:36
بەخىتنىڭ ئاساسى شۈكرى قىلىشتا ۋە كەڭ قورساق بولوشتا.


بەخىت- ئۆز تۇرمۇشىغا بولغان رازىمەنلىك ھىسياتى.


查看完整版本: [-- بەختلىك  بولاي دېسىڭىز ھازىردىن باشلاپ ... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us