查看完整版本: [-- مۇڭدىشىمەن يۈرىكىم بىلەن(ئاق گۈل) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> مۇڭدىشىمەن يۈرىكىم بىلەن(ئاق گۈل) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ak gul 2012-06-30 23:01
مۇڭدىشىمەن يۈرىكىم بىلەن 
گۈلباھار مۇھەممەد
 
مۇڭدىشىمەن يۈرىكىم بىلەن،
مۇڭلىرىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ.
ئازابلاردا تولغىنار ۋۇجۇد،
كۈلەلمەيدۇ ھەسرەتكە پېتىپ.
 

مۇڭدىشىمەن يۈرىكىم بىلەن،
ئۆتمۈشلەرگە بۆلىنىپ ئۇزاق.
دەرد-ئەلەملىك ئاشۇ ئەسلىمە.
پىشانەمگە پۈتۈلگەن تاياق.
 
مۇڭدىشىمەن يۈرىكىم بىلەن،
ياڭرىمايدۇ ئوتلۇق ناخشىلار.
شۇنچە سەرسان بولۇپ تۇرساممۇ،
ئۇچرىمىدى سەندىن ياخشىلار.

زىبا2 2012-06-30 23:16
ياخشى شېئىركەن.   

gulhan 2012-07-01 00:32
گۈلباھارنىڭ موڭلۇق لېرىكىلىرىمۇ يىقىملىق ، خۇددى  يۇرتۇمنىڭ باھار پەسلىدىكى سىم-سىم يامغۇرىنىڭ قەلىبلەردىكى بىر ئەسلىمىنى ئۇيغاتقىنغا ئۇخشاش...

موڭدىشىمەن يۈرۈكۈم بىلەن،
ئۇنىڭدا بار سىنىڭ سىماھىڭ.
ئازاپلىرىم يۈتەلمەس سىنى،
شېرىن چۈشكە باشلار ئاۋازىڭ.

موڭدىشىمەن يۈرۈكۈم بىلەن،
ھاياتىمنى روھىڭدا سىزىپ.
موڭلىرىمدىن تىرىلەر مىسرا،
ئىزلىرىمدىن قىزىل گۈل تىزىپ.
    

tursun 2012-07-01 10:02
«مۇڭدىشىمەن يۇرىكىم بىلەن،»
ئۇندا خۇشبۇي سىنىڭ ھىدلىرىڭ.
ئازاپلارغا بىرىمەن بەرداش،
بولغاچ ھەمرا سويگۇ- ھىسلىرىڭ.

ئانام بەرگەن چىدام-غەيرەتنى،
سەن تونۇتتۇڭ پاك مۇھەببەتنى.
شۇ مىھرىڭدىن تويۇندۇردۇم مەن،
ئوت تەپتىدەك كويگەن يۇرەكنى.

tawpek 2012-07-01 15:12
ھەقىقەتەن مول ھۇسۇللۇق شائىرلىرىمىزدىن بولوپ قىلىۋاتىسىز جۇمۇ.

koksangun 2012-07-01 16:40
مۇڭدىشىمەن يۈرىكىم بىلەن ،
تىمتاس بولۇپ كەتكەندە جاھان .
خىياللىرىم ئىچىدە سۆيۈپ ،
شېئىرىم ئىچرە بولىمەن سەرسان !

tawpek 2012-07-01 17:05
يىقىندىن بىرى يوللانغان شىئىرلىرىڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن ئۈچ كۇبلىتكەن

سەۋەبى نىمىدۇ؟

ak gul 2012-07-01 22:47
نەقىل
引用第6楼tawpek于2012-07-01 17:05发表的 :
يىقىندىن بىرى يوللانغان شىئىرلىرىڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن ئۈچ كۇبلىتكەن

سەۋەبى نىمىدۇ؟

ئۇنىڭدىن ئارتۇقنى يازالمايۋاتىمەن


查看完整版本: [-- مۇڭدىشىمەن يۈرىكىم بىلەن(ئاق گۈل) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.181987 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us