مۇئەللىم ئويلىنىپ بېقىڭ (3)(دانىش)
مۇئەللىم مال باھاسىنىڭ كۈنسېرى يۇقۇرى ئۆرلىشى ، يىللاپ – يىللاپ ئۆسمىگەن مائاشىڭىزنىڭ " خىزمەت ۋەزىپىسى تەلەپكە يەتمىگەنلىكتىن تۇتۇلغان پۇل " ، " مەجىبۇرىيەت كۆچەت تىكىش بايرىمى ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " ، " ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " ، " ئېغىر كېسەل بولغانلارغا مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " ، " ئاغرىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاش ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " ، " ساياھەتكە بېرىش تەييارلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " ،" بايرام ، ھېيتلارنى تەبرىكلەپ ئولتۇرىدىغان ئولتۇرۇشلار ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " ، " قېيىنچىلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىۋىلىش ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " ، " ئوقۇغۇچىلار بۇزغان مال – مۈلۈكلەر ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " ، " ھەر خىل ئۈگىنىشلەرگە كېچىككەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان پۇل " "مەكتەپنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتىشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىئانە ھېسابىدا تۇتۇلغان پۇل " ... دېگەندەك يۇڭدىمايلا يۇتىدىغان ئېغىزلاردا يۇتۇلۇپ ، قولىڭىزغا كېلىدىغان مائاشىڭىزنىڭ ئازلىقى ياكى بەزىدە مائاشىڭىز يۇقارقى پۇللارغا يەتمەي ، مەكتەپكە قەرز بولۇپ قېلىشىڭىز سىزنى ئارامخۇدا ، بىر كۆڭۈللۈك ئىشلىگىلى قويمىدىغۇ – دەيمەن ؟ يەنى تېخى سىز مەكتەپنىڭ نۇرغۇن نەرسىسىنى ئېلىۋالغاندەك << پاكلىق قۇرۇلۇشى >> يىغىنىنى ھەپتە - ھەپتىلەپ ئېچىپ كېتىشلىرىچۇ – تېخى ؟ لېكىن سىز "مەكتەپنىڭ ھېچنېمىسىنى ئۆزەمنىڭ قىلىۋالمىدىم ، ئۆيۈمگە ھېچنېمىسىنى ئەكەتمىدىم " دەپسىز . راست شۇنداقمۇ ؟ دوسكا – دوسكىلاپ خەت يېزىپ ، ئۇلارنى ئۈچۈرۈش جەريانىدا ، بور توزانلىرىنى بولۇشىچە سۈمۈرۈپ ، مەكتەپنىڭ بورىسىنىڭ توزىڭىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالمىدىڭىزما ؟ مەكتەپكە بولۇپ قالغان قەرزىڭىزنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كەتمىدىڭىزما ؟
نېمىشقا بۇلارنى ئويلىغان ئاساستا راست سۆزلىمەيسىز ؟ مۇشۇنداق ئىشلار توغرىسىدا يەنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ .
|