查看完整版本: [-- مۇئەللىم ئويلاپ بېقىڭ (2 ) (دانىش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> مۇئەللىم ئويلاپ بېقىڭ (2 ) (دانىش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-06-28 11:52
مۇئەللىم ئويلاپ بېقىڭ (2 ) (دانىش)
   مۇئەللىم ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىردىڭىز ، ھەممە نەرسە سىزگە تەبەسسۈمدا بېقىۋاتقاندەك تۇيۇلدى . ئوماقلارنىڭ" سالام مۇئەللىم !" دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ، ئۇلارغا بولغان  سۆيگۈڭىز ، ئۇلارغا بولغان مېھرى – مۇھەببىتىڭىز ئۇرغۇپ تاشتى . بىر يىل ، ئىككى يىل ئاجايىپ ئېسىل ئىشلىدىڭىز . مۇئەللىملەر سىزنىڭ كېچە – كۈندۈز دېمەي ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ ، ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلىگىنىڭىزگە ھەيران قالدى ، ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز سىزدىن سۆيۈندى ۋە پەخىرلەندى !

شۇ چاغلاردا قاياقتىندۇر سىم – سىم يامغۇرنى ئەسلىتىدىغان ، بىر خىل شۇنداق يېقىملىق سەلكىن شامال كېلىپ يۈزىڭىزنى سۆيۈپ ئۆتۈپ ، دىلىڭىزدىكى بىر خىل ئوتنى يالقۇنجاتتى . سىز شۇندىن باشلاپ ئىككى ئوتتۇرىدا قالدىڭىز : بىر تەرەپتە سىزنىڭ بىلىمگە تەشنا ئوماقلىرىڭىز ، يەنى بىر تەرەپتە سۆيگۈگە تەشنا ئامرىقىڭىز . سىزنىڭ ھېچقايسىدىن كەچكىڭىز كەلمىدى ، ئەلىۋەتتە . كۈندۈزى ئوماقلىرىڭىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقسىڭىز ، كەچلىكى ئامرىقىڭىزنىمۇ خۇش ئەتتىڭىز . بىر مەزگىللەردىن كېيىن ئۇيقىڭىز قانمىغاندەك ، چارچىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىڭىز . بەزى ئىشلار خۇشياقمىسا ، بەزى ئىشلارغا ئۈلگۈرۈپ بولالمىدىڭىز . شۇنىڭ بىلەن " مائارىپقا يەنى ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا ساختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ " دەيدىغان قەتئىي مەيدانىڭىزدا ئۆزگۈرۈش بولۇشقا باشلىدى . مەكتەپ چۈشۈرۈپ بەرگەن تاپشۇرۇقنىڭ قېتىم سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن ، تاپشۇرۇقنى جىق بەردىڭىز . ئەمما ئۇنى تەكشۈرۈشكە كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېرىمىسىنى شېرىن سۆيگۈ تارتىۋالغانلىقتىن ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشتە تازا ئەستائىدىل بولالماي ، بەزىدە بىر خىل سۇئالغا بېرىلگەن << ئا >> جاۋاپقىمۇ ، << ب>> جاۋاپقىمۇ توغرا بەلگىسىنى ئۇرۇپ قويدىڭىز . ئوقۇغۇچىلىرىڭىز " مۇئەللىم ، بۇ جاۋاپلاردىن قايسى توغرا ؟ " دەپ سورىغاندىلا ، چۈچۈپ ئويغانغاندەك بولدىڭىز . مۇئەللىم ، سىز ئاخىرى ئامرىقىڭىزغا " بىز ھازىر مۇھەببەتكە بەك بېرىلىپ كەتسەك بولمىغىدەك " دېيىشكە مەجىبۇر بولدىڭىز. ئامرىقىڭىزمۇ بۇنى توغرا چۈشەندى . لېكىن ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئامرىقىڭىز " سىز ئوقۇۋاتقان چاغدىمۇ شۇنداق دېگەن ، ئەمدى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ شۇنداق دەۋاتىسىز . قېنى ئېيتىڭا ، سىز زادى نېكەمگىچە مۇشۇنداق دەپلا تۇرىسىز ؟ 30 يىل ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققىچىما ؟" دېدى . سىز ئويلىنىپ قالدىڭىز . مۇئەللىم كەسپ بىلەن مۇھەببەتنى تەڭ ئېلىپ ماڭماق تەسمىكەن ؟

توي  قىلدىڭىز ، بالىلىق بولدىڭىز . ئەمدى سىزگە تەشنا بولىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى : ئوقۇغۇچىلىرىڭىز سىزدىن بىلىم بېرىشنى كۈتمەكتە ، ئامرىقىڭىز سىزدىن سۆيگۈ كۈتمەكتە ، بالىڭىز سىزدىن مېھىر كۈتمەكتە ، ئىككى جۈپ ئاتا –ئانىڭىز سىزدىن ۋاپادارلىق كۈتمەكتە ، يېتىشەلمەيلا قالدىڭىز . بۇنى ئاز دېگەندەك ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ ، مائاشىڭىزنىڭ ئۆسمىگىنى تېخىمۇ يامان بولدى سىزگە . بۇنىڭ بىلەن سىزدىكى قىزغىنلىقنىڭ ئورنىنى ئاغرىنىش ئېلىشقا باشلاپ ، سىزدە خىزمەتكە كېچىكىش ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىڭىزنى سان – سۈپەتكە يەتكۈزەلمەسلىك ئەھۋالى  كۆرۈلۈپ ، "ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك " دېگەندەك ھۆكۈمەت بەرگەن ئازغىنە مائاشىڭىزنى مەكتەپمۇ خوراتقىلى تۇردى .

مۇئەللىم ئويلىنىپ بېقىڭا ، سىز ئارزۇ قىلغان ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن سىز قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى    ئوخشاشمىكەن ؟


ak gul 2012-06-28 13:06
دانىش مۇئەللىمنىڭ تەپەككۇرغا باي سەگەك پىكىرلىرىگە ئاپرىن.مۇئەللىملەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى دەپسىز.

ozqan 2012-06-29 18:16
ئاغىرنىش .... بۇ سۆز ھازىر نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارغا ماس كېلىدىغان سۆز بولۇپ قالدىمۇ قانداق ؟
نۇرغۇن ئىشلاردىن ئاغرىنىۋاتقان ....
ئاغىرنىشقا تېگىشلىكتىنمۇ ، ئاغىرنىشقا تېگىشلىك بولمىغىنىدىنمۇ ئاغرىنىۋاتقان ...
بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئەتراپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بىلىپ بىلمەيلا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىكەن . ئۆزىمۇ تەتۈر قويۇنلارنىڭ ئارىسدا خىزمەتلەرنى تولىمۇ كۆپ بېسىم ئىچىدە ئىشلەيدىكەن ...

دانىش مۇئەللىم :  ئەمەلىي بولغان تېمىلىرىڭىز ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ تەپەككۈرىنى تاۋلاپ تۇرغىنىڭىزدىن خوشالمەن .  ھارمىغايسز .

gulhan 2012-06-30 00:06
دانىش  مۇئەللىمنىڭ پىكىرنى ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسولىغا قايىلمەن.
  ئادەمدە قانائەت تويغۇسى بولمىسا  بەزىدە، ئۆزى ئارزو قىلغىنىغا ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ  ئاغرىندىكەن كىشى...( بۇ قانائەت پۇلغا قارىتىلغان)

tawpek 2012-06-30 17:02
مەنمۇ ئاغرىناتتىم، توي قىلغاندىن كىيىن باشقا ئوروندا خىزمەت قىلىدىغان ئايالىمنىڭ خىزمىتىگە قاراپ مىڭلارچە شۈكرى قىلدىم.

بىز ئاغرىنالىغاچ ئاغرىنىدىكەنمىز، لىكىن بىز ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپلەردە ئاغرىنىش ئەركىنلىكىنىڭمۇ يوقلىقىنى ھىس قىلغىنىمىزدا..............

لىكىن ئاغرىنماي كالىدەك ئىشلىسە جاپاكەن، ئانچە مۇنچە ئاغرىنغانلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قويوپ ئىشلىسە ئەھمىيتى بارلارنى قىلىپ باشقىسىنى قىلمىسىمۇ ئاغرىنىدىغانلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۆپ كىتىدىغان لاتا سىياسەتلەر بار ئورونلاردا ئازراق بولسىمۇ جانغا ئارامكەن.


查看完整版本: [-- مۇئەللىم ئويلاپ بېقىڭ (2 ) (دانىش) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.221595 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us