查看完整版本: [-- مۇئەللىم ئويلاپ بېقىڭ (1 ) ( دانىش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> مۇئەللىم ئويلاپ بېقىڭ (1 ) ( دانىش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-06-28 10:51
مۇئەللىم ئويلاپ بېقىڭ (1 ) ( دانىش)
   "ئا ... ئا ...ئانا " ،  " ئا...ئا ... ئاتا" دەپ تىلىڭىزنىڭ چىققىنى ، " ئا ... ئا ...ئا "دەپ ساۋادىڭىزنىڭ چىققىنى يادىڭىزدىمۇ ،   مۇئەللىم ؟ يەنە نېمە دەپ نېمىڭىز چىققاندۇ ؟

ئاتا – ئانىڭىز سىزنىڭ تىلىڭىزنى چىقارغان بولسا ، مۇئەللىمىڭىز سىزنىڭ ساۋادىڭىزنى چىقارغان . ئاتا – ئانىڭىز سىزگە ئەدەپ ئەخلاقنى ئۈگەتكەن بولسا ، مۇئەللىمىڭىز سىزنى ئەجدادلاردىن تەۋەرۈك قالغان مەدەنىيەتلەر جۇغلانمىسى بولغان كىتادبلارنى ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان .

شۇڭىمىكىن سىز ئايال مۇئەلىمەلەرنى بەزىدە "ئانا "دەپ  سالسىڭىز ، ئەر مۇئەللىملەرنى " ئاتا " دەپ قوياتتىڭىز . بۇنى سىز  ئالماشتۇرۇپ قويۇش سەۋەنلىكى دەپ قارامسىز ؟ مېنىڭچە بۇ ئاللانىڭ دىلىڭىزغا شۇنداق دېيىشنى سالغانلىقىدىن بولغان . ئاللا سىزگە شۇنداق دېگۈزۈش ئارقىلىق سىز ئۈچۈن مۇئەللىمنىڭ ئاتا- ئانىڭىزغا ئوخشاشلا ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن !

مۇئەللىم ، ساۋادىڭىز چىقىپ بولا – بولمايلا مەھەلىڭىزدىكى تايتاڭلاپ يۈرگەن ئوماقلارنى رەت- رەت ئولتۇرغۇزۇپ ، ئۇلارغا ئاتىڭىز ياساپ بەرگەن قارا تاختايغا " ئا"نى يېزىپ ئوقۇتقىنىڭز يادىڭىزدا بارمۇ ؟ " چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىسەن ؟ " دېسە ، قىلچە دۇدۇقلىماي " مۇئەللىم بولىمەن !" دېگىنىڭىزچۇ ؟ چۈشىڭىزدىمۇ " سىز ئوقۇڭە ، ھە سىز ئوقۇڭە " دەپ كەتكەنلىرىڭىزچۇ تېخى ؟

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تۈگىتىپ ، << ئارزۇ تولدۇرۇش >> قوللانمىسىنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭزدا باشقا كەسپلەرگە ئائىت شۇنداق ئوبدان مەكتەپ ۋە تۈرلەرگە كۆز قىرىڭىزنىمۇ سېلىپ قويماي ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئائىت مەكتەپ ۋە تۈرلەرنى تاللاپ تولدۇرغىنىڭىز يادىڭىزدا باردۇ – ھە ؟

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىققا قەدەم قويغىنىڭىزدا ، شۇ سەبىي چاغلىرىڭىزدا دىلىڭىزغا پۈككەن ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن شادلىنىپ ، سەكرەپ كەتكىنىڭىز يادىڭىزدا باردۇ – ھە ؟

سىزنىڭ شۇ سەبىي چاغلىرىڭىزدىن تارتىپ دىلىڭىزغا پۈككەن شۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇيىڭىز ئازغىنە قىيىنچىلىق ۋە قىيداش سەۋەبىدىن يوقۇلۇشقا يۈزلىنىدىغان  مۇشۇنچىلىكلا ئارزۇمىدى ؟ مۇئەللىم بىر ئويلاپ بېقىڭ .


koksangun 2012-06-28 11:07
يېڭى تېمىدا گەپ باشلىنىپتۇ ، يېزىڭ ، دانىش مۇئەللىم ،نادىرلىغۇچى ھەۋەسكارىڭىز تېمىڭىزغا ھەر ۋاقىت دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇپ تۇرماقتا ...

tursun 2012-06-28 13:41
بارىكاللا دانىش مۇئەللىم،تۇلپارىڭىز ھەرگىز توختاپ قالمىسۇن!


查看完整版本: [-- مۇئەللىم ئويلاپ بېقىڭ (1 ) ( دانىش) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.176408 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us