ئەمەل بار بىر باشلىقنىڭ بايانى (كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى )
مىنى ئەمدى خار كۆرمە ،مەندە ھازىر ئەمەل بار ، بىر كويچەنگە زار كۆرمە ،پۇل تىپىشقا ئامال بار .
كونا دوست دەپ تەمەدە ، «چاقچاق» قىلما ھەرگىزمۇ ، ئوخشىمايمەن مەن ساڭا ،مەندە ھازىر ئەمەل بار .
سورۇن ماڭ كام ئەمەس ، كونا دوستۇم سەنسىزمۇ ، «نامرات »سۇرۇن يۇقالسۇن ،مەندە ھازىر ئەمەل بار.
قوي باقماستىن گۆش يەيمەن، قىز كام ئەمەس يارسىزمۇ، ئوخشىمايمەن مەن ساڭا، چۈنكى مەندە ئەمەل بار .
باشلىقلارنى كۆرگەندە ،مەنمۇ سەندەك ھالسىزمۇ؟ توغرا چۈشەن مىنىمۇ ، چۈنكى مەندە ئەمەل بار .
گىدىيىمەن ئالدىڭدا ، بۇرۇنقى ئىش يادىمدا ، خار- زارچىلىق يۇقالسۇن، ھازىر مەندە ئەمەل بار .
خار بولساممۇ بەش ئوندىن ،ئەزىزدۇرمەن تۆت بەشتىن، مەن ياشايمەن ئۈمىدۋار ،ھازىر مەندە ئەمەل بار .
مۇئاشىمغۇ تايىنلىق ،پۇل كەم ئەمەس لازىملىق ، قۇرو- دۇكان ئاز ئەمەس، چۈنكى مەندە ئەمەل بار .
ھارام -ھالال ئارمىدىم ،راھەت سۈرۈپ ھارمىدىم ، مەنمۇ بىر چاغ ياشايمەن ،مەندە ھازىر ئەمەل بار .
ھەق ناھەقتىن خەۋەر يوق ،پارا بىلەن قۇرساق توق . كۈندە «ئوقەت»بار ھازىر ،چۈنكى مەندە ئەمەل بار .
كەسپىمنىمۇ تاشلىدىم ،كامالەتكە يەتكەچكە ، ئالدىراشمەن ،كۆپ چىپىپ ،چۈنكى مەندە ئەمەل بار.
ئوتقاش ئەرقۇتى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مەنبە: ئىجادىيەت |