查看完整版本: [-- قىرىق ياشلىق ئەرلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> قىرىق ياشلىق ئەرلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2012-06-27 22:54
قىرىق ياشلار ئەرلەر
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى،
تۈمەن خىل مەدەنگە پەۋەستۇر تېغى،
تىلىڭغا سۇ يىغار مىۋىلىك بېغى،
تامىدۇ مىڭ يەردىن ئەركەكلىك يېغى،
قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.

دەسسىسەڭ تىترەيدۇ يەر قوۋۇرغىسى،
يۈرىكىڭ سۆيگىنىڭ ئالتۇن ئۇۋىسى،
كۆزۈڭگە كىرەلمەس غاپىللىق ئىسى ،
ئەقلىڭدە سۇنىدۇ توپاننىڭ بىسى،
قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.

ئالدىڭدا بىر سەھەر قاراپ تۇرىدۇ،
ئارمانلار ئىزىڭنى ساناپ تۇرىدۇ،
دوستلارغا ھەر ئىشىڭ ياراپ تۇرىدۇ،
بەزىدە بورنىڭمۇ قاناپ تۇرىدۇ،
قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.

يول ماڭساڭ يېنىڭدا جانانىڭ كېلەر،
ئىز بىسىپ پەرىشتەڭ ، پالۋانىڭ كېلەر،
كۈز ئەمەس ھەر پەسىل خامانىڭ كېلەر،
شان قۇچۇپ ھەر ياندىن كارۋانىڭ كىلەر،
قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.

ياغسىمۇ چىكەڭگە قارلار دەممۇ- دەم،
لەپىلدەر چۇققىدا سەن تىككەن ئەلەم،
يۇرت تەۋرەر، ئەل تەۋرەر،تەۋرەتسەڭ قەلەم،
سېھرىڭدە خىزىرنىڭ كارامىتى جەم،
قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.

دېمىگىن« كىچىكتىم، ھالقىدىم داۋان،
بۇ بىر يول سەپەرنى تۈگەتسەم ئامان..»
ئىشىتكەنمۇ ،دىيىشەر:«ھاۋاشلار يامان...»
گۈھەرگە ئايلىنار سەن تەزگەن سامان،
قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.

مەن دەيمەن : قىرىقتا تۇختىسا يېشىڭ،
كۈنۈ_ تۈن شەمشادتەك تىك تۇرسا بېشىڭ،
يىنىڭدا بولسىلا ئەڭ ئەزىز كىشىڭ،
مەيلىغۇ ئۇماچ بوپ قالسىمۇ ئىشىڭ،
قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.


مەنبە_  تۇرپان گىزىتى

gulhan 2012-06-27 23:13
بۇ شېئىرنى مەن بەكمۇ ياقتۇرۇمەن. مۇنبەردىكى ھارماس،مەسئولىيەتچان ئەرلەرگە سوۋغات قىلىش مەقسىتىدە يوللاپ قويدۇم.   

ak gul 2012-06-27 23:22
بۇ شېئىر دېمىسىمۇ شۇنداق ياخشى يېزىلغان شېئىر،مەنمۇ بەك ياقتۇراتتىم،شۇڭا يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋەتتىم.
بۇ نادىر شېئىرنى يوللىغان ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

تۆتتاش 2012-06-28 00:30
نىمانچىلا ئىشىم تەتۈرسىگىلا ماڭىدۇ دىسەم ئەسلى مەن 40 ياشقا توشماپتىمەن ئەمەسمۇ.

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-06-28 02:57
ياخشى يېزىلغان شئېر ،مەسئوليەتچان ئەرلەرگە ئوقۇلغان مەدھىيە .

danix 2012-06-28 08:38
     خانىم - قىزلار مۇشۇنداق ئىلھاملارنى بېرىۋاتسا ،
يەنى تىرىشمىساق سەت بولار ئەرلەر - ھە ؟!   

ablat0997 2012-06-28 12:04
40 ياشلىق ئەرلەرگە راسا ئىلھام بولغۇدەك شېئىر ئىكەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

attila 2012-07-03 01:36
مەن بۇ يىل 42 ياش.
تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن ياشىمىسام بولمىغۇدەك!


查看完整版本: [-- قىرىق ياشلىق ئەرلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.216797 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us