گۈلزىبا |
2012-06-27 19:42 |
تاغدىن- باغدىن گۈل توزىسا يەنە بىر غۇنچە ئېچىلىدۇ ، بىر ئۆيدە ئۆلۈم بولسا ،يەنە بىر ئۆيدە توي بولىدۇ .بىرى ئۆلسە بىرى تۆرىلىدۇ .تېرىكلەر ھامان تېرىكچىلىك كويىدا بولىدۇ .يىغلاپ-يىغلاپ كۈلىدىغان ، كۈلۈپ-كۈلۈپ يىغلايدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ ، ھايات شۇنداق داۋاملىشىدۇ . ۋاقىت ئاتقان ئوق، سائەت چىكىلداپ مىڭىۋەرسىلا يىللارنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئادەم تۇيماي قالىدۇ ، ۋاقىت ئىنسانغا تۇتۇق بەرمەيدۇ . زاماننىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەر ئېڭىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭ قىلغىنى خاتا ، بۇنىڭ قىلغىنى خاتا دېگەندىن مېنىڭ قىلغىنىمنىڭ قەيىرى خاتا دەپ ئويلىساق بەكرەك ياخشى . دېھقان ئەگەر ئورمان ۋە زىرائەتلىرىنى كېچە-كۈندۈزلەپ پەرۋىش قىلىپ باقمىسا ،كىيىن ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى بىر دۆۋە سامان ۋە بىر مۇنچە قۇرۇق شاختىن ئىبارەت بولىدۇ . زىيانلىق ئىشلاردىن يىراق بولساڭ ،مۈشكۈللىرىڭ ئاسان بولىدۇ . دوستلارنىڭ بىۋاپالىقىدىن ئاغرىنما ۋە دۈشمەننىڭ جەبرى-جاپاسىدىن شىكايەت قىلما . مۇلاھىزە قىلىشتىن ئەقىل پەيدا بولىدۇ . ئېيتىش زۈرۈر بولغان سۆزنى ۋاقتىدىن ئۆتكۈزمە ،ئېيتىشقا تىگىشلىك بولمىغان سۆزنى مۇمكىن قەدەر سۆزلىمە ياكى سۆزلەيمەن دەپ ئاۋارە بولما . (خاتىرەمدىكى مەن ياخشى كۆرىدىغان سۆزلەر ) كەچۈرۈڭلار ، يەنە ئۆز گېپىمنى قىلىدىغان بولدۇم ، بۇ قىتىم ئېلىنغان ئېچكرى تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنى بىلىدىغانلار بارمىدۇ ؟كۆرۈشكە ئالدىراپ كىتىۋاتىمەن دېسە !) |
|