maxal |
2012-06-27 19:29 |
«خاتا»نىمۇ ئاسراڭلار مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
يانتو چۈشكەن سايىلەر چۆچۈتمىگىن ئۆزۈڭنى، مەن ئۇمۇملۇق قىرىدا ئايرىۋالغان ئۆزۈمنى. ھەقنىڭ باشقا تىلى يوق مېنىڭدەكلەر دېمىسە، پىتنىلەرگە ئىشەنمەي ئويلىنىپ كۆر سۆزۈمنى.
دىل كىرىم يوق زامانغا،رەنجىشىم يوق جاھانغا، ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى. ئىشىمىزنى رېلىستىن چەتنىتىدۇ غاجاشتا، كۈرۈنسىمۇ چىرايلىق چېقىمچىنىڭ چىشلىرى.
ئەل كۆزىگە،دەۋرىمگە ئىشەنچىم بار ھەق ئوچۇق، «يېڭى تۇغۇم موزاي»دەپ قىلما مەندىن ئەندىشە. ئەندىشىلەر تۈپەيلى تۈكلەيدىكەن تۇخۇممۇ، توغرا ئىشتىن نەتىجە توغرا چىقماي ھەمىشە.
ئادالەتتىن ئادەملەر ئۇنچە قورقۇپ قاچماڭلار، ئۆزۈڭلارچە بىراۋنىڭ كۆڭلىگە پال ئاچماڭلار. ئەلگە كېرەك راست سۆزلۈك، گېپى قوپال بالىمۇ، كۆز قاراشنى يېڭىلاپ،«خاتا»نىمۇ ئاسراڭلار...
مەنبە :يازغۇچىلار تورى
|
|