tursun |
2012-06-27 17:31 |
مەكتۇپلار(2) ئابدۇللا تالىپقا -غەنىزات غەييۇرانە-
مەن سىنى ئىنسان دىسەم قالدىڭ چىقىپ توت-پۇت جاناپ، ئويلىسام رەھىم ساڭا،بەردىڭ زەھەر سالغان كاۋاپ. شۇمىدى ۋىجدان-نومۇس سەندە يىگىتلىكتىن ئەسىر، قىينىما ئۇنداق مىنى بەرگىن سۇئالىمغا جاۋاپ. نىمە قەستىڭ بار ئىدى مۇنچە مۇناپىقلىق قىلىپ، قانمىدى ئارزۇڭ سىنىڭ مىنى قىلىپ ۋەيران-خاراپ. خەير ئامان بول ئەي كىلانى كەينىگە رەڭ سۇرتىگەن، ئاخىرى بىر كۇن ئالارمەن ئوخشۇتۇپ سەندىن ھىساپ. ۋەتىنىم بولدى جەھەننەم ئوز يۇرتۇم ۋەيلۇن ماڭا، ئەڭ يىقىن دوستۇم مۇناپىق قۇردۇشۇم مەلئۇن ماڭا. غەييۇرانى بەر چىداشلىق چىشنى چىشلەپ چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرى جەننەت ئىشىگى ئىچىلار بىر كۇن ماڭا...!
غەنىزات غەييۇرانىغا: -ئابدۇللا تالىپ-
شىر ئەمەس ئەخلەتكە تەڭ سەزگەي كىشى بىرلا قاراپ، شائىر ئەمەس«ئا چ»غا تەڭ قىلما بىھۇدە كۇچ ئىسراپ. زاتى قانخور ئوزى مەلئۇن يۇرىگىدە جەننەت سوراپ، قان يۇتارنىڭ ئوزى ۋەيلۇن قىلما مەھبۇدقا تاۋاپ. يۇزلىگەن ئالىم زىيالىي قايدا كەتتى بىر زامان، خۇن ئىچىپ ئىنئام ئىلىپ شوھرەت ئارا يىرتقۇچ قاۋان. ئول كۇچۇك ياتقان بىنالار گىرلىرى قان ئۇستىخان، قان -قىساستىن ئولمىدى ئەلنىڭ ئولۇشتىن بىھىساپ. بۇ ئەجەپ جاھان بۇگۇن دەۋرىن بۇگۇن يىغلار ئىمىش، نەچچە ئون بەش سوغىتىدا گەندە يوق قىغلايدىغان. گەر ئاچار بولسام نىقاپ غىلاپتا تىغ ساقلار ئىمىش، يولدا مەلئۇن كويدا لەشكەر ئويلىساڭ مەندىن جاۋاپ. غەييۇرانە قايسى بىر چاغ غەيۇر ئىدى ئەل بىلگۇدەك، ياچىۋەك بىلىمەن دەۋالسا بارچە مەخلۇق كۇلگۇدەك. زەپ بۇ چاغ خىقىرىج ئۇنى ئەمدى كايىشىپ يۇرگۇدەك، بىر مىسال كارۋان يۇرۇپ گاداڭدا قالدى ئىت قاۋاپ...
مەنبە:ئوزەم ياخشى كورگەن ئەدىپلەرنىڭ شىئىرلىرىدىن ئورنەكلەر ناملىق خاتىرەمدىن. |
|