تۆتتاش |
2012-06-27 13:36 |
ئالدىراش بىز
تىكەن
باشاقلار ئاقاردى، كېۋەز گۈل بولدى، دېھقانلار قۇرتقا دائىم گول بولدى. چاڭقىغان زىرائەت تەستە ھۆل بولدى، بۇغدايلار دان تۇتسا ھۇسۇل مول بولدى. ئالدىراش دېھقانلار شۇنداق ئالدىراش.
موزدۇزمۇ ئالدىراش ئاياق ياماشقا، مىراپمۇ يۈگۈرەر ئۆستەڭ تاقاشقا. دېھقانمۇ سەھەردە كېۋەز چاتاشقا، دوغاپچى قېتىققا مۇزنى ئاتاشقا. باققاللار. خىرىدار بەكمۇ ئالدىراش.
تەتىلگە تەييارلىق بىزمۇ بەك جىددى، ھازىرلا ئۈلۈسەن دىگەندەك خۇددى. بەزىلەر خىزمەتتە بەئەينى بۇتتى، ئەمدىچۇ ھۇرۇنلار زەھەرنى يۇتتى، تاپشۇرۇق،خولاسە ،سىناق ئالدىراش.
ئىنتاھان،خولاسە، سنىپ، ئىشخانا، باھالاش كەلمەكچى ئۇچۇق ئاشخانا. بۈلۈملەر ئامال يوق بۇلار تورخانا، جېدەل كۆپ سىنىپلار ھەتتا سوتخانا. شۇنداقلا بىز سوتچى يەنە ئالدىراش.
دېھقانلار ئالمامدۇ ھۇسۇلنى كۈزدە، مەمۇرلار باھانى ئالمامدۇ سۆزدە. لىكىن بىز تۆھپىمىز قەغەز يۈزىدە، باشلىق كۆپ يوق بولساق بىزلەر كۆزىدە. شۇنداقلا خىزمەتتە بىزلەر ئالدىراش.
ئىنتاھان،تەكرارلاش، ۋاقىت يىتىشمەي، قەغەزنى تەكشۈرمەي ئىشتىن چۈشەلمەي. بىرى توڭ،بىرى ئوڭ مىجەز كىلىشمەي، خىزمەتكە ھەممەيلەن تەڭلا كىرىشمەي. ئىگىز-پەس مىجەزلەر بەكلا ئالدىراش.
تازلىقنى پاك-پاكىز قىلمىساق بولماس، سۇ قويساق گۈللەرگە ئېچىلىپ سۇلماس. پەرزەنتكە كۈيۈنسەك تۆھپە قۇرۇماس، بىلىم يوق يۇلۇمىز چاقناپ يۇرۇماس. مىللەتچۈن بىز ئەمدى مەڭگۈ ئالدىراش. توقسۇ 2012.6.26 |
|