查看完整版本: [-- سۆزلەپ يۈر....تىكەن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> سۆزلەپ يۈر....تىكەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2012-06-27 11:12
سۆزلەپ يۈر

تىكەن

دوقمۇشلاردا يېنېپ تۇرغان چىراقتەك،
گۇۋاھ بولدى تۇرمۇشۇمغا ئىس-تۈتەك.
شورپىلاردەك قىزىق قايناق جېدەللار،
بوي سۇندۇردى مىنى قىلىپ  پاي-پېتەك.

تۇيغۇن بولۇپ چاپچىپ تۇرغان ھەۋەسلەر،
قېچىپ كەتتى كۆز يېشىمغا قارىماي.
قۇلۇم تىترەپ كېكەچ بولدى قەلەملەر،
ئىجادىيەت باغلىرىداسايرىماي.

ئويناپ تۇرغان كۆز قارچۇقۇم يوقالدى،
شىرىن سۆھبەت داستىخىنىم يىرتىلدى.
نىكاھ بولدى، بۈگۈن ماڭا زىنداندەك،
شىر يۈرەكتىم، تاپانلىرىم قايرىلدى.

ماڭماي ئەمدى تىكەنلىك شۇ تۇرمۇشتا،
ئاسمىنىمنى ئاستا يىرتىپ بۆك قىلىپ.
كىيىۋېلىپ مەشرەپلەردە مەيلىم بار،
يارىشىملىق ئەتلەسلەرنى گۈل بىلىپ.


چۈكۈپ كەتسەم پاتقاقلارغا ،قۇلۇمنى،
تۇتالمىسا،يۇرۇتمىسا يۇلۇمنى؟.
چولپان كەبى چاقناپ تۇرغان قەلبىمنى،
ئىتىۋالسا نۇرغا تەشنا گۈلۈمنى.

ھامىلدارچە  كۈندە ماڭا بۇ تۇرمۇش،
تۇغۇپ قويدى پەرىشانلىق   قىسمەتلەر.
ھەمساناقتا پەيمانىمدۇر پارتىلاش،
بۇ تىنىمگە كەلمىسە شۇم  كېسەللەر.

كۈمۈپ قويدۇم ئەقىدىلىك كۈڭۈلنى،
نەچچە مىڭ يىل چاقناپ تۇرغاچ تۇرۇپ تۇر.
بىر كۈنلەردە ئەۋرىلەر يا چەۋرىلەر،
پەرھات بۇلۇپ <<شىرىن>>لارغا سۆزلەپ يۈر.
توقسۇ
2012.6.26

gulhan 2012-06-27 12:21
ئابلاجاننىڭ يىڭى شېئىرىغا مۇبارەك!
  بۇ شېئىرىڭزدىكى ئەكىس ئەتكەن مەنا ، مەنانى سىڭدۈرگەن شېئىرىي يول ۋە ئىماگلار  بۇلېرىكىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپتۇ.

  يۇقاپ كەتكەن تىكەنجان،
كەپتۇ يەنە مۇنبەرگە.
مىسرالاردىن گۈل تىزىپ،
سۇنۇپ مۇنبەر ئەھلىگە.
لىكىن شېئىرى موڭ تۈكەر،
مىسرالىرى تۇلغۇنۇپ.
تۇرمۇشتا كۆپ قىسمەتلەر،
بەردەم بۇلۇڭ تىك تۇرۇپ.

    

tursun 2012-06-27 12:53
تىكەن يىغدى ھەسەل شىرنىسى،
شۇڭا چاقنار ئىجات-جىلۋىسى.
تاتلىققىنا بۇنداق-ھەسەلدىن،
كەلدى مانا ئەمگەك-مىۋىسى.!

دوستۇم تىكەنگە تەشەككۇر!     

ak gul 2012-06-27 20:26
باركەنسىزغۇ؟
يوقاپ كەتسىڭىز ئادەم ئىزدەش ئېلانى بېرەيلى دەپ تۇرغان.
ئېسىل سوۋغىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز،شۇڭا كەچۈرىۋېتەيلى.


查看完整版本: [-- سۆزلەپ يۈر....تىكەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.104605 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us