dilrus |
2012-06-27 00:24 |
بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا... مەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئەڭ قىممەتلىك كۈندىن قانداق پايدىلىنىمەن ؟ئالدى بىلەن مۇشۇ بىر كۈننى ئوبدان قەدىرلەيمەن،بىر مىنۇت ،بىر سېكىنۇتنىمۇ بىكار ئۆتكۈزىۋەتمەيمەن .ھەرگىزمۇ تۈنۈگۈنكى بەخىتسىزلىكىم ئۈچۈن ئاھ ئۇرمايمەن ،ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات ،ئۇنى بۈگۈنۈمگە سۆرەپ كىرمەيمەن . ۋاقىت ئارقىغا قايتامدۇ ؟قوياش غەرىپتىن چىقىپ شەرىققە پاتامدۇ؟تۈنۈگۈن سادىر قىلغان خاتالىغىمنى تۈزىتەلەمدىم تۈنۈگۈنكىدىن ياشىرالامدىم؟تۈكۈرگەن تۈكرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى ،ئاتقان مۇشتنى قايتۇرۇپ كەلگىلى تارتقان ئاغرىق ئازابىنى يىنىكلەتكىلى بولامدۇ؟ بولمايدۇ!ئۆتكەن ئىش ئۆتتى ،مەڭگۈلۈككە كەتتى ،ئۇنى ھەرگىز ئويلىمايمەن .
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا ... مەن قانداق قىلىمەن ؟تۈنۈگۈننى ئۇنتۇيمەن ،ئەتىنى تەلۋىلەرچە سىغىنىمايمەن .ئەتىنى نامەلۇم سان دېيىشكە بولىدۇ،شۇنداق ئىكەن نېمە ئۈچۈن زېھنىمنى ئەتىكى نامەلۇم ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلغۇدەكمەن ؟ ئەتىكى ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇرسام ،بۈگۈنۈم بىكارغا ئۆتۈپ كىتىدۇ.بۈگۈن تۈنۈگۈن سەھەردىكى قوياشنى قايتا كۆرۈشنى كۈتۈپ ئولتۇرسام بۈگۈنكى قوياش ئولتۇرۇپ كەتمەمدۇ؟ بۈگۈنكى يولدا كىتىپ بىرىپ ئەتىكى ئىشنى قىلالامدىم؟ئەتە پىشىدىغان مېۋە بۈگۈن يەرگە چۈشەمدۇ؟ئەتىكى ئۆلۈم بۈگۈنكى خۇشاللىققا سايە تاشلىيالامدۇ؟ ئورۇنسىز غەم قىلىپ يۈرىمەنمۇ؟ئەتە ۋە تۈنۈگۈننى ئوخشاشلا كۆمىۋىتەلەيمەن ،شۇڭا ئۇلارنى ئويلىمايلا قوياي.
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا ... بۈگۈن ماڭا بىرلا قىتىم كېلىدۇ ،ئۇ رىئاللىقتىكى مەڭگۈلۈك ئابىدە .مەن ئۆزۈمنى شاتلىق ياشلىرىمنى تۆكۈپ ،بۈگۈنكى يىڭى قوياشنى قۇچاقلاۋاتقان ،ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان جىنايەتچىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن ئىككى قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ،مۇشۇ تەڭداشسىز بۈگۈنۈمگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .تۈنۈگۈن مەن بىلەن بىرگە كۈن چىقىشنى كۆرگەن دوستۇمنىڭ بۈگۈن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغانلىقىنى ئويلىسام ،ئۆزۈمنىڭ ھايات قالغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىتلىك ھىس قىلىمەن .مىنى يارتقۇچىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .مەن چەكسىز بەخىتلىك ئىكەنمەن . بۈگۈن مەن ئۈچۈن تەڭداشسىز سوغات ئۆزلىرىنى كۈچتۈڭگۈر چاغلايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن بۇرۇن كېتىپ قالدى .مەن قانداق قىلىپ بۇ تەڭداشسىز سوۋغاتقا نائىل بولدۇم؟ئۇلار زور تۆھپىلەرنى يارىتىپ بولغان ،مەن تىخى ئۇ مۇساپىلەرنى بېسىپ بولمىدىممۇ؟ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ،بۇ مەن ئۈچۈن بېرىلگەن بىر پۇرسەتمۇ؟ ياراتقۇچى ئىگەم شۇنداق ئورۇنلاشتۇرىۋاتامدۇ؟بۈگۈن مەن ئۈچۈن باشقىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش پۇرسىتى ئەمەسمۇ؟
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا...
ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ كىشىلىك تۇرمۇش ۋاقىتنىڭ جۇغلانمىسى .ئەگەر بۈگۈنۈمنى بىكار ئۆتكۈزىۋەتسەم ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بەتنى بىكار يىرتىۋەتكەن بولىمەن .شۇڭا ،بۈگۈنكى مىنۇت -سىكۇنتنى قەدىرلەيمەن .چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر مىنۇت- سىكۇنت قايتا كەلمەيدۇ .ئۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈن بانكىغا ئامانەت قويۇپ ،ئەتىسى خەجلەيدىغان پۇل ئەمەس .ۋاقىت شامالغا ئوخشايدۇ ،ئۇنى ھەرگىز تۇتىۋالغىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئۇنى ئەتىۋارلاپ پايدىلىنىمەن .چۈنكى ئۇ بىباھا گۆھەر ،ھەر بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئادەم ئۆمۈرلۈك مال بىساتى بىلەنمۇ تىگىشەلمەيدۇ.مەن ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى ھىسابلاشقا ئامالسىزمەن ،بىراق،شۇنى بىلىمەن ئۇ-بېباھا گۆھەر.
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا... مەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىمەن ،بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويۇشنى خالىمايمەن. مەن سەمىمىيتىم بىلەن گۇمانلارنى يوقۇتۇپ ،ئىشەنچىم بىلەن قورقۇنۇچ ئۈستىدىن غالىپ كېلىمەن . قۇرۇق پاراڭلارنى ئاڭلىمايمەن ،ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەيمەن ،دۇرۇس ئىش بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلار بىلەن باردى- كەلدى قىلمايمەن.نەن ئاخىر شۇنى ھىس قىلدىم:ھورۇنلۇق ئۆزۈم سۆيىدىغان كىشى قولىدىن ئوزۇق تۈلۈك ۋە كىيىم - كېچىكىنى ئوغۇرلىۋالغان بىلەن باراۋەر ئىكەن.مەن ئوغرى ئەمەس ،مەن بىر ۋىجدان ئىگىسى ،بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت ،مەن ئۆزۈمنىڭ مىھىر -شەپقەتلىك بىر زات ئىكەنلىگىمنى خەلق ئالەمگە بىلدۈرۈپ قويماقچى.
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا... بۈگۈنكى ئىشنى ئەتېگە قويمايمەن .بالىلىرىم كىچىك ۋاقىتتا ئۇلارغا تېخىمۇ كۆيىنىمەن.ئۇلار ئەتىلا مەندىن ئايرىلىدۇ مەن ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپ قالىمەن .بۈگۈن يولدۇشۇمنى سۆيگۈم بىلەن قۇچاقلاپ ،ئۇنىڭغا شىرىن -لەززەتلىك سۆيگۈمنى بىرىمەن ئەتە ئۇ مىنى تاشلاپ كىتىپ قالىدۇ،مەنمۇ شۇ .بۈگۈن ماڭا ھاجىتى چۈشكەن ئاغىنىللىرىمگە چامىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن ،ئەتە ئۇلارنىڭ ھاجىتى چۈشمەيدۇ مەنمۇ ئۇلارنىڭ يالۋۇرشىنى ئاڭلىمايمەن . بۈگۈن ئۇلارغا يارىدەم قولۇمنى سۇنۇشنى جان دەپ بىلىمەن ،چۈنكى ئەتە ئۇلارغا ياردەم قىلالمايمەن .
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا... ئەگر راستىلا بۇ مىنىڭ ئاخىرقى كۈنۈم بولسا ،ئۇ مېنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرە كۈنۈم بولۇپ قالغۇسى.مەن ئۇنى ئەڭ گۈزەل كۈن بىلىمەن .ھەر بىر مىنۇتنى زەمزەمبېلىپ،بىر يۇتۇم ،بىر يۇتۇمدىنتەمىنى تېتىپ يۇتىمەن .ھەر بىر مىنۇتنىڭ قەدرىنى قىلىمەن بۇنىڭ ئۈچۈن ھېرىپ-چارچاپ كەتسەممۇ ھەسسىلەپ تىرشىمەن .بۈگۈنكى ھەر بىر مىنۇتنى تۈنۈگۈنكى ھەر بىر سائەتكە تەڭ قىلمايمەن،ئاخىرقى نەرسە ئاشۇنداق قىممەتلىك بولامدۇ -قانداق؟
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولسا... ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسا ،ياراتقان ئېگەمگە مىڭلارچە شۈكرىلەر ئېيتىپ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ ماقالىنى<< تەرمىلەر>> ژونىلىنىڭ2004-يىللىق 11-سانىغا بىسىلغان بولۇپ ،ئاپتورى :ئوگ مانتېنو نازۇكئاي ئابلىمىت تەرجىمە قېپتىكەن .ئۆزۈم بەك ياقتۇرغاچقا تورداشلارغا سۇندۇم.
|
|