查看完整版本: [-- دېھقان شائىرنىڭ قەلب ئىزھارى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> دېھقان شائىرنىڭ قەلب ئىزھارى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kok-sultan 2012-06-26 23:41
دېھقان شائىرنىڭ قەلب ئىزھارى
                                         (ئوبزور)
شېئىر __ ھېسىيات ئارقىلىق ئوبرازلاشقان سەنئەت. شائىر  يېقىملىق، تەسىرلىك گۈزەل تۇيغۇلار ئارقىلىق بۇ سەنئەتنى بارلىققا كەلتۈگۈچى.تىنىمسىز تەپەككۈر قىلىش ۋە تەسەۋۇر قىلىش نەتىجىسىدە ئۆز قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان يارقىن سادالارنى  قاپىيىلىك سۆز-ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلىك ۋەزىن، رېتىم، تۇراق، شەكىللەر ئارقىلىق مۇجەسسەملەپ رېئاللىقنى ئەڭ ئىخچام ، ئەڭ جانلىق، ئەڭ مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەدەبىي ژانىردۇر.  

سەزگۈر شائىرلار جەمئىيەتنىڭ جىددىي سىياسى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دەۋر قەدىمىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئاساسىي مىلۇدىيىنى ياڭرىتىپ، بايراقدارلىق رول ئويناپ ئۆزى ياشاۋاتقان زامان، ماكاننىڭ ئۇلۇغ خاسىيىتىنى كىشىلەرگە بىلدۇرىدۇ. ئەخمەت نىياز دېھقانىنىڭ «ئىناقلىق ئەلا» ناملىق شېئىرى دەل مۇشۇنداق ئالىجاناپ تۇيغۇ بىلەن يېزىلغان ئېسىل شېئىرىدۇر.بۇ شېئىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇخەممەس شەكىلىدە، بارماق ۋەزىنىدە يېزىلغان. بۇ شېئىر مۇنداق باشلانغان:

زەپ ئىناق خەلق بىز- ۋەتەن جان ئانا،

ئۇلۇغ كومپارتىيە بىزگە باشپانا،

ھەر مىللەت زەپ ئىناق ياشايمىز مانا،

ئىناقلىق بىلەن يۇرت گۈللەيدۇ يانا،

جاھاندا ھەممىدىن ئىناقلىق ئەلا.

يوقۇرىقى مىسرالاردا ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ مىسلىسىز گۈللەپ- ياشناش دەۋرىگە كىرگەن ئۇلۇغ سوتسيالىستىك ۋەتىنىمىزگە، ۋەتىنىمىزنىڭ  باشپاناھى بولغان جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋە ئۇنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە شەكىللەنلەنگەن باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىقنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭىچە مۇناسىۋىتىنى تۇلۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مەدھىيلىگەن.

شائىر يەنە:

ئىناقلىق بولسا ئەل-يۇرتتا كۈچ بۇلۇر،

ئىناقلىق بولسىلا يۈكسىلىش بولۇر،

ئىناقلىق بولسىلا ئۆزگىرىش بولۇر،

ئىناقلىق بولسىلا گۈللىنىش بولۇر،

جاھاندا ھەممىدىن ئىناقلىق ئەلا.

دەپ يېزىپ، ئىناق جەمىيەت –تېخىمۇ يۈكسىلىشنىڭ، تېخىمۇ گۈللىنىشنىڭ، ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشنىڭ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىلىرىلەشنىڭ كۈچ مەنبەسى دېگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.

ئىناقلىق بولسىلا بەرىكەت بولۇر،

ئىناقلىق بولسىلا شەپىقەت بولۇر،

ئىناقلىق بولسىلا يۇرت جەننەت بولۇر،

ئىناقلىق بولسىلا كۈچ- قۇدرەت بولۇر،

جاھاندا ھەممىدىن ئىناقلىق ئەلا.

دەپ يېزىش ئارقىلىق،كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى- شەپقەت، ئىش –ھەرىكەتتىكى بەرىكەتنىڭ ئىناقلىق ئارقىلىق ئىشقا ئېشىپلا قالماستىن، بەلكى، يۇرت- ماكاننىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشى، ئەل- ئاۋامنىڭ قۇدرەت تېپىشىمۇ ئىناقلىققا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

شائىر يەنە:

ئىناقلىق بولسىلا ئادالەت بولۇر،

ئىناقلىق بولمىسا جاھالەت بولۇر،

ئىناقلىق بولسىلا ھالاۋات بولۇر،

ئىناقلىق بولسىلا سائادەت بۇلۇر،

جاھاندا ھەممىدىن ئىناقلىق ئەلا.

دەپ يېزىپ، ئىناقلىق ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، مەڭگۈلۈك سائادەتكە كېپىللىك قىلىشقا، پارلاق كېلەچەككە مۇستەھكەم ئاساس سېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئىناقسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىق ئىللەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى جاھالەت دەۋرىگە باشلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئانا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش» باش تېما قىلىنغانچوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە ئاكتىپ ماسلاشقان.

قىسقىسى، شائىر بۇ شېئىرى ئارقىلىق ئىجتىمائى ئىناقلىقنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرشتىكى مۇھىم رولىنى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى، گۈللەپ-ياشناۋاتقان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە بولغان يۈكسەك ئىشەنىسىنى تولۇپ-تاشقان قايناق ھېسسىيات، جۇشقۇن روھى كەيپىيات، يۈكسەك ئۈمىدۋارلىق روھ بىلىن ئىپادىلىگەن.

 

ئاۋات ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرسۇنجان ھەسەن

مەنبە: «ئاقسۇ گېزىتى» 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانى

koksangun 2012-06-26 23:49
مەكتەپكە قايتىپ باردىڭىزمۇ تۇرسۇنجان مۇئەللىم ؟

kok-sultan 2012-06-27 00:02
ياق،ھازىرمۇ تەشۋىقات بۆلۈمدە ئىشلەۋاتىمەن. ئانا مەكتىپىمنىڭ نامىنى مەڭگۈلۈك ئادرېس قىلىش مېنىڭ ئارزۇيۇم...

ak gul 2012-06-27 00:09
شېئىرنىلا ياخشى يېزىپ قالماي،ئوبزورنىمۇ ياخشى يازىدىكەنسىز،قەلەملىرىڭىزگە دەرد كەلمىسۇن!


查看完整版本: [-- دېھقان شائىرنىڭ قەلب ئىزھارى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.158650 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us