tursun |
2012-06-26 18:32 |
ھەق تەلەپ نارازىيلىق ئەرزنامىسى
ھەق-تەلەپ دەۋاگىرى:ئالىمجان تۇرسۇن،ئەر،ئۇيغۇر،1989-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۇنى تۇغۇلغان.ئۇرۇمچى يىڭى شەھەر رايۇنى قەشقەر شەرقىي يولى 36-نومۇر1-بىنا2-ئىشىك501-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ھەق-تەلەپ جاۋاپكارى:مىرزات ئەخمەت،ئەر،ئۇيغۇر،1989-يىلى 7- ئاينىڭ 13-كۇنى تۇغۇلغان.ئۇرۇمچى شەھەر يىڭىشەھەر رايۇنى جىياڭسۇ غەربىي يولى 20-نومۇر 7-بىنا 3-ئىشىك 503-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. نارازىيلىق دەۋا تەلىپىم: 1-)2-قىتىملىق"شىنجاڭ قۇتلۇت ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى"نىڭ650106012- نومۇرلۇق باھالاش نەتىجىسىگە قوشۇلمايمەن،چۇنكى،2010-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغا قەدەر ئاڭلىغانلىقى يەرلىك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ،مىرزاتنىڭ چوڭ ئاپىسى تۇراخان ساۋۇت كۇچادىن ئەكەلدۇرۇپ بەرگەن يەرلىك توخۇنىڭ مىيى بىلەن مايلىغاندىن باشقا،يەنە غازنىڭ مىيى بىلەنمۇ دائىم مايلاپ ئۇۋۇلاپ،ئىسسىق ئوتكۇزۇش،قول بارماقلىرىنى ھەركەتلەندۇرۇش ئارقىلىق داۋالاپ كەلگەن بولساممۇ، بىراق بىر بارمىقىم تولۇق ئىگىلمەيدۇ،يەنە بىر بارمىقىم ئىغىرراق نەرسە كوتۇرسەم تارتىشىپ تالىدۇ. ئىككى يىلدىن بىرى مەن قانۇننىڭ ئادىللىقىغا ھورمەت قىلىپ كەلدىم،ھىلىھەم قانۇننىڭ ئادىللىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. ئاساسىي قانۇندا:"پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى-پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەقەللىي ھوقۇقى،پۇقرالارنىڭ باشقا ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى،بۇ ھوقۇق ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە بولالمىسا،باشقا ھوقۇقلىرىدىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ."دىيىلگەن.ھەمدە"قىلمىش سادىر قىلغۇچىلاردىن پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۇزۇپ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى جىسمانىي، روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراتقانلار ھەق-تەلەپ قانۇنىي بويىچە بارلىق جاۋاپكارلىقنى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك" دەپ كورسىتىلگەن.شۇڭا ،سوت مەھكىسى "شىنجاڭ جىن جىيەن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى"نىڭ 2010-0337-نۇمۇرلۇق باھالاەش نەتىجىسىگە، ھەمدە يىڭىشەھەر رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ(2010-يىلى 700-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالاش خۇلاسىسىگە ئەھمىيەت بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. 2-)2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۇنى 2-قىتىملىق"شىنجاڭ قۇتلۇت ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى"نىڭ650106012-نومۇرلۇق باھالاش نەتىجىسىدە:" قولى مىيىپلىق دەرىجىسىگە توشمايدۇ،ئەمما ،ئىغىر نەرسە كوتۇرسە بىسىم پەيدا قىلىدۇ" دىيىلگەن. ھورمەتلىك سوتچىلار بۇ يەكۇننى قانداق چۇشۇنۇش كىرەك؟ شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى ئىتىراپ قىلمايمەن. 3-)دوختۇر داۋالىنىش چىىقىملىرىمنى ئەينى ۋاقىتتا ئەرگوڭ ساقچىخانىسىدا 2010- يىلى5-ئاينىڭ 18-كۇنى تۇزۇشكەن"ۋاقىتلىق كىلىشىم"گە قول قويۇشۇشقاندا بىرىپ بولغان.ئەمما،ئەدلىيىلىك باھالاش دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۇچ ئايدىن كىيىن ئىلىپ بىرىلىدىغان بولغاچقا،مىرزاتنىڭ چوڭ ئاپىسى تۇراخان ساۋۇت،قىيىن ئاپا بولغۇچى ئايشەم ئومەر ۋە كەلگۇسى ئايالى(شۇ چاغدىكى قىز دوستى) مۇنىرە مەمەتلەر قول قويۇپ، مىرزاتنى كىپىللىككە ئىلىپ چىقىدىغان،ئەدلىيىلىك باھالاش نەتىجىسى چىققاندا باشقا( مىيىپلىق تولىمى،ئوزۇقلىنىش تولىمى،شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەتتىن قىلىش ئىش-ھەققى تولىمى، جورىسىنىڭ بىمارغا قارىغان چاغدىكى ئىشتىن قىلىش ھەققى ۋە قاتناش چىقىملىرى ...) چىقىملىرىمنى تولەيدىغان بولۇشقان. شۇڭا سوت مەھكىمىسى قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۇلارنىڭ كىپىلگە ئالغۇچىلىرىمۇ ئۇستىگە ئالىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئىلىپ قويسا. 4-)2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۇنى 2-قىتىملىق"شىنجاڭ قۇتلۇت ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى"نىڭ650106012-نومۇرلۇق باھالاش نەتىجىسىدە:" بەش ئەزاسى نورمال" دەپ يەكۇن چىقىرىلغان.ئەپسۇس ،بۇ يەكۇنگىمۇ قوشۇلمايمەن. چۇنكى،قۇلاق،كوز،ئىغىز،بۇرۇن جايلاشقان بىشىمنىڭ ئارقا چوڭ مىڭەم شۇ قىتىم ئىچىدە لىق ھاراق بار بوتۇلكا بىلەن قاتتىق ئۇرۇلۇپ يىرىلغان ھەمدە بەش يىپلىق قىلىپ تىكىلگەن،بۇ ئورۇننى ئۇچ قىتىم ئوپراتسىيە قىلىپ تىككەن بولسىمۇ بىراق،ھازىرغا قەدەر بىشىم چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ،سوزلىسەممۇ تىلىم كىكەچلەيدۇ ھەمدە مىجەزىممۇ ئىتتىكلەپ كەتتى، مەن دەسلەپتە بوپتۇ،ئاتا-ئانىسى يوقكەن،يىشىمىزمۇ تەڭكەن، مىرزاتقا ئىغىر كەلمىسۇن ،دەپ تىلغا ئالماي كەلگەن ئىدىم،بۇ قىتىم تەكشۇرگەندىمۇ مۇنداق قاراپلا:"بەش ئەزاسى نورمال" دىيىلسە ،ئىنىقلا جاۋاپكار ئۇچۇن يىشىل چىراق يىقىپ بىرىلدى،دىگەن سوز. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى- نىنىڭ 126-ماددىسىدا:" دەۋاگەر دەۋادا يەنە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، جاۋابكار قارشى دەۋا قىلسا، ئۈچىنچى كىشى مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇلارنى بىر يولىلا سوت قىلىشقا بولىدۇ." دەپ كورسىتىلگەن. شۇڭا، سوت مەھكىسىدىكى سوتچىلارنىڭ بىشىمنىڭ ھازىرقى ئاغرىق ئەھۋالىنىمۇ قانۇن بويىچە ئىتىۋارغا ئىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. 5-)2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۇنى 2-قىتىملىق"شىنجاڭ قۇتلۇت ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى"نىڭ650106012-نومۇرلۇق باھالاش نەتىجىسى" GB18667-2002 نۇمۇرلۇق" (يول قاتناش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئولچىمى) بويىچە بىكىتىلگەن،دىمەك،جاۋاپكار تەرەپ مىنى قايمۇقتۇرىمەن ،دەپ يەنە ئاخىرقى ھىساپتا، "شىنجاڭ جىن جىيەن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى"نىڭ 2010-0337-نۇمۇرلۇق باھالاەش نەتىجىسىنى ھەمدە يىڭىشەھەر رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ(2010-يىلى 700-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالاش خۇلاسىسىنى ئىتىراپ قىلغان. چۇنكى،مىرزاتنىڭ ئادۇكاتى ئالىم نۇر :" شىنجاڭ جىن جىيەن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى"نىڭ 2010-0337-نۇمۇرلۇق باھالاەش نەتىجىسى"نى "يول قاتناش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئولچىمى" بويىچە چىقارغانلىقى ئۇچۇن ئىتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ" دەپ،2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۇنىدىكى سوتتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۇچۇن،سوتچى تۇرسۇنئاي باشچىلىقىدىكى زاستاتىللار" ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا كىلىشىم مەۋجۇت ئەمەس،ئۇنىڭ ئۇستىگە "شىنجاڭ جىن جىيەن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى"نىڭ 2010-0337-نۇمۇرلۇق باھالاەش نەتىجىسى"نى ئىتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ ،دەپ كىسىم چىقارغان، ئەمدىچۇ ؟ جاۋاپكار تەرەپ بۇ يەكۇننى ئىتىراپ قىلدى دىگەن سوز. شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ مىنىڭ بۇ تەلىپىمنى تولۇق نەزەرگە ئىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. 6-) سوت مەھكىمىسى يۇقارقى تەلەپلىرىمنى ئويلۇشۇپ كورسە،ئەگەر جاۋاپكار يۇقارقى تەلەپ-پىكىرلىرىمگە قوشۇلمىسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى- نىنىڭ 126-ماددىسىدا:" دەۋاگەر دەۋادا يەنە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، جاۋابكار قارشى دەۋا قىلسا، ئۈچىنچى كىشى مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇلارنى بىر يولىلا سوت قىلىشقا بولىدۇ." دىگەن كورسەتمە بويىچە :" ئارقا مىڭەمنىڭ تاشقى جاراھەت تارتۇقى ۋە قولۇمدىكى يەتتە پەي بىر تومۇرنىڭ ئۇزۇلىشىدىن قىپ قالغان زەخمە تارتۇقلىرى"نى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ تەلىۋىم ھەرگىزمۇ قانۇندىن چەتنەپ كەتمىگەن.
ھورمەت بىلەن: يىڭىشەھەر رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى:ئالىمجان تۇرسۇن 2012 - يىل 6 -ئاينىڭ 26 -كۇنى
|
|