danix |
2012-06-26 15:01 |
11-ئەسىردە كىملەر ياشىغان ؟ (دانىش )
تۈنۈگۈن دەرسلىكىمىزنىڭ بىر بۆلۈكىدىكى تېكسلەرنىڭ ئاخىرقىسىنى تۈگىتىپ ، شۇ بۆلەكنىڭ يېزىقچىلىق قىسمىنى بۈگۈن ئۆتۈشكە باشلىدىم . مەن يېزىقچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئوقۇغۇچىلاردىن :
_ 11- ئەسىردە كىملەر ياشىغان ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ قايسىلا مىللەتتىن بولسا دېسەك بولامدۇ ؟ _ دېدى . مەن :
_ بولىدۇ ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكىلەرنى دېسەڭلار بولىۋېرىدۇ ، _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلار بىر دەم ئويلانغاندىن كېيىن ، بىر نەچچە ئوقۇغۇچى قول كۆتەردى . مەن بىرىگە :
_ ھە ، سىز دەپ بېقىڭ ، _ دېدىم . ئۇ :
_ مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈكنەكى ، _ دېدى . جاۋاپ بەرگۈچى بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىسمىنى دەپ بولۇشىغا ، قول كۆتەرگەن ئوقۇغۇچىلار قوللىرىنى چۈشۈرۋېلىشتى . مەن ئۇلاردىن :
_ سىلەر سۆزلىمەمسىلەر ؟ _ دەپ سورىدىم . ئۇلار :
_ ئۇ، بىز دېمەكچى بولغانلارنى دەپ بولدى ، _ دېيىشتى . مەن :
_ نېمە ؟ 11- ئەسىردە ياشىغان ئادەملەر مۇشۇ ئۈچەيلەن بىلەنلا
تۈگىدىما ؟ _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرى بەرگەن جاۋاپقا ئۆزلىرىمۇ تازا قايىل بولمىغاندەك ، ئەتىراپىغا ، يەرگە قاراشتى . مەن :
_ تۈگەپتىما ؟ پۈتۈن دۇنيادا 11 – ئەسىردە مۇشۇ ئۈچلا ئادەم ياشاپتىما ؟ بىر ئەسىر دېگەن يۈز يىل ، يۈز يىلدا پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇ ئۈچلا ئادەم ياشاپتىما ؟ _ دەپ قايتى – قايتا سورىدىم . مەن يەنە :
_ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ ياشىغاندۇ – ھە ؟ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئاتا- ئانىسى ياشىمىغان بولسا ، بۇ ئۈچەيلەن تۇغۇلمايتىغۇ دەيمەن ، تۇغۇلمىغان بولسا ياشىمايتتى ، شۇنداققۇ دەيمەن ؟ _ دېدىم. ئوقۇغۇچىلار :
_ شۇنداق ، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ ياشىغان ، _ دېدى . مەن :
_ ياخشى ، ئۇنداقتا ، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېقىڭلار ، _ دېدىم. ئوقۇغۇچىلار بىر – بىرىگە قارىشىپ جاۋاپ بېرەلمىدى . مەن :
_ سىلەر بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىسمىنى دېدىڭلەر – يۇ ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمىنى دېيەلمەيسىلەر ؟ _ دېدىم . بىر نەچچە ئوقۇغۇچى قول كۆتەردى . مەن بىرىگە :
_ ھە ، سىز سەۋەبىنى دەپ بېقىڭ ، _ دېدىم . ئۇ ئوقۇغۇچى :
_ مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈكنەكىلەردىن بىزگە كىتاب يادىكار قالغان . بىز ئۇلارنى شۇ كىتابىدىن بىلدۇق . قالغانلاردىن كىتاب قالمىغاچقا بىز ئۇلارنىڭ ئىسمىنىمۇ دېيەلمىدۇق ، _ دېدى . مەن بېشىمنى لىڭشىتقان ھالدا :
_ دېمەك ، 11- ئەسىردە دۇنيادا بەلكىم نەچچە مىليارت ئادەم ياشىغان بولۇشى مۈمكىن ، لېكىن ، بىز شۇ نەچچە مىليارت ئادەمدىن
پەقەت ئۈچنىڭلا ئىسمىنى دېيەلىدۇق . بۇ نېمىنىڭ كۈچىدىن بولدى ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ كىتابنىڭ ! _ دېيىشتى . مەن :
_ ئۇنداقتا كىتاب قانداق نەرسىكەن ؟ _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ كىتاب يازغان ئادەم قازالاپ كەتكىلى نەچچە مىڭ يىل بولسىمۇ ، بىزگە ئوخشاش ئەۋلادلارغا شۇ يازغۇچىنى ئەسلىتىدىغان ، سېغىندۇرىدىغان ئۇلۇغ نەرسىكەن ! _ دېدى . مەن :
_ ئۇنداقتا كىتابنى كىم يازىدۇ ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ يازغۇچىلار يازىدۇ ! _ دەپ جاۋاپ بەردى . مەن :
_ ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يازغۇچى بولغىلى بولىدۇ ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا ، _ دەپ جاۋاپ بەردى . مەن بىر ئازدىن كېيىن :
_ سىلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىن مەھمۇد قەشقىرىيدەك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ، ئەھمەد يۈكنەكىدەك ئەۋلادلار تەرىپىدىن ياتلانغۇدەك ئادەملەردىن بولغۇڭلەر بارمۇ ياكى سىلەر بايام ئىسمىنىمۇ دەپ بېرەلمىگەن نەچچە مىليارت ئادەمدەك تۇغۇلغان – ئۆلگىنىڭلارنى ھېچكىم بىلمەيدىغان ئادەملەردەك ئادەم بولغۇڭلار بارمۇ ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ بىزنىڭ مەھمۇد قەشقىرىيدەك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ، ئەھمەد يۈكنەكىدەك نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ئەۋلادلار ياتلىنىدىغان ئادەملەردىن بولغىمىز بار ، _ دېدى . مەن :
_ ئۇنداقتا ، قانداق قىلساڭلار شۇنداق ئادەملەردىن بولالايدىكەنسىلەر ؟ _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، يازغۇچى بولساق ، _ دېدى . مەن سۆزۈمنى خۇلاسىلاپ :
_ دېمەك يېزىقچىلىق ئادەمنى نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىنمۇ ئەسلىتىدىغان ئۇلۇغ كەسپ ، _ دەپ يېزىقچىلىق دەرسىگە ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كىردىم كەتتىم .
دېمەك ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە مۇشۇنداق قىزىقارلىق باشلاپ كىرىۋالسا ياكى دەرسىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇشۇنداق يۈكسەكلىكتە چۈشەندۈرىۋالسا ، ئوقۇغۇچىلار دەرسكە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىدۇ . دەرسمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىدىن ئۇزاققىچە چىقىپ كەتمەيدۇ .
|
|