تۆت سۆزدىنلا تۈزۈلگەن رومان (دانىش)
بۈگۈن ئوقۇغۇچىلارغا << ئىپىك ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى >> دېگەن دەرسنى ئۆتمەكچى بولۇپ ، بۇ دەرس مەزمۇنىنى قانداق قىلسام ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادىدا ناھايىتى ئۇزاققىچە ساقلىنىدىغان قىلالايمەن ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە خېلى ئويلىنىپ ، ئاخىرى مۇنداق ئەقىلگە كەلدىم ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن :
_ ئىپىك ئەسەرلەردىن قايسى تۈرنى يازماق ئەڭ تەسكەن ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ روماننى يازماق ئەڭ تەسكەن ، _ دەپ جاۋاپ بەردى . مەن :
_ نېمە ، رومان يازماق تەس دېدىڭلارما ؟ مەن بىر مىنوتتىلا بىر رومان يېزىۋاتىمەن ، _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلار :
_ نېمە ؟ بىر مىنوتتا بىر رومان يېزىۋاتىمەن دېدىلىما ؟ _ دەپ ئاغزىلىرىنى ئېچىپ قېلىشتى . مەن :
_ ھەئە ، يالغان بولسا سائەتكە قاراپ تۇرۇڭلار ، _ دېدىم – دە ، دوسكىغا << ماشىنا >> دەپ ماۋزۇ قويۇپ ، ئاستىغان << ماشىنا .>> ، << ماشىنا ! >> ، << ماشىنا ؟ >> نى يېزىپ بولدۇم ۋە :
_ مانا رومان پۈتتى ، _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلار ھەيران بولۇپ :
_ مۇشۇمۇ رومانمۇ ؟ _ دەپ سوراشتى . مەن :
_ مانا بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ قىسقا رومان . مەن بۇنى بىر ماتىريالدىن كۆرگەن. ( كۆرگىنىم راست ، لېكىن قايسى ماتىرىيالدىن كۆرگىنىم ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ ) ئۇ روماننىڭ ماۋزۇسى << ماشىنا >> بولۇپ ، ماۋزۇدىن كېيىنكى بەتكە << ماشنا >> دەپ كەينىگە چېكىت قويۇلغان . بۇ ماشىنىنىڭ بارلىققا كەلگەن دەۋرىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئىككىنچى بېتىگە << ماشىنا >> دەپ ئۈندەش بەلگىسى قويۇلغان .بۇ ماشىنا قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلگەن دەۋرنى ئىپادىلەيدۇ ، ئۈچىنچى بېتىگە << ماشىنا >> دەپ سۇئال بەلگىسى قويۇلغان . بۇ ماشىنا مۇشۇنداق كۆپۈيىۋەرسە ، كېيىن قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلەر دېگەننى ئىپادىلەيدۇ ، _ دېدىم ۋە سۆزۈمنى يەنە داۋاملاشتۇردىم :
_ شۇ ماتىريالدا يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ قىسقا پوۋېست ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ، پوۋېستنىڭ ماۋزۇسى << ھەسرەت >> ، ماۋزۇدىن كېيىن بىرلا بەت بولۇپ ، ئۇنىڭغا << ئاھ >> دەپ يېزىلغان . پوۋېست شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن . ئۇ ماتىرىيالدا يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ قىسقا ھېكايە سۆزلەنگەن بولۇپ ، ئۇ ھېكايە مۇنداق ئىكەن : << يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئادەم يەر شارىغا بىر قاراپ < ھەي > دېگىنىچە ئالەم ئايرۇپىلانىنىڭ ئىشىكىنى ياپتى .>>
دەرسىمدىن چىققان ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ بۇ سۆزۈم بىلەن باشقا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپلەرگە يۈگۈرۈشتى .
|