查看完整版本: [-- تۈركىيە تۈركلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> تۈركىيە تۈركلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qirak 2012-06-26 14:16
تۈركىيە تۈركلىرى

 

تۈركلەر __ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 67 مىليون 310 مىڭ(  2002- يىللىق ستاتىستىكا.) بۇنىڭدىنباشقا يەنە 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق تۈرك گرېتسىيە، بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئالبانىيە، سېپرۇس ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى باشقا دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تۈرك مىللىتىياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭتۈرك تىلى ئائىلىسىدە سۆزلىشىدۇ.       تۈركىيە تۈركلىرىنىڭئانا ۋەتىنى __ ھازىرقى ئاناتولىيە (كىچىك ئاسىيا) رايونى بولماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكىئالتۇنتاغ (ئالتاي تېغى) ۋادىسى ئىدى. مىلادىيە 6 - ئەسىردىن 10 -ئەسىرگىچە تۈركلەر تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونىغا كۆچۈشكە باشلىغان. شۇقاتاردا ئوغۇز تۈركلىرىمۇ غەربىي جەنۇب يۆنىلىشكە قاراپ سۈرۈلۈپ ئىراننىڭ شىمالىدىكىخۇراسان رايونىدىن ئۆتۈپ، ئىسلام دىنى پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ بولغان غەربىي ئاسىيا رايونىغاكىرگەن.  1055 -يىلى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان باغدادنى ئىگىلەپ، ئاناتولىيىگە قاراپ سۈرۈلگەن. 1071-  يىلى ئاناتولىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شەرقى رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئاناتولىيە رايونى ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ يېڭى ۋەتىنى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىنباشقا تۈرك قەبىلىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كىچىك ئاسىياغا كىرىپ ناھايىتى تېزلا ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق ئېتىقاد ئاستىدا بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان- 13 . ئەسىرنىڭئاخىرلىرى قۇرۇلغان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى 1453 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭپايتەختى كونستانتىنپولنى (ھازىرقى ئىستانبۇل) ئىشغال قىلغان ۋە ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭكىچىك ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا  ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەرگەن.  
       تۈركلەر ئاناتولىيە رايونىغا كىرگەن ۋاقىتتا چارۋىچىلىقنىئاساسلىق ئىگىلىك تارمىقى  قىلىپ ياشىغان مىللەت بولغان بولسا، بۈگۈنكىكۈندە ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتكە ئايلاندى ۋە تۈركىيىنى دېھقانچىلىق دۆلىتى قېلىپ قۇرۇپ چىقتى. تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى بۇغداي بولۇپ، تېرىم ئىشلىرىدا ئاساسەن يامغۇر سۈيىدىن ئىبارەت تەبىئىي سۇغىرىش ۋاسىتىسىگە تايىنىدۇ. ئۆكتەبىردىكى كۈزلۈك ئۇرۇق سېلىش ۋە ئىيۇن ئايلىرىدىكى ھوسۇل يىغىۋېلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ. دېھقانچىلىقتىكى بۇ خىل ئالاھىدە ھادىسەتۈركلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.
       تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەدىمىي چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىھازىر گەرچە ئىلگىرىكىدەك ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىدىن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇئەييەن نىسبەتتىكى ئىزنالىرىنىيەنىلا كۆرگىلى بولىدۇ: گەرچە تۈركىيە گىلىمى ئىران گىلىمىدەك دۇنياغا داڭلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ياۋروپالاشقان ھەرقانداق تۈرك ئائىلىسىدە، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئائىلىلەردىمۇيەرگە پۈتۈنلەي گىلەم سېلىنىدۇ؛ تاماقتا ھەر قاچان سۈت، پىشلاق، سېرىق ماي قاتارلىقلار كەم بولسا بولمايدۇ، يەنە قوي گۆشىدىن قىلىنغان ھەرخىل تائاملار ۋە بولكا ئىستېمال قىلىدۇ. دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىيقۇرۇلما __ تۈركلەرنىڭ يەنە بىر خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.  
       تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىگەتەۋە. پۈتۈن تۈركىيە نوپۇسىنىڭ % 90تىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىسەۋەبىدىن، تۈركىيىدە مەسچىت ھەممىلا جايدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مۇستاپاكامال ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەچكە، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشتىكىتەسىرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت - ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە ياۋروپائۇسلۇبى بىلەن تۈرك ئۇسلۇبى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن يېڭى سىستېما شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئاساسىي قانۇندا «ئىسلام دىنى __ دۆلەت دىنى» دەپ بەلگىلەنمىگەن بۇ بىردىنبىرئىسلام دۆلىتىدە، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىيفورماتسىيە بارلىققا كەلگەن.   
       1934 - يىلى تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇستاپا كامال پارلامېنتنىڭماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ «فامىلە قانۇنى»نى ئېلان قىلغان ۋە تۈرك بولغانلىكى كىشىنىڭفامىلە قوللىنىشى لازىملىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن فامىلە قوللىنىشنى ئومۇمىيئادەتكە ئايلاندۇرمىغان تۈركلەر تېزدىن قەدىمىي تارىخىي تېرمىنلاردىن پايدىلىنىپئۆزلىرىگە فامىلە بېكىتىشكە باشلىغان، بەزىلىرى ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى فامىلىلەرنىقوللانغان. ئادەتتە باشقىلارنى چاقىرغاندا، چاقىرىلغۇچىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭيىراق - يېقىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چاقىرىلغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «بەگ» سۆزىنىقوشۇپ، قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدۇ. رەسمىي خەت - چەك ۋە ھۆججەتلەردە بىردەك ئىسىم - فامىلە قوشۇپ تولۇق يېزىلىدۇ.  
       تۈرك ئاياللىرى ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تىرناق ۋە لەۋلىرىنى ھەمىشە قىزىل قىلىپ بويىۋالىدۇ. يېزىلاردىكى تۈرك ئاياللىرى بولساناھايىتى ئاددىي كىيىنىدۇ؛ كەڭ شىم، كۆڭنەك كىيىپ ئۈستىگە نېپىز يېپىنچا ۋە شارپائارتىۋالىدۇ. شەھەر ئاياللىرى ياۋروپاچە كىيىنىشنى ئادەت قىلغان. تۈرك ئەرلىرىنىڭكىيىملىرى ئاساسەن دېگۈدەك غەربچىلىشىپ كەتكەن.        تۈركلەر چايخانا ۋە قەھۋەخانىلاردا دەم ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چوڭ شەھەرلەردىكى ھەر قانداق چوڭ كوچىدا، رەستىلەردە مۇشۇنداق مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار. قەھۋە -15 ئەسىردە ئەرەبلەردىنكىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ، تۈركىيىدە قەھۋەخانىلار ئېچىلىشقا باشلىغان. ئەمما، بۈگۈنكىكۈندە چايخانىلار يەنىلا سان جەھەتتىن قەھۋەخانىلارنى بېسىپ چۈشىدۇ. تۈركلەر چايخانىلاردا دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىدۇ، تاماكا چېكىشىدۇ، قارتا ئوينىشىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق ھاردۇق چىقىرىش تۈركلەردە ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلانغان.       تۈركلەر ھەمىشە دوستلار ئارا ئىزدىشىدۇ، ئۆزئارا كۆرۈشكەندە قىزغىنلىقبىلەن قۇچاقلىشىپ مەڭزىلىرىنى يېقىشىدۇ. سەھەردە ئۆزئارا «مەرھابا» دېيىشىدۇ.        تۈركلەرنىڭ توي ۋە نىكاھ مۇناسىۋەتلىرىدە ئەركىن نىكاھ ئومۇملاشقان (چەت يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ بار.) توي ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ: يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە توي قىلىش تەكلىپى قويغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ ئەلچىلىرى قىزنىڭ ئۆيىگەبارىدۇ ۋە قىز تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈنگە قالماي نىكاھ ئوقۇتۇلىدۇ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخۇنلارنىڭ خەتمە قۇرئانىبىلەن توي مۇراسىمى باشلىنىدۇ. مېھمانلار بىرىنچى كۈنى يىگىتنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولىدۇ. ئاساسىي مۇراسىم قىزنىڭ ئۆيىدە بولۇپ ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىدۇ، توي كۈنى تۈركلەرنىڭئەنئەنىۋى «دۇپ ئۇسسۇلى» ئوينىلىدۇ (بۇ ئۇسسۇل پەقەت توي مۇراسىمىدىلا ئوينىلىدۇ.) تۈركلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئىسلامىيەت قائىدە - يوسۇنلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قەبرىستانلىقلار ھەمىشە شەھەرلەردىكى باغچىلارغا، گۈل - گىياھلىرى چىرايلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى پات - پات قەبرىستانلىققا كېلىپ، خەتمە - قۇرئان قىلىپ تۇرىدۇ.   
       تۈركلەر قۇربان ھېيت، روزى ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملارنى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەڭ چوڭ دىنىي بايرىمى روزى ھېيتبولۇپ، ھەمىشە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، بايرام كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەممەجايلىرى شادلىق كەيپىياتىغا چۆمىدۇ.|تۈركلەر __ نوپۇسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كۆپىيىش سۈرئىتى% 2.4 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆچمەنلەر ۋە ئەركىن نىكاھ شەكلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەت زېمىنىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئېگىزلىك- تاغلىق بولۇشتەك ناچار جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان تېرىلغۇ يەرنىڭئەمەلىي بېقىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىنوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىش ھادىسىسىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسىنىئويلىشىشقا ئۈندىمەكتە.
مەنبە:ئانا تۇپراق مۇنبىرىدا.



danix 2012-06-26 14:36
     چىراق ، سىز پايدىلىنىش قىممىتى شۇنداق يۇقۇرى ياخشى تېمىلارنى
يوللاۋاتىسىز . سىزگە كۆپ رەھمەت ! ھارمىغايسىز .


查看完整版本: [-- تۈركىيە تۈركلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.123977 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us