سوغۇق تامغا ئايلىنىپ كەتتىم،
نالە قىلساڭ ئۆتمەيدۇ ئۈنۈڭ.
راۋاپ چېلىپ مۇساپىر كۈيگە،
ئەمدى يىغلاپ ئۆتەرمۇ كۈنۈڭ؟
سوغۇق تامغا ئايلىنىپ كەتتىم،
ئوخشاپ مەسۈم يۈرىكىم خىشقا.
سەندىن رەنجىپ قالدىمۇ تەقدىر،
دۇچار قىلىپ كۈتمىگەن ئىشقا؟
سوغۇق تامغا ئايلىنىپ كەتتىم،
ئەگىپ ماڭار قۇترىغان شامال.
چىشىڭ پېتىپ كۆكەرگەن لەۋلەر،
تاپار قانداق سۆيۈشكە ئامال؟
سوغۇق تامغا ئايلىنىپ كەتتىم،
ئۆرلەپ لايدىن قاغجارغان شورى.
دەردلىك سۆيگۈ قالدۇرغان قىسسە،
توقۇپ چىقار جۇدالىق تورى.
سوغۇق تامغا ئايلىنىپ كەتتىم،
كۈلپەت تۇغار يۆلىنىپ تۇرساڭ.
سادا كېلەر تاراڭلاپ مۇزدەك،
غەزەپ بىلەن يۈزۈمگە ئۇرساڭ. مەنبە: ئىجادىيىتىم |