查看完整版本: [-- 11-ئەسىردە كىملەر ياشىغان ؟ (دانىش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> 11-ئەسىردە كىملەر ياشىغان ؟ (دانىش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-06-26 13:33
 

11-ئەسىردە كىملەر ياشىغان ؟ (دانىش )

     تۈنۈگۈن دەرسلىكىمىزنىڭ بىر بۆلۈكىدىكى تېكسلەرنىڭ ئاخىرقىسىنى تۈگىتىپ ، شۇ بۆلەكنىڭ يېزىقچىلىق قىسمىنى بۈگۈن ئۆتۈشكە باشلىدىم . مەن يېزىقچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئوقۇغۇچىلاردىن :

_  11- ئەسىردە كىملەر ياشىغان ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :

_ قايسىلا مىللەتتىن بولسا دېسەك بولامدۇ ؟ _ دېدى . مەن :

_ بولىدۇ ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكىلەرنى دېسەڭلار  بولىۋېرىدۇ ، _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلار بىر دەم ئويلانغاندىن كېيىن ، بىر نەچچە ئوقۇغۇچى قول كۆتەردى . مەن بىرىگە :

_ ھە ، سىز دەپ بېقىڭ ، _ دېدىم  . ئۇ :

_ مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈكنەكى ، _ دېدى . جاۋاپ بەرگۈچى بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىسمىنى دەپ بولۇشىغا ، قول كۆتەرگەن ئوقۇغۇچىلار قوللىرىنى چۈشۈرۋېلىشتى . مەن ئۇلاردىن :

_ سىلەر سۆزلىمەمسىلەر ؟ _ دەپ سورىدىم . ئۇلار :

_ ئۇ، بىز دېمەكچى بولغانلارنى دەپ بولدى ، _ دېيىشتى . مەن :

_ نېمە ؟ 11- ئەسىردە ياشىغان ئادەملەر مۇشۇ ئۈچەيلەن بىلەنلا

تۈگىدىما ؟ _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرى بەرگەن جاۋاپقا ئۆزلىرىمۇ تازا قايىل بولمىغاندەك ، ئەتىراپىغا ، يەرگە قاراشتى . مەن :

_ تۈگەپتىما ؟ پۈتۈن دۇنيادا 11 – ئەسىردە مۇشۇ ئۈچلا ئادەم ياشاپتىما ؟ بىر ئەسىر دېگەن يۈز يىل ، يۈز يىلدا پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇ ئۈچلا ئادەم ياشاپتىما ؟ _ دەپ قايتى – قايتا سورىدىم . مەن يەنە :

_ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ ياشىغاندۇ – ھە ؟ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئاتا- ئانىسى ياشىمىغان بولسا ، بۇ ئۈچەيلەن تۇغۇلمايتىغۇ دەيمەن ، تۇغۇلمىغان بولسا ياشىمايتتى ، شۇنداققۇ دەيمەن ؟ _ دېدىم. ئوقۇغۇچىلار :

_ شۇنداق ، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ ياشىغان ، _ دېدى . مەن :

_ ياخشى ، ئۇنداقتا ، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېقىڭلار ، _ دېدىم. ئوقۇغۇچىلار بىر – بىرىگە قارىشىپ جاۋاپ بېرەلمىدى . مەن :

_ سىلەر بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىسمىنى دېدىڭلەر – يۇ ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمىنى دېيەلمەيسىلەر ؟ _ دېدىم . بىر نەچچە ئوقۇغۇچى قول كۆتەردى . مەن بىرىگە :

_ ھە ، سىز سەۋەبىنى دەپ بېقىڭ ، _ دېدىم . ئۇ ئوقۇغۇچى :

_ مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈكنەكىلەردىن بىزگە كىتاب يادىكار قالغان . بىز ئۇلارنى شۇ كىتابىدىن بىلدۇق . قالغانلاردىن كىتاب قالمىغاچقا بىز ئۇلارنىڭ ئىسمىنىمۇ دېيەلمىدۇق ، _ دېدى . مەن بېشىمنى لىڭشىتقان ھالدا :

_ دېمەك ، 11- ئەسىردە دۇنيادا بەلكىم نەچچە مىليارت ئادەم ياشىغان بولۇشى مۈمكىن ، لېكىن ، بىز شۇ نەچچە مىليارت ئادەمدىن

پەقەت ئۈچنىڭلا ئىسمىنى دېيەلىدۇق . بۇ نېمىنىڭ كۈچىدىن بولدى ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :

_ كىتابنىڭ ! _ دېيىشتى . مەن :

_ ئۇنداقتا كىتاب قانداق نەرسىكەن ؟ _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلار :

_ كىتاب يازغان ئادەم قازالاپ كەتكىلى نەچچە مىڭ يىل بولسىمۇ ، بىزگە ئوخشاش ئەۋلادلارغا شۇ يازغۇچىنى ئەسلىتىدىغان ، سېغىندۇرىدىغان  ئۇلۇغ نەرسىكەن ! _ دېدى . مەن :

_ ئۇنداقتا كىتابنى كىم يازىدۇ ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :

_ يازغۇچىلار يازىدۇ ! _ دەپ جاۋاپ بەردى . مەن :

_ ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يازغۇچى بولغىلى بولىدۇ ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :

_ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا ، _ دەپ جاۋاپ بەردى . مەن بىر ئازدىن كېيىن :

_ سىلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىن مەھمۇد قەشقىرىيدەك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ، ئەھمەد يۈكنەكىدەك ئەۋلادلار تەرىپىدىن ياتلانغۇدەك ئادەملەردىن بولغۇڭلەر بارمۇ ياكى سىلەر بايام ئىسمىنىمۇ دەپ بېرەلمىگەن نەچچە مىليارت ئادەمدەك تۇغۇلغان – ئۆلگىنىڭلارنى ھېچكىم بىلمەيدىغان ئادەملەردەك ئادەم بولغۇڭلار بارمۇ ؟ _ دەپ سورىدىم . ئوقۇغۇچىلار :

_ بىزنىڭ مەھمۇد قەشقىرىيدەك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ، ئەھمەد يۈكنەكىدەك نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ئەۋلادلار ياتلىنىدىغان ئادەملەردىن بولغىمىز بار ، _ دېدى . مەن :

_ ئۇنداقتا ، قانداق قىلساڭلار شۇنداق ئادەملەردىن بولالايدىكەنسىلەر ؟ _ دېدىم . ئوقۇغۇچىلار :

_ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، يازغۇچى بولساق ، _ دېدى . مەن سۆزۈمنى خۇلاسىلاپ :

_ دېمەك يېزىقچىلىق ئادەمنى نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىنمۇ ئەسلىتىدىغان ئۇلۇغ كەسپ ، _ دەپ يېزىقچىلىق دەرسىگە ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كىردىم كەتتىم .



جەۋھەرى 2012-07-24 20:42
      دەرسكە ھەقىقەتەن ياخشى باشلاپ كىرىپسىز، دانىش ئەپەندى. بىراق ئەھمەد يۈكنەكى 11ـ ئەسىردە ئەمەس، 15ـ ئەسىردە ياشىغانمىكىن دەيمەن. شۇنىڭغا دەرسخانىدا ئازراق ئىزاھات بېرىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن...

tawpek 2012-07-25 22:38
دانىش مۇئەللىمنىڭ تەتىللىك ساياھەتلىرى تۈگىمىگەن ئوخشىمامدۇ تىخى؟

danix 2012-07-26 11:37
  تەۋپېك بۇرادەرنىڭ مېنى يوللانما يوللاشقا دەۋەت قىلغىنىغا رەھمەت !
يوللانمىدىن بىر قانچىنى يوللىۋەتتىم ئەمسە. قېنى مۇنبەرداشلار كۆرۈپ بېقىشقاي .


查看完整版本: [-- 11-ئەسىردە كىملەر ياشىغان ؟ (دانىش) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.215117 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us