ئازاپ
گۈلباھار مۇھەممەد
تەگىسىز ئازاپقا تاشلىدىڭ مېنى،
ھېجرانغا تولدۇرۇپ يۈرەك-باغرىمنى.
يۈرەكمۇ چاپچىشتىن توختىدى شۇ دەم،
گۈللەرمۇ سۇلىشىپ يۇمدى كۆزىنى
كۈيلەرگە بولمىدىڭ جۆر بىر قېتىممۇ،
ئېرىقنىڭ سۈيىمۇ ئاقمىدى بەك شوخ.
چىرايلىق باھارمۇ ئايلاندى كۈزگە،
ئامەتمۇ،ئاپەتمۇ كەلدى بىللە قوش.
پۇرقۇپلا تۇرىدۇ يوللاردا ئازاپ،
سۈكۈنات ئىچىدە ئۇخلار دەرەخلەر.
ئازاپلار قوينىدىن چىقسام قۇتۇلۇپ،
ئۆتمۈشكە ئايلانسا ئېدى كەچمىشلەر.
|