مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ(4)(دانىش)
مۇدىر ، سىز يېڭى خىزمەتكە چۈشكەندىن تارتىپ ، مۇدىر بولغانلىقىڭىزنىڭ 2- يىلى باشلانغىچە بولغان ئارىلىقتا << پېشقەدەملەر مەكتىپىمىزنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈك كۈچى >> دەپ ئۇلارنى ئىنتايىن قەدىرلىك بىلىپ كەلگەن ئىدىڭىز . مۇدىر بولغانلىقىڭىزنىڭ 2- يىلى باشلىنىپلا ، << قوش تىل مائارىپى>>نىڭ تەلىۋىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدۇق ، يۇقارقى سۆزنى ناھايىتى ئاز دەيدىغان ياكى دېمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز . دېمىسىمۇ ، پېشقەدەملەرنىڭ ئوقۇتۇش مىتودى ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئەمەلىي ۋە توغرا بولۇپ ، بۇ ئەمەلىيلىك ۋە توغرىلىق ئۇلارنىڭ ئۇزاق يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە سىناقلاردىن ئۆتكەن ۋە يەكۈنلىگەنلىكىدىن كەلگەن . مۇنداق ئەمەلىي ۋە توغرا بولغان مىتود ۋە ئۇسۇلنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىگىلەپ بولۇش مۈمكىن ئەمەس . شۇڭا ياشلار ئوقۇتۇش مىتودى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش ئۇسۇلى جەھەتلەردە يەنىلا پېشقەدەملەرنىڭ يېتەكلىشىگە ۋە تەربىيلىشىگە مۆھتاج بولىدۇ .
ياشلاردا << قوش تىل مائارىپى>>غا لازىملىق بىلىم ( يەنى خەنزۇ تىلى بىلىمى) بار ، پېشقەدەملەردە تۈرلۈك بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش مىتودى ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيلەش ئۇسۇلى بار . ياشلاردىكى بىلىم پېشقەدەملەردىكى مىتود بىلەن بىرلەشمىسە ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوبدان يەتكۈزۈلمەيدۇ . ئوقۇتقۇچىلاردىكى بىلىم ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈلمىسە ، ئۇ بىلىمنىڭ بىلىم تەشناسى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا پايدىسى بولمايدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش ئۇسۇلىدىكى پەرق باشقا چاغلاردا ئانچە ئېنىق بولماسلىقى مۈمكىن . ئەمما سىنىپ مەسئۇلى بولۇشتا بۇ پەرق مانا مەن دەپ ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ . پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولغان سىنىپ بىلەن ياش ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولغان سىنىپنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە پەرقى زور بولىدۇ .
ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتىلمىگەن ، بىلىم جەھەتتىن يېتىلگەن ئادەم ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ . ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتىلمىگەن بىلىم ئىگىسى ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقۇچى ئەمەس ، بالايى – ئاپەت ئېلىپ كەلگۈچى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن . مەسىلەن ، نوبىل ئەخلاقىي ۋە بىلىم جەھەتتىن تەڭ يېتىلگەن ئالىم بولۇپ ، ئۇ پارتىلاتقۇچ دورىنى ئىنسانلار يولىنى توسىۋالغان تاغلارنى پارتىلىتىپ ، يوللىرىنى راۋان قىلسۇن دەپ ئىجات قىلغان . ئەمما ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتىلمىگەن گېتلېر پارتىلاتقۇچ دورىنى نېمىگە ئىشلەتتى ؟ ئىنسانىيەتنى قىرىشقا ئىشلەتمىدىمۇ ؟ مۇنداق مىساللار خېلى نۇرغۇن . شۇڭا ئەخلاقىي تەربىيە مەكتەپلەر خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، بىزنىڭ مائارىپ يۈلۈنىشىمىزدىمۇ << ئەخلاقىي ، ئەقلىي ، جىسمانىي ، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتىراپلىق يېتىلگەن ئىز باسارلارنى تەربىيلەپ چىقىش >> دېيىلىپ ، ئەخلاقىي تەربىيە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان .
دېمەك ، ئەخلاقىي تەربىيىنى كۈچەيتىمىز دەيدىكەنمىز يەنىلا پېشقەدەملەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەخلاقىي تەربىيە مەكتەپلەردە ئاساسىي جەھەتتىن سىنىپ مەسئۇلى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ . پېشقەدەملەر سىنىپ مەسئۇلى بولغۇسى بولسىمۇ، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ خاتىرە قالدۇرۇشقا تېگىشلىك ئىش نۇقتىلىرىنىڭ ۋە تولدۇرۇشقا تېگىشلىك جەدىۋەللەرنىڭ كۆپلىكىدىن سىنىپ مەسئۇلى بولماي قويىدۇ . بەزى مەسئۇلىيەتچان ياشلار ئۆزلىكىگىن سىنىپ مەسئۇلى بولۇشنى تەلەپ قىلسا ، بەزى ئۇنۋانى تېخى تۆۋەن دەرىجىدە بولغان ياشلار ئۇنۋانىنى يۇقۇرىلىتىش ئۈچۈن سىنىپ مەسئۇلى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى مەكتەپلەر خىزمىتىنىڭ يادرۇسى . شۇڭا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار سىنىپ مەسئۇلىنى بەلگىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . مېنىڭچە ، ياشلار سىنىپ مەسئۇلى بولغان سىنىپلارغا پېشقەدەملەرنى ياردەمچى سىنىپ مەسئۇلى قىلىپ بېكىتىش كېرەك . شۇنداق بولغاندا ياشلار بىلەن پېشقەدەملەر بىر – بىرىدىكى كەملىكنى تولۇقلاپ ، سىنىپنى ئوبدان باشقۇرۇپ كېتەلەيدۇ .
بەزى ئۇنۋاننىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بولغان پېشقەدەملەر ياردەمچى سىنىپ مەسئۇلى بولۇشنى خالىماي قېلىشى مۈمكىن . لېكىن ، مۇدىر ، سىز بۇرۇنقى ئادەمنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىدىغان ئاجايىپ ئىقتىدارىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئېرىتەلەيسىز . مۇدىر ، سىز بۇرۇنقىدەك پېشقەدەملەرنى تەسىرلەندۈرۈپ ، كۆزلىرىدىن تارام – تارام ياش ئاققۇزىدىغان گەپلەرنى يەنى قىلالۇرسىزمۇ ؟ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى ، مائارىپ سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن ، كۆڭۈل گاداسى بولۇپ قالغان شۇ پېشقەدەملەردىن تاتلىق گەپلىرىڭىزنى ئايىماسسىز – ھە ؟ بىر ئويلىشىپ بېقىڭ .
|