查看完整版本: [-- مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ(3)(دانىش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ(3)(دانىش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-06-25 18:25
مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ(3)(دانىش)
    مۇدىر ، سىز مۇدىر بولغان دەسلەپكى يىلىدىكى بەزى ئىشلىرىڭىز ھازىرمۇ يادىمدا . ئۇ چاغلاردا سىزنىڭ قولىڭىزغا تۇرۇپلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى چىقىپ قالاتتى . ئۇ تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى كۆرۈۋېتىپ ، شۇ تاپشۇرۇق دەپتەردىكى تاپشۇرۇقنى بەرگۈچى بەزى مۇئەللىملەرگە << مۇئەللىم ، ماۋۇ تاپشۇرۇق بۇ ئوقۇغۇچىغا ئاسان كېلىپ   قاپتۇمۇ – نېمە ؟ >> دېسىڭىز يەنە بەزى تاپشۇرۇقلارنى كۆرسىتىپ : << ماۋۇ تاپشۇرۇق بۇ ئوقۇغۇچىغا قېيىن كېلىپ قاپتۇ ، ئىشلىيەلمەپتۇ >> دەپ قوياتتىڭىز ۋە بەزىدە ھەتتا بەزى تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ : << بۇ تاپشۇرۇقنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىيەلمىدىڭىز ؟ >> دەپ سوراپ قوياتتىڭىز . شۇنىڭ بىلەن بىز ھەممە ئوقۇغۇچىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا تاپشۇرۇق بېرەتتۇق . ئوقۇغۇچىلارمۇ << تاپشۇرۇقىمىزنى مۇدىرمۇ كۆرۈپ قويىدىكەن >> دەپ ، بەك ئەستائىدىل ئىشلەيتتى .

بەزىدە سىز خەنزۇ مەكتىپىدە باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ ، مەكتىپىمىزگە چىققان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئۇلارغا خەت يازدۇرۇپ كۆرەتتىڭىز ۋە << پاھ ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى ناھايىتى تېزلا چىقىرىپ بوپسىز مۇئەللىم ، جاپا تارتقانسىز – ھە ؟ >> دەپ قوياتتىڭىز . بۇ سۆزىڭىز بىلەن ،شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا تارتقان شۇنچە كۆپ جاپالىرىمىز ئۇنتۇلۇپ ، ناھايىتى كاتتا مۇكاپات ئالغاندەك ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئىرادىسىگە كېلىپ كېتەتتۇق .

بەزىدە دەرسخانىنىڭ دەرىزىسىدىن ئەلەڭڭىدە قاراپ قويغاندەك ئۆتۈپ كېتىپ ، ئىشخانىمىزدا ساقلاپ تۇراتتىڭىزدە ، بىز چىققاندا ، << بۇ سائەتتىكى دەرسنى ئاجايىپ يېڭىچە ئۇسۇلدا ئۆتتىڭىز جۇمۇ مۇئەللىم . بالىلارنى شۇنداق جەلپ قىلىۋاپسىز >> دەپ قوياتتىڭىز ھەم شۇ دەرسكە ئائىت بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ كۆرەتتىڭىز . يەنە << بۇ دەرسنى سىز شۇنداق ئوبدان ئۆتتىڭىز . پالان مۇئەللىم قانداق ئۆتەر بىر ئاڭلاپ باقايلى ، يۈرۈڭ >> دەپ ، ئوخشاش دەرس ئۆتىدىغان مۇئەللىملەرنى يەنى شۇ خىل دەرسنى ئۆتىدىغان بىر مۇئەللىم دەرس ئۆتىدىغان سىنىپقا باشلاپ ماڭاتتىڭىز .

ئۇ چاغلاردا شۇ ئىشلارغا قانداقمۇ ۋاقىت ئاجراتقان بولغىيتىڭىز –ھە ، ھازىر ئىشلىرىڭىز بەك كۆپ ، ئۇنداق ئىشلارغا ۋاقتىڭىز يەتمەيدۇ .

يىغىپ ئېيتقاندا شۇ چاغلاردىكى شۇ ئىشلىرىڭىز ھەقىيقى سىناپ تەكشۈرۈش ئىدى . ھازىر بولسا ساناپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ قويدىڭىز : يەنى ھەپتىلىك دەرس تەييارلىقى مۇنچە سائەت بولۇش، ھەپتىلىك تاپشۇرۇق قېتىم سانى مۇنچە قېتىم بولۇش ،  ھەپتىلىك دەرس ئاڭلاش مۇنچە سائەت بولۇش ... مۇشۇنداق بولۇشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلاردا دەپتەر ۋە خاتىرىدىكىنى ساناپ ئۆتكۈزىۋالىدۇ . دەرسنى كونا دەرس تەييارلىقىدىن كۆچەردىمۇ ياكى يېڭىچە ئۇسۇلدا تەييارلىدىمۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاپشۇرۇق بەردىمۇ ياكى قېتىم سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈنلا تاپشۇرۇپ بەردىمۇ ، دەرسنى بىرەر مەنئەت ئالاي ياكى دەرس ئۆتكۈچىگە بىرەر ئوبدان تەكلىپ بېرەي دەپ ئاڭلىدىمۇ ياكى دەرس ئاڭلاش قېتىم سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈنلا ئاڭلىدىمۇ ۋە ياكى دەرسخانىغا كىرمەي ، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا بىرەر مۇئەللىمدىن << بۈگۈن قايسى دەرسنى ئۆتتىڭىز >> دەپ سوراپلا ، دەرس ئاڭلىغان بولىۋالدىمۇ ؟ بۇلار بىلەن تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ پەرۋايى پەلەك . ئۇلار پەقەت دەرس تەييارلىق دەپتىرىدىكى تەييارلانغان دەرسنىڭ سائەت سانىنى ، دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىگە يېزىلغان دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنى ، تاپشۇرۇق نومۇرىنى خاتىرلەش خاتىرىسىدىكى نومۇر يېزىلغان كاتەكچىلەرنى بىر ، ئىككى ، ئۈچ ... دەپ ساناپ بەلگىلەنگەن ساننى توشقۇزغان – توشقۇزمىغانلىقىنى ئېنىقلىسىلا بولدى .

مۇدىر ، سىزنىڭچە خاتىرە مۇھىممۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ؟ بۇنى بىر ئويلىشىپ بېقىڭ .


tursun 2012-06-25 18:57
دانىشقا بارىكاللا! ئوزلىرى يوللاۋاتقان بۇ تىما مىللى مائارىپتا كورۇلىۋاتقان
ئومۇمىييۇزلۇك ھادىسە، سىلە بۇ تىمىنى دەل ۋاختىدا يوللاپتىلا،«ئىللەت تۇزەلمىگۇچە
مىللەت تۇزەلمەس»دەيدىكەن كونىلار...

gulnar 2012-06-25 19:02
دانىش مۇئەللىم سڭزنىڭ يازمىللىرىڭىزنى كۆرۈپ ،خۇددى مېنىڭ مەكتىپىمنىڭ ئەھۋاللىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.ھەممە مۇدىرلار دىيىشىۋالغاندەكلا وخشاش تۈزۈم قوللاندامۇ نىمە بۇ تۈزۈملەرنى بىر يەردىن بۇيرۇتقاندەكلا .بۇنداق شەكىلۋازلىق كۆپۈيۈپ كەتسە ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىگ تەسىر يىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ قالىمەن .

ak gul 2012-06-25 20:25
بەلكىم «مۇدىر بولغاندىن كېيىن،قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپىيىپ كېتىپ،بۇ ئىشلارنى ھەقىقىي قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمايدىغان ئوخشايدۇ».

ozqan 2012-06-29 21:32
دانىش مۇئەللىم : كۆزىتىشكە ماھىركەنسىز ...
بۇ يازمىدىن مۇدىرلارغا ئىلھام كېلىدىكەن . ئەمما مۇنبىرىمىزدىكى ئىلغار مۇدىر ياشار مۇدىردەك ، مۇنبىرىمىزنى ياكى بىر قىسىم تور بەتلەرنى كۆرۈپ تۇرىدىغان مۇدىرلار زادى قانچىلىك ؟
ھەممىگە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن تەلەپچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان __ سىز دانىش مۇئەللىمدىن بەك تەسىرلەندىم ..
يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ...

tawpek 2012-06-30 00:19
1. بىزنىڭ تاپشۇرۇق ئاپتۇنۇم رايۇندىن كىلىدۇ. بىر ماۋسۇمدا تىل ئەدەبىياتنىڭ 24 قىتىم.70-80 بەت. يەنە يىزىقچىلىق تاپشۇرۇقى بار ھەپتىدە بىر قىتىم.
80 قىتىملىق تاپشۇرۇقنى ئوڭوشلۇق ئاخىرلاشتۇردۇم بۇ ماۋسۇم.8000  تاپشۇرۇق قىتىم.
2. شۇنداق جۇشقۇن دەرىسخانىغا كىرىپ قىلىپ نىمە ۋاراڭ چۇرۇڭ نىمىشقا ئىنتىزام تەشكىللىيەلمەيسەن دىگەن سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىمنىڭ .............
3. ئوقوغۇچى كاتىپلارغا قىلدۇرۇپ قاتۇرىۋەتكەن دەپتەرلەرنى تەكشۈرۈپ يىغىندا ماختاپ كەتسە كۈلكە ئاۋازى كۆتۆرللپ يىغىن ئىنتىزامىنى تەشكىللەشمۇ بىر مەسىلە.

4. ھەپتىدە 2 سائەت دەرىس ئاڭلايمىز، بۇ ھەپتە ۋاختىم يەتمەي كىيىنكى ھەپتە 4 سائەت ئاڭلىسام 2 سائەتنى ھىساپ قىلماي پۇلۇمنى تۇتىۋالغاندىن بىرى ئەل كىرگەن كىچىككە كىرىپ دەرىس ئاڭلاش دەپتىرىمنى ئوقوغۇچىلار كۆچۆرۆپ تولدۇرۇپ ماڭغاندىن بىرى مائاشىمنى ساق ئىلىۋاتىمەن.

ھەق گەپ قىلىپ چىرىكلىكنى پاش قىلغانلارنى ساراڭغا، پىتنىخۇرغا چىقىرىپ گىپىنى ئەستائىدىل ئاڭلىماي ئۈرۈمچىگە يولغا سىلىپ كەينىدىن يۈگىرەپ بولالماي ئاۋارە.


ياشار مۇدىرغا مەنمۇ قايىل. پائالىيەتلەرگە ئۆزى بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلىپ سەھنە سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ تەييارلاشلىرىچۇ تىخى.


查看完整版本: [-- مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ(3)(دانىش) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.196058 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us