查看完整版本: [-- گۈلخاننامە 2 --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> گۈلخاننامە 2 [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2012-06-25 17:45
گۈلخاننامە 2  
بۈگۈن   2011-يىل 5-سىنتەبىردىكى دۇيشەنبە ، بۇ تۇنجى قىتىملىق 8-سائەتتىكى سىنىپ يىغىنىنى قانداق ئىچىشىم كېرەك؟ ئەمدى بۇرۇنقى سىنىپ تۇتقان ۋاقىتلىرىمدەك سىنىپ يىغىنلىرىنى بىر ھەپتىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىلىپ –كىتىشىدىن ، تازلىقىدىن ، تاپشۇرۇق بېرىشىدىن ، ئەخلاقىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، تەنقىد-  تەربىيە شەكلى بويىچە تۈگەتكۈم يوق ئىدى.خىيال ئىكرانىمدا  بۇندىن 10يىل بۇرۇنقى تۇنجى سىنىپ تۇتقان ۋاقتىمدىكى  ئىشلىرىم ئۈتۈشكە باشلىدى.
  ئۇ ۋاقىتتا ماڭا ئەسلىدىكى سىنىپ مەسئولى ئاغرىق سەۋەبىدىن تۇتالماي قالغان 8-يىللىقنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمىگە چىقىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا مەسئول بولۇش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن ئىدى. مىنىڭ ئۇ چاغدا رەسىم دەرسى بېرۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. «قۇشۇمچە »دەرس بېرۋاتقان مىنىڭدەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىنىپ تۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى تەس ئىدى. شۇ سەۋەپتىنمۇ مەندە بۇ سىنىپنى پاراللىل سىنىپلار ئارسىدا 1-قىلىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى.
مەن ھەر قىتىملىق سىنىپ يىغىنىدا ئىنتىزامسىزلىق قىلغان، كىچىكىپ كەلگەن... دىگەندەك بىر قاتار ئۇقۇغۇچىلارنى بىر – بىر تۇرغۇزۋىلىپ قاتتىق تەربىيە قىلاتتىم، ھەتتا بەزى «ئۆزگەرمەس قۇلاق كەستى»لەرنىڭ چاچلىرىنى تارتىپ ، قۇلاقلىرىنى سوزۇپ تۇرۇپ تېرىككەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئىدى. سىنىپ مەسئولى دىگەن بۇ نام ئاتا- ئانا دىگەن سۆزدەك ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدە ئولۇغ ئىكەنلىكىگە مەن ھەقىققەتەن قايىل. بولمىسا شۇ چاغدا مەن چىچىنى تارتىپ ، قۇلاقلىرىنى سوزغان بالىلارنىڭ بويلىرى مەندىن ئىگىز ئىدى. ئۇلار شۇنچە مۇلايىم، رايىش تۇراتتى ئالدىمدا.
شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇلارنى تۇلۇق كىلىدىغان ، دەرس ئىنتىزامىنى ساقلايدىغان، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان قىلدىم .  تەلىيىمگە ھىلىمۇ  ئۇ چاغلاردامەكتىۋىمىزدە 9-يىللىققا چىقسا تۇلۇقتا ئوقۇمايدىغان ئوقۇغۇچىلار كەسپىي سىنىپلارغا چىقىپ كىتەتتى. بولمىسا بۇ ئۇسولۇم ئۇزاققا  بارمايدىغانلىقىنى كىيىنچە ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم.
  دىمەك كىيىنكى قارار تۇتقان سىنىپلىرىمدا بۇ زالىملىقىمدىن قاتتىق ئىبرەت ئالدىم. مىنىڭمۇ ئۆيدە ھەقىيقى ئانا بولغىنىم  بالا تەربىيلەشتە ھەقىقى سەۋرىچانلىق، مىھرىبانلىق تەلەپ قىلىدىغىنىنى بىلدۈرگەن ئىدى.« ياغاچ قۇلاق »ئوقۇغۇچىلىرىمنىمۇ باشقىلار ئالدىدا قاتتىق تەنقىد قىلىشتىن ساقلىنىپ ، ئايرىم ئەپچىقىپ تەربىيە ئىشلەيدىغان بولدۇم، بۇنىڭ ئۈنىمى بۇرۇنقى تەربىيەمدىن ياخشى بولدى. ھەقىيقى مۇھەببەت بىلەن قىلىنغان تەربىيەنىڭ ئوقۇغۇچىنى تەسىرلەندۈردىغىنىنى ھازىر ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم.
«سىنىپ يىغىنى » بۇ  نامنى تۇنجى قىتىم ياقتۇرمىدىم. « يىغىن » دىيىلسە سەھنىدە بىرى سۆزلەۋاتقان، تۈۋەندە ئولتۇرغانلار شەرتسىز ئاڭلاۋاتقان بۇ شەكىل قانداقمۇ تەربىيلىگۈچى بىلەن تەربىيلەنگۈچىگە ماس كەلسۇن؟
ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈگىنىشكە، ئەخلاققا، ئادىمىيلىككە يىتەكلەش پۇرسىتىگە تولغان بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى دەرس سېتكىسىدا يىغىن دەپ ئاتىسا ئاتىۋەرسۇن مەن ئۇنى قاراتمىلىققا، خاسلىققا  ئىگە قىلاي.
تۇغرا ئۈگىنىش ئۇسولىنى بايقاش، ئىرادە تىكلەش سۆھبەت پائالىيىتى
_ سىلەر 2011-يىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىزنى پەخىرلەندۈرگەن پەخرىيەنى زىيارەت  قىلغان  پىروگىراممىلارنى  كۆردۈڭلارمۇ؟
_ كۆردۇق.
_ ئۇ تۇختىماي كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈگۈنىش قىلىدىكەن، ئاراممۇ ئالمايدىكەن شۇنداقمۇ؟_ ياق، ئۇ تىخى رۇمان  كىتابلارنى ئۇقۇيدىكەن.
_ ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىدىكەن.
_ مەكتەپلەردە ئىجتىمائى پائالىيەتلارگە قاتنىشىدىكەن.
_ ئۇنداقتا كىم ماڭا ئۇنىڭ ئۈگىنىش ئۇسولىنى سۆزلەپ بېرىدۇ؟
_ دەرس ۋاقتىدا پۈتۈن زېھنى بىلەن دەرس ئاڭلايدىكەن
_ تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەيدىكەن، ئىشلىيەلمىگىنىنى ئەتىسىلا مۇئەللىمدىن سوراپ بىلۋالمىغىچە بولدى قىلمايدىكەن.
_ ئەتىسى ئۈتۈلمەكچى بولغان دەرسلەرنى ئاخشىمى ئالدىن كۆرىدىكەن، ئەتىسى بۇ دەرس مۇئەلىم تەرەپىدىن ئۈتۈلگەندە ئۇبدان ئۆزلەشتۈرۋىلىشىغا پايدىسى بولىدىكەن .شۇ كۈنى ئاخشىمى تاپشۇرۇق ئىشلىگۈچە يەنە قايتىدىن كۆرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرس ئۈچ قىتىم تەكرارلىنىپ ئۇنىڭ بىلىمىگە ئايلىنىدىكەن _ تۇلۇقلىدىم مەن.
_كىملەردە پەخرىيەدىكى قايسى ئۈگىنىش ئادىتى بار ئىكەن؟
_...
_ ئەمدى سىلەردە ئۇنىڭدىكى قايسى ئۇسول يوق ئىكەن؟
_.....
  ئۇلار سەمىيمىلىك بىلەن ئۆزلىرىدە بار بولغان ئۈگىنىش ئۇسولى بىلەن يوق بولغانلىرىنى چۇۋۇرلىشىپ دىيىشكە باشلىدى.
_ مەندە بىر خىل ئادەت بار  كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر دەرس ئاڭلىسام كۆزىمنى ئۇقۇتقۇچىدىن يۈتكەپ باشقا ياققا قارساملا سۆزلەنگەن دەرسنى چۈشىنەلمەيمەن .سەۋەبى نىمىدۇ؟ سىلەردىمۇ شۇنداق ئىش بارمۇ؟
_ مۇئەللىمدىن باشقا ياققا قارىسا دىققىتى چىچىلىپ كىتىدۇ.
_ بىزدىمۇ بەزىدە شۇنداق ئەھۋال بار.
_ پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ ، مىللىتىمىزنىڭ پەخرىگە ئېرىشكەن پەخرىيەنىڭ ئۈگۈنىش ئۇسولى بىلەن بىز ئەمدى ئۆز ئەمىليىتىمىزدىكى ئۈگىنىش ئۇسولىمىزنى  بىرلەشتۈرۈپ ئەڭ تۇغرا ئۈگىنىش ئۇسولىنى يېزىپ باقايلى:1.
1.    پۈتۈن دىققىتى بىلەن دەرس ئاڭلاش، بۇنىڭ ئۈچۈن  كۆزنى ئۇقۇتقۇچىدىن يۈتكىمەسلىك.
2.    تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەش، بىلەلمىگەن جايلارنى دەل ۋاقتىدا سوراپ بىلۋىلىش.
3.    ئۈتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈش
.
_بىز تۇغرا بولغان ئۈگىنىش ئۇسولىنى تىپىۋالدۇق .سىلەر  ئەمدى بۇ ئۇسولدا ئۈگەنسەڭلارلا  ئۈگىنىش نەتىيجەڭلار ياخشى چىقىدۇ ، بىزگە  باشقا بىر ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ لازىمى يوق شۇنداقمۇ؟_بىزدە ئىزچىل تىرىشىش بولۇش كېرەك.
_ غەيرەت بولۇش كېرەك.
_....
_ مىنىڭ بۇرۇن بىللە ئۇقۇغان بىر ساۋاقدىشىم ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىدىكى دۇبەي شەھىرىدە خىزمەت قىلۋاتىدۇ. بىز ئوخشاش بىر سىنىپتا دەرس ئاڭلىغان ، بىللە تىرىشقان بىراق ئۇ ھازىر  چەتئەلدە. بۇ پەرىقنىڭ نىمىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىڭلار بارمۇ؟
ئۇلار ناھايىتى قىزىقتى.
_ ئۇ ساۋاقدىشىمنىڭ ئىسىمى ئايتىللا ئىدى. بىز 93-يىلى 9-يىللىققا چىققاندا ئۇ دالانكارىزدىن يۈتكىلىپ كەلگەن. ئۇ داۋاملىق « ئالىي مەكتەپسىز ھاياتىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن، مەن چۇقۇم تىرىشىپ ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرگە ئۈتمىسەم بولمايدۇ. ئۈتەلمىسەم تەكرار قىلىمەن، قاچان ئۈتكىچە... ئەگەر ئۈتەلمىسەم ئۈلۋالىمەن...» دەيتتى. بىز ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە ھەيران بۇلاتتۇق.بىز بولساق خىزمەتچى بولساق ياخشى بۇلاتتى دەپلا تىرىشقان ئىدۇق.
ئۇ چاغلاردا 8نى پۈتتۈرۈپلا تىخنىكوملارغا ئىمتىھان بېرىپ ئۈتۈشنى چوڭ بىلەتتۇق. ئۇ 1- يىلى ئۆزى ئارزو قىلغان ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرگە ئۈتەلمەي 8نى تەكرارقىلىپ ئىككىنچى يىلى ئۈتتى. ئۇيەرگە چىقىپلا ئىنگىلىز تىلى، ئەرەب تىلى ئۈگىنىپتۇ . ھەمدە چەتئەلگە چىقمىسام بولمايدۇ،دەپ بەكمۇ تىرىشىپتۇ.  مانا ھازىر ئۇ ئارزويىغا يىتىپ چەتئەلدە. ھازىر بەلكىم يەنە يىڭى نىشانى ئۈچۈن تىرىشۋاتقاندۇ . ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغاچ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. سىلەرچە بىزنىڭ پەرقىمىز نەدىكەن؟

ئۇلار بەس-بەستە سۆزلىشىپ كەتتى.
_ ئۇ بەكمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۈگىنىپتۇ.
_ نىشانى يۇقىرى ئىكەن.
_....
_ ئادەمدە توغرا ئۈگىنىش ئۇسولى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە قانداق نەرسە مۇھىمكەن؟

_ قەتئىي ئىرادە.
_ يۇقىرى نىشان.
_ جاھىللىق بىلەن تىرىشىش. جاھىللىق بىلەن ئۈگىنىش._ تۇلۇقلىما قىلدىم مەن.
  دۇسكىغا يۇقىرقى سۆزلەر چۈشۈرۈلدى ۋە ئالدىنقى سۆز بىلەن بۇ سۆزنى قۇشۇش بەلگىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تەڭلىك بەلگىسىنىڭ كەينىگە « مۇۋاپىقيەت»  دىگەن سۆزنى يازدىم.
_  سىلەر چۇقۇم بۇ فورمىلا بۇيىچە ئۈگەنسەڭلار، مەۋسۈم ئاخىرىدا نەتىيجەڭلار چۇقۇم ياخشى چىقىدۇ. مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن. ئۆزەڭلەرگە ئىشەنچەڭلار بارمۇ؟
ئۇلارنىڭ ئىشەنچ، ئىرادە ئىپادىلىنىپ تۇرغان ئاۋازى سىنىپنى بىر ئالدى.ئۇلارغا كىيىنكى قىتىملىق سىنىپ يىغىنىغىچە ئورۇنداپ كىلىدىغان تۈۋەندىكىدەك تاپشۇرۇق بېرىلدى.
1.    سىز نىڭ مەكتەپتە ئوقۇشتىكى غايىڭىز نىمە؟ كىيىن نىمە بولماقچى؟
2.    كۈندىلىك ئۈگىنىش ۋاقتىڭىزنى پىلانلاڭ.
ئاخىرىدا بىر ئىككى ھەپتە ئۈتكىچە ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا تۇنۇشۇپ ئۆزلىرىگە ئەڭ لايىق كەلگەن سىنىپ ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، سايلاپ چىققان ھەيئەتلەرنى ئاستا_ ئاستا يىتەكلەپ پىشىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈڭلۈمگە پۈكۈپ 5مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىتلىق سىنىپ باشلىقىنى تۇرغۇزۇپ ، سىنىپنىڭ تازلىق، ئىنتىزام قاتارلىق كۈنكىرىت تۈزۈگەن سىنىپ تۈزۈمىمنى ئۇقۇپ ئۈتتۈم.ھەمدە بۇ تۈزۈمگە قەتئىي بويسۇنىش كېرەكلىكىنى، ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرۇدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇپ بەردىم.
     كۈڭلۈمدە ئالا- چىپار خىياللار :
  نەزىريە ئاساس قىلىنغان تەربىيە بىلەن ئۈلگە ئاساسىدىكى تەربىيەدىن زادى قايسىسى كۈچلۈك؟
«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا »، « مىڭ ئېغىز سۆزدىن بىر ھېس قىلدۇرۇش ئارتۇق»
  ھەممە مەسئولىيەت مائارىپقا ،مائارىپتا سىنىپ مەسئولىغا يۈكلەنگەن بۇ ۋەزىيەتتە ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچى بىلەن ئىش كۆرمەكنىڭ تەسلىكى؟
ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئۈگىنىش يۇلىنى كۆرسىتىپ بەردىم، ئۇلار تىخى كىچىك.ئۇلارنىڭ قۇلىدىن يىتلەپ راۋۇرۇس مىڭۋالغۇچە،  بۇ ئۇسولنى ئادىتىگە ئايلاندۇرغىچە ئۇلارنىڭ ئىزچىللىقىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىم كېرەك.بەلكىم بۇ يىتەكچىلىك قىلىشىم بىر يىل بۇلار، ياكى 3يىل...
ھازىرجەمىيىتىمىزدە نىمە كۆپ ، تۈزۈم كۆپ لىكىن ئۇنى ئەمىللەشتۈرۈشكە سەل قارالغاچ يەنىلا  تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىش ئەركىن لاغايلاپ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا پۇتلاشماقتا... سىنىپنىڭ تۈزىمىنى ئورناتقان ئىكەنمەن ئۇلارنىڭ دائىملىق ھەركىتىگە ئايلانغۇچە نازارەت قىلىشىم كېرەك.
بىر پىداگوك« سىنىپ مەسئولىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇ تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىسىدىن كۆر » دەپتىكەن.
   ئەگەر سىنىپ مەسئولى بىپەرۋا،مەسئولىيەتسىز بولۇپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلىرىغا تىرىش ، ئۈگىنىش نىشانىنى تىكلەپ بېرەلمىسە كەلگۈسىدىكى بىر تۈركۈم ھورۇن ، بىكار تەلەپلەرنى يىتىشتۈرگەن بولىدۇ.
ئەگەر سىنىپ مەسئولى 10 يىلدىن كىيىنكى تەرەققىياتنى ئالدىن كۆرۈپ ، ئوقۇغۇچىلىرىغا كەلگۈسىدىن ئۇچۇر بېرەلمىسە، ھازىرنىلا كۆرسە ، بىر تۈركۈم زامانغا ماسلىشالماي قالىدىغان بىچارە ئەۋلاتلار  كىلىپ چىقىدۇ.
ئەگەر سىنىپ مەسئولى سىنىپىنىڭ ئىمتىھان نەتىيجىسى بىلەنلا بولۇپ كىتىپ ، ئەخلاق تەربىيىسگە سەل قارىسا، بىلىملىك ئەخلاقسىزلار يىتىشىپ چىقىدۇ.
ئەگەر سىنىپ مەسئولى مىللى مەدىنيەت، مىللى خاسلىققا ئىگە بولغان ۋاپادارلىق، كەڭ قۇرساقلىق ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى باشقىلاغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق تۇنۇشتەك پەزىلەتلەرنى يىتىشتۈرۈشكە سەل قارىسا ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى  شەخسىيەتچى، ئۆزىنى يادرو قىلىدىغان بىشەم ۋاپاسىزلاردىن بولۇپ چىقىدۇ.
ئەگەر....
بۇ نۇرغۇن ئەگەرلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك.  مەن ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىدىن ، خارەكتىرىدىن ئۆزەمنى كۆرۈشۈم كېرەك.
سىنىپ مەسئولى _ئۇ ئۇڭىدىلا ئەمەس، چۈشىدىمۇ  ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە يۈرگۈچى.ئئ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن پەرۋانە بولغۇچى. ئۇ بۇ مەسئولىيەتنىڭ جاپاسىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى.
سىنىپ مەسئولى _ ئۇ خۇشاللىقىنى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىيجىلىرىدىن، ئەخلاقىدىن ئىزدىگۈچى.
سىنىپ مەسئولى _ئۇ...

koksangun 2012-06-25 17:48
گۈلخاننامىنىڭ 2 - قىسىمى ۋۇجۇدقا كەپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !

danix 2012-06-25 18:52
      پاھ ، گۈلخان ئاچقان سىنىپ يىغىنى ياق سۆھبەت پائاليىتىنى قاراڭ ! ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىيىتىگە ئاجايىپ ماس كېلىدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ
ئۆمرۈگە يەتكۈدەك پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغان
بىر قېتىملىق ئېسىل تەربىيە پائاليىتىكەنغۇ !
      بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سىنىپنىڭ ئىشىكىدىن بېشىنى تىقىپ << ھە
ھازىر سىنىپ يىغىنى ، بۇ ھەپتىدە كىم كېچىتتى ، كىم كېلەلمىدى ؟ شۇ كېچىككەن ، كېلەلمەي قالغان  ئوقۇغۇچىلار تازىلىق قىلىۋىتىپ قايتىڭلار >> دەپلا سىنىپ يىغىنىنى تۈگىتىدۇ . شۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ياكى سىنىپ يىغىنىنى بىر قېلىپقا سېلىۋالغان ئوقۇتقۇچىلار گۈلخاننىڭ يۇقارقى سۆھبەت پائليىتىدىن
ئوبدان ئۈلگە ئېلىپ پايدىلىنىپ ، مەنپەئەتلەنگەي !

ak gul 2012-06-25 20:14
مۇشۇنداق ئېچىلغان سىنىپ يىغىنلىرىلا ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك بولغان بولىدۇ.سىزنىڭ بۇ يازمىلىرىڭىزدىن سىزنىڭ ھەقىقىي بىر مۇنەۋۋەر،يۈرىكى سەبىيلەر ئۈچۈن ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان بىر مۇئەللىمەنىڭ سىماسىنى كۆردۈم،مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك يازمىلىرىڭىزنى كۈتىمىز.

gulhan 2012-06-27 21:56
ئاددىي يازمامنى ئېرىنمەي كۆرۈپ ماڭا مەدەت بەرگەن كۆكسانغۇن، دانىش، ئاق گۈللەرگە كۆپ تەشەككۈر.
ئىلھامىڭلار مىنى يىتەكلىمەكتە...

akbarmuallim 2012-06-28 11:54
ياخشى بوپتۇ ،ئۇزىڭىزنىڭ گۇلخانلىقنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپسىز .
گۇلخان ئۇچۇپ قالمىسۇن ،مەڭگۇ چاراسلاپ كۇيۇپ يۇرۇقلۇق تارقىتپ ئەتىراپنى
يۇرۇتۇپ يولدىن ئاداشقان ۋە يول تاپالمىغانلارغا توغرا يۇلىنىشلەرنى كۆرسىتىپ بەرسۇن . ئەجىرىڭىزگە رەھمەت .

ozqan 2012-06-29 20:46
گۈلخان : گۈلخاننامىنىڭ 2-سىنىڭ شۇنداق ياخشى چىققانلىقىدىن بەكلا سۆيۈندۈم .
سىز بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماي ، بالىلارنى چىن كۆڭلۈڭىزدىن ياخشى كۆرىدىغان مەسئۇلىيەتچان ، پائالىيەتچان بىر سىنىپ مۇدىرىكەنسىز ...
سىزنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىن خاتىرىڭىزنى سىنپىتا بىر قېتىم قوللىنىشنى پىلان قىلدىم .
«گۈلخاننامە' نىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ، ياخشى تەجىربە -ساۋاقلىرىڭىز بىلەن مۇنبەردىكى سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭمۇ ئىلھامىنى قوزغاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .ھارمىغايسىز ...

tawpek 2012-06-30 17:50
سىنىپ مۇدىرلىق ھاياتىمىزنى ئەسلەتتىڭىز.

تۇنجى سىنىپ ئىلىپلا (خىزمەتكە چىقىپلا)  پاراللىل 8 سىنىپ ئىچىدە 2 يىل بىرىنجىلىكنى ھەرقايسى جەھەتلەردە قولدىنبەرمەي كەلگەن بولساممۇ 3- يىللىققا چىققاندا تولوقسىزدىن كەسپى سىنىپ ئىچىش سىياسىتى كىلىپ سىنىپىمنى چىچىۋىتىپ 8 سىنىپنىڭ ساۋاتسىز، داردىن قاچقانلىرىنىڭ ھەممىنى بىر سىنىپ قىلىپ يىغىپ بەرگەن ئىدى. شۇلارنى تەجرىبە ئىتىزى قىلىپ ھەپتىدە ئوقويدىغان 2 كۈندىمۇ تازا يىتەكلەپ بىر مۆجىزە يارتاي دەپ تىرىشىپ ماۋسۇم ئاخىردىكى ئىمتاھاندا مۇدىر ماۋسۇملاپ ئەكەتكەن 15 ئوقوغۇچىغا سىنىپنىڭ ئورتاق نومورىنى قىتىپ بەرسە يەنە بىرىنجى بولىدىغىننى ئويلاپ سۇنغان تەلىۋىم ئۈچۈن قىزارشىپ كىيىنكى ماۋسۇم مائاشىمنى بىر دەرىجە نەتىجەڭ ئاخىردا چىقتى دەپ چۈشۈرۋەتكەنتى.

كىيىنكى يىلىلا   3- يىللىقتىن قوشتىل ئىچكىرى تولوققا ئىمتاھان بىرىدىغان بىر سىنىپنى بۇزۇلغان سىنىپ قاتارىدا سىنىپ مۇدىرىنى بار تۇرسىمۇ ئىلىۋىتىپ ياخشى گەپلەر بىلەن بەرگەنتى. مەن دەرىس بەرمىسەممۇ بىرمۇ ئوقوغۇچى ئىمتاھانغا قاتناشمىغان بولسىمۇ يەنىلا ئىمتاھاندىن بالا ئۆتمىگەن دەپ مەندىن جەرىمانە ئالدى.

خىزمەتتە ياخشى گەپنى، باشلىقلارنىڭ ۋاي ئۇكام دىيىشلىرىنى قايرىپ قويوپ پىرىنسىپتا قەتئى چىڭ تۇرۇپ زىياننى ئازايتىش كىرەككەن.

قىلالىغاندىكىن دەپ قىلىۋىرىش ئاخىردا بىزنى يۇزسىز باشلىقلارنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرىدىكەن.

gulhan 2012-06-30 22:32
تەۋپىق، مەكتىۋىڭىلاردا نىمانداق يەرلىك سىياسەتلەر كۆپ. قىزغىن ئىشلەۋاتقىنىڭىزدا  ئادەم بەزىدە شۇنداق سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىدە<< ۋاي بولدىلا...>>دەپ قالىسىز....  بولمىسا  سىنىپ مەسئولىنىڭ ھۇزورى بەك ياخشى جۇمۇ.  ئوقۇغۇچىلار سىزنى << بىزنىڭ مۇئەللىم>>  دەپ چاقىرۋاتقان.  دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى  ھەرگىز ئۇنداق دىمەيدۇ جۇمۇ.

    

tursun 2012-07-01 13:24
يىتەكلەش رولى كۇچلۇك، مەزمۇنلۇق،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى «گۇلخاننامە»
بولۇپتۇ،گۇلخاننىڭ ئەجرىگە بارىكاللا!     

tawpek 2012-07-01 13:51
ئىش خوشياقمايدىغانلار قىلىۋاتقانلارنى شاڭخۇ قىلىپ شۇلارنىڭ تاماشاسىنى كۆرىدىغان بىر زامانلار بوپ كىتىۋاتىدىغۇ تاڭ.

سىنىپ يوق دەرىسكە كىرىپ چىقىپ بالىلارنىڭ چانىشىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ بەرسىڭىزلا سىزدە ھىچقانداق سەۋەنلىك كۆرۆلمەي ھەممە باھالاشلاردىن يۇقماي ئۆتۆپ كىتىسىزكەن.

لىكىن سىنىپ مۇدىرى بولدۇم دەپ سىنىپىڭىزدىكى بالىلاردىن بىرەرى ئۇرۇشۇپ ياكى بىرەر ئاتا-ئانا ئۈستىڭىزدىن بىر قىتىم داتلاپ سالدىمۇ بولدى سىز بىر يىلغىچە باش كۆتۆرەلمەي ھەتتا ياغلىق قاپاق ياغلىق بولوپ قىلىۋىردىغان گەپ.

gulhan 2012-07-02 00:27
ھەي، قاچانغىچە رايونلارنىڭ مائارىپ تۈزۈملىرىدىكى تەكشىسىزلىك تۈزىلەر تەۋپىق.
  سىلەردىكى ئۇ تۈزۈملەر ئىچىدە قىينىلىپ ئىشلەۋاتقان شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ھەقىقەتەن يۈرەك ئىچىشىدۇ.

بىزدە سىنىپ مەسئولى بولغانلارنىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىرى ئوڭ.  ئەگەر سىنىپىڭىز يىلللىقلار ئارا 1- بولسا سىزمۇ خىزمەتتە 1- بولىسىز.
  ئاتا-ئانا قاقشاپ كەلسىمۇ ئۇنچە قورقۇپ كەتمەيمىز، شۇ بالىنى قاتتىق ئۇرۋىتىدىغان ئىش بولمىسىلا.   بىزمۇ شۇ بالىلارنىڭ ياخشى ئادەم بولىشى ئۈچۈن كۈچەۋاتىمىزغۇ....
بىز پەقەت كەسپىي مەسئولىيەت بويىچە تىرىشىپ ئىشلىسەكلا ئۈنىمىمۇ ياخشى. بىراق سىنىپ مۇدۇرلۇق پۇلىمۇ سىلەرنىڭكىدەك ئاز. لىكىن سىنىپ مۇدىرى باشنى كۈتۈرۈپ نوچى يۈرەلەيدۇ.چۇنكى ئۇ ئېغىر ئىشلەۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.

بىزنىڭ مۇدىرلارغا، ناھىيلىك، ۋىلايەتلىك مائارىپ باشلىقلىرىغا ئىنساپ تىلەپ تۇرساق بولغۇدەك، بولمىسا مەكتىۋىڭىلاردىكى  << ئىسىل تۈزۈملەر>> كىلىپ قالسا بىز قانداقمۇ قىلارمىز...

ھەي......بۇنداق ئىشلارغا ھەسرەت چەكمەي ئامال يوقمىدۇ؟
         


查看完整版本: [-- گۈلخاننامە 2 --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.140188 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us