查看完整版本: [-- مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ (2 ) (دانىش ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ (2 ) (دانىش ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-06-25 14:39
مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ (2 ) (دانىش )
   مۇدىر ، سىز يېڭى مۇدىر بولغان چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيى دەيدىغان بىر يىغىنىمىز بار ئىدى . بۇ يىغىن ئارقىلىق مەكتەپ تۈزۈملىرى تېخىمۇ مۇكەممەلىشەتتى ، ئومۇمدىن چۈشكەن پىكىرلەر مۇزاكىرە قىلىناتتى ، پىكىرلەرنىڭ مۇۋاپىقلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا چارە –تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلاتتى . ئىش قىلىپ مەكتەپنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش شۇ يىغىندا قارارلاشتۇرىلاتتى .

      بەلكىم سىز << ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيىدىن ئىبارەت بۇ يىغىننى ئېچىش ئاۋارىچىلىق ، مەكتەپكە تۈزۈم ۋە چارە- تەدبىر لازىم بولسا ، بىرەر مەكتەپكە تەجىربە ئالماشتۇرۇشقا بېرىپ ، شۇ مەكتەپنىڭ تۈزۈم ۋە چارە – تەدبىرلىرىنى ئەكەلسەكلا بولىدىكەنغۇ >> دەپ ئويلىغان بولسىڭىز كېرەك . ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيىدىن ئىبارەت بۇ يىغىننى خېلى ۋاقلار بولدى ئاچماس بولۇپ ، بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئاجايىپ تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىدىڭىز . بولۇپمۇ يوقلىما تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەھەتتە ئاجايىپ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز :

ئەسلى يىللىق مەسئۇلى تەرىپىدىن ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى خىزمەتكە چۈشكەندە بىر قېتىم قىلىنىدىغان يوقلىما سىز مۇدىر بولۇپ ئىككىنچى يىلى ھەر كۈنى تۆت قېتىم ( ئەتىسى ئەتىگەندە ، چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىققاندا ، چۈشتىن كېيىن خىزمەتكە چۈشكەندە ، چۈشتىن كېيىن خىزمەتتىن چۈشكەندە )يوقلىما قىلىشقا ئۆزگەردى . يىللىق مەسئۇلى يېقىنلىرىنىڭ كېچىككەن ، بالدۇر قايتقانلىرىنى خاتىرلىمەي قالارمىكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن ، بەزىدە بەزىلەرنىڭ بار يوقلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تېلىفوندا چاقىرىپمۇ باقتىڭىز . يەنىلا گۇمانىڭىز تۈگىمەي ، ئاجايىپ ئەقلىڭىزنى بىر ئىشلەتتىڭىز – دە ،  يۈز قارىمايدىغانغا يەنىلا ھېسىياتسىز ماشىنا – ئۈسكىنە ياخشى دېگەن ئەقىلگە كېلىپ ، خېلى پۇل خەجلەپ ، كا سۈركەپ يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان ئۈسكىنە ئورناتتىڭىز . سىز ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىدىڭىز ، لېكىن ، كۆپنىڭ ئەقلى يەنىلا سىزدىن ئارتۇق كەلدى . بەزىلەر كېچىكىپ قالماقچى ياكى بالدۇر قايتماقچى بولسا ، كاسىنى يېقىن ئۆتىدىغان بىرەرىگە بېرىپ قويىدىغان ، ئۇ كىشىنىڭ يېقىنى ئۆزىنىڭ كاسىنى يوقلىما ئۈسكىنىسىگە سۈركىگەندە ھېلىقى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ كاسىنىمۇ باشقىلارغا تۇيغۇزماي سۈركەپ قويىدىغان بولىۋالدى . سىز بۇنى ئوڭشاشقا يەنى بىر ئەقىل ئىشلىتىپ ، بارماق تەككۈزۈپ يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان ئۈسكىنىنى ئورناتتىڭىز . بۇ ناھايىتى بولىدىغان ئەقىل بولۇپ ، كانى << سۈركەپ قوي >> دەپ يېقىنلىرىمىزغا بېرىپ قويغىلى بولغان بىلەن ، بارماقنى << سۈركەپ قوي >> دەپ بېرىپ قويغىلى بولمايدىكەن . بۇ ئەقلىڭىز بىر مەزگىل كارغا كەلگەندىن كېيىن ، يوقلىمىغا نارازى بولغانلارنىڭ بارمىقىنى ھېلىقى ئۈسكىنىگە تازا كۈچەپ بېسىشىدىن بولسا كېرەك ھېلىقى ئۈسكىنە بىر ئايدىن كېيىنلا كاردىن چىقتى . سىز يەنى بىر         << ئەساقپىرلا >> دېدىڭىز – دە ، پۇل خەجلەشتە يەنى بىر غەيرەت قىلىپ ، كۈزىتىش ئۈسكىنىسى ئورناتتىڭىز . بۇ خېلى رولى بار ئۈسكىنە بولسىمۇ ، ئوقۇتقۇچىلارنى شۇ <<كۈزۈتۈش كۆزنىكىگە قاراپ ماڭ !>> دەپلا تۇرغىلى بولمىغاندىكىن ، بەزى كېچىكىپ قالغان ، بالدۇر قايتقانلارنى تازا ئېنىق بىلگىلى بولماي قالدى .

ھەر نېمە دېگەن بىلەن مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز نەتىجىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ << خىزمەت سىجىللىقى >> ناھايىتى ياخشى بولدى . لېكىن ، ئەۋەللەردە ئائىلىسىگە قايتىشقا ئالدىرىماي ، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن شەخسىي سۆبەتلەرنى قىلىۋالىدىغان ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس تەكرارلاپ بېرىدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنى كەشپىيات ، ئىجادىيەتلەرگە يېتەكلەپ ، ئۇلارنىڭ كەشپىيات ، ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىپ ، كۈنلەر ئولتۇرۇپ كەتكەنلەردە ئائىلىسىگە قايتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتتىن چۈشۈشكە << كېچىكىپ قالماسلىق >> ئۈچۈن يۇقارقى ئىشلىرىنى تاشلاپ ، كۈزۈتۈش ئۈسكىنىسىنىڭ يېنىغا يۈگرەيدىغان بولدى . سىزنىڭ ئەسلى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىڭىز يوقلىما ئىدى . سىز مۇئاۋىن مۇدىر بولۇشتىن ئىلگىرىلا << مېنى كېچىكتى دېسەڭلار دەڭلار . مەن يوقلىمىنى دەپ  مۇھىم ئىشلىرىمنى تاشلاپ قويالمايمەن >> دېگەنتىڭىز ھەم يوقلىما بىلەن پەرۋايىڭىز پەلەك يۈرگەنتىڭىز . مۇئاۋىن مۇدىر بولغاندىن كېيىن يوقلىمىغىمۇ خېلى تولۇق قاتنىشىدىغان بولدىڭىز . مۇدىر بولۇپ ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە << پېرىڭ بولغان ئېرىڭ   بولۇر >> دېگەندەك ، سىز ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان يوقلىما قىلىش ئىشى سىز ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىدىغان ئىشقا ئايلاندى .

ئەسلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقلىنىش نىسبىتى يۇقۇرى بولۇپ كېلىۋاتقان مەكتەپتە ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىش كۆرىدىغان سائەت – سائەت ۋاقىتلىرى يوقلىمىدىن ئۆتۈشنى ساقلاشقا سەرپ قىلىنغانلىقتىن بولسا كېرەك ئەمدىلىكتە مەكتەپتىن چۈشۈپ قالغان ئوقۇغۇچى كۆپ بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى .

مەكتەپتە كۈزۈتۈش ئۈسكىنىسىدىن ئۆتۈشتىن باشقا ، يىللىق مەسئۇلىنىڭ يوقلىمىسى ، پەن گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ يوقلىمىسى ، بايراق چىقىرىش يوقلىمىسى ، سىياسى ئۆگىش يوقلىمىسى ، ئىككى گىمناستىكا يوقلىمىسى ، ئاپتاپ تەنتەربىيىسى يوقلىمىسى ، پائاليەتلەردىن كېيىنكى يوقلىما ، سىنىپ باشلىقىنىڭ يوقلىمىسى ... قاتارلىق يوقلىمىلار يولغا قويۇلغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىياسى ئۆگىنىش يوقلىمىسى دەھشەت مۇھىم يوقلىما ھېساپلىنىدۇ . سىياسى ئۆگىنىش يوقلىمىسىدىكى بىر قارا چېكىت سىزنىڭ پۈتۈن بىر مەۋسۈملۈك خىزمىتىڭىزنى بىر تىيىنغا تەڭ قىلىۋىتەلەيدۇ . شۇڭا سىياسى ئۆگىنىش يوقلىمىسىغا مەۋسۈم بېشىدا بىر قارا چېكىت چېكىلىپ قالغان ئوقۇتقۇچى << مەن ئەمدى تۈگەشتىم >> دەپ قاراپ ، ئاكىتىپلىقىنى يوقىتىدۇ . قالغان يۇقلىمىلار گەرچە سىياسى ئۆگىنىش يوقلىمىسىغا يەتمىسىمۇ ، نەچچە يۈز تۈشۈكتىن قىسىلىپ تارتىپ ئۆتۈش جەريانىدا خوراپ ، قولىڭىزغا ئاران كەلگەن مائاشىڭىزنى يەنىمۇ خورىتالايدۇ . بۇ يوقلىمىلار << بار >> دېگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ جىسمىنىڭ بارلىقىغا ئىسپات بولالايدۇ ، ئەمما شۇ << بار >> دېگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ روھىنىڭ بارلىقىنى بىر نەرسە دېمەك قېيىن . ئەۋەللەردە بىرەر ئوقۇغۇچىمىز ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىگە كېلەلمىگەن بولسا  ، شۇ ھامانلا شۇ ئوقۇغۇچىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، ئۇ ئوقۇغۇچىمىزنى بىر ئاماللارنى قىلىپ دەرسكە ئۈلگۈرۈتىپ ئەكىلىۋالاتتۇق  . ھازىر ئۇنداق قىلىشقا ماڭىدىغان بولساق ، كۈزۈتۈش كۆزنىكى بىزنى خىزمەتتىن بالدۇر قايتتى دەپ خاتىرلىۋالىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىسىنىڭ كېلىشىنى ساقلاشقا مەجىبۇر بولىدىغان ، تولا بولمىغاندا تېلىفون قىلىدىغان ، تېلىفونى ئېلىنماي قالسا ،  << ۋاي بولدىلا >> دەپ ، دەرستىن چۈشكەندە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خوشنىسى بولغان بىرەر ئوقۇغۇچىسىغا ئەتە شۇ ئوقۇغۇچىسىنى ئالغاچ كېلىشنى تاپشۇرىدىغان بولۇپ قالدى.

مۇدىر ، سىز مۇدىر بولغان دەسلەپكى يىلى خىزمەتتە كېچىكىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئايرىم ، دوستانە ، قىسقا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىقلا ، ئۇلاردىكى كېچىكىشنى سەللىمازا تۈگىتىۋەتكەن ئىدىڭىز . سىز بىلىسىز مەكتىپىمىزدە خىزمەتكە كېچىكىدىغان ، بالدۇر قايتىدىغان بىر قانچىلا ئوقۇتقۇچى بار ، سىز بۇرۇنقى چارىڭىز بىلەن ئۇلارنى تامامەن ئوڭشاپ كېتالايسىز . ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسىڭىز ، كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىش كۆرۈۋىلىش پۇرسىتى چىقاتتى . مۇدىر ، سىزنىڭ بۇرۇنقى يوقلىمىغا ئۆچ خاراكتىرىڭىزنى سېغىنىپ قالدۇق . يوقلىمىنىڭ ئورنىغا بۇرۇنقى ئۈنىملىك چارە – تەدبىرلىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز .


tursun 2012-06-25 15:41
1-)مەكتەپ مۇدىرىدا باشقىلارنى قايىل قىلالايدىغان كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسى،
ئەخلاق ساپاسى ھەم رەھبەرلىك ساپاسى،شۇنداقلا يىڭىلىق يارىتىش،مۇستەقىل
پىلانلاش،ئەمەلىيەتكە چۇڭقۇر چوكىدىغان ئىزدىنىشچانلىق بولغاندىلا،مۇدىرنىڭ
ئىناۋىتى تىكلىنىدۇ،يوقلىما قىتىم سانىنى كوپەيتىش قابىلىيەتسىزلىكنىڭ بىشارىتىدۇر.
2-)ئىسلاھات روھىيغا باي،ئۇچۇر ئىگەللەشكە ماھىر،ئىلمىي يىتەكلەشكە سەزگۇر
بولۇش كىرەك.
3-)مائارىپ،ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە تەتقىقاتىغا كوڭۇل بولىدىغان،ھەم ئوزىمۇ بۇ ساھەدە داۋاملىق ئىزدىنىپ،ئاممىغا باشلامچى بولالايدىغان مۇھىت ھازىرلىغان
بولۇش زورۇردۇر.
4-)پىشقەدەملەرنى ئۇستاز تۇتىدىغان،ئىقدىدارلىقلارنىڭ ئەقىل بايلىقىدىن
پايدىلىنالايدىغان،ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى ئىجادىيلىققا ئىگە قىلالايدىغان،
بىلىم بايلىقى ۋە ئىقتىدارلىقلار ئامبىرىغا ھورمەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ مەكتەپ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىغا سەل قارىمايدىغان بولۇش كىرەك.
5-)مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھەپتىدە بىر كۇن مەخسۇس ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر
بىلەن سوھبەتلىشىش كۇنى بولۇش كىرەك،بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ياخشى تەكلىپ پىكىرلىرىنى توپلاپ،مەكتەپنى تىخمۇ ئىلمىي باشقۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بىرىنچى
قول ماتىريالغا ئىگە بولالايدۇ.
6-)مەكتەپ باشقۇرۇش قائىيدە-قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ بولمىغان ئەھۋالدا، مەكتەپ خىزمەتلىرىنى ئامما بىلەن بار مەسلىھەت يولغا قويۇش كىرەك.ئوزىنىڭ
پىكىرىنى باشقىلارغا زورلاپ تىڭىش خىزمەت جەريانىدا پاسسىپ ئامىللارنى
كوپەيتىۋىتىدۇ..........
7-) ئوچۇق مەكتەپ باشقۇرۇش تۇزۇمىنى ئورنىتىپ،ئاتا-ئانىلارنى كۇتۇۋىلىش كۇنى،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىختىيارى دەرس ئاڭلاش كۇنى تەسىس قىلىش كىرەك.

gulhan 2012-06-25 15:53
  بۇ سەمىمى تىلەكلىرىڭىز شۇ مۇدىرلارنىڭ قۇلىقىغا بارسا  نەقەدەر  ياخشى بۇلاتتى_ ھە!
  دانىش مۇئەللىم ، سىزنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن يۈرمەي مۇدىرغا يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى دىيىشىڭىزدىنىلا  مەسئولىيەتچان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىزنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ.    

gulnar 2012-06-25 19:18
دانىش مۇئەللىم يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى  شۇنچىلىك ياخشى ئوتتۇرغا قويۇپسىز .شۇ مۇدىرلارنىڭ تەر ئارىلاپ بۇ ياخشى تەكلىپلەرنى كۆرۈشكە ۋاقتى چىقارمۇ؟

ozqan 2012-06-29 21:28
يوقلىما ، يوقلىما ... بۇ سۆزنى ئوقۇۋېتىپمۇ ھېرىپ كەتتىم ...
بۇ سۆزنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك ھارغۇزىدىغانلىقى ھەر بىرىمىزگە ئېنىق ...
ئەسلى يوقلىما قىلىش خىزمەت سىجىللىقى پەقەتلا بولمىغان دەرسنى ئۆتۈپلا قويۇپ ، تاپشۇرۇقمۇ تەكشۈرمەي ، ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ سۆزلەشمەي ، سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرماي ، دەرس پىلانى ، دېتالى دېگەنلەرنىغۇ بىرەر قېتىم ئېسىگە سېلىپمۇ قويمايدىغان بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى .
ئەمما بۇ چەكتىن بەكلا ئېشىپ كەتسە ، شۇنداقلا ، يەنە شۇنداق پۇرسەتپەرەسلەر خىلمۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن كۆزنى بوياپ ، يەنە بىر قىسىم ئەسلىدىلا پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپسە نورمالسىزلىقتۇر ...
ئەڭ مۇھىمى خىزمەت ئازادىلىكى ، قىزغىنلىقى ، بېغىشلاش روھىنى ئاڭلىق يوسۇندا قولغا كەلتۈرۈش ئەڭ مۇھىم ....

tawpek 2012-06-30 17:19
بىزنىڭ مۇدىرنى يىزىپسىز مانا، يوقلام ئۇسۇلى ۋە سانىمىز ئوپمۇ ئوخشاشكەن.

مەندىنغۇ ماۋسۇم ماۋسۇملاپ مەشخۇلىيەتتە ئاساسەن پۇل تۇتىلمايدۇ، قۇلاق يۇمشاق ئەمەسمۇ.

لىكىن بەزىبىر مۇدىر تۈگۈل ئادەتتىكى بىر ئىشخانا خادىملىرىنىڭ يىقىنلىرى پۈتۈن كۈن بولمىسىمۇ يوقلىمى پاكىز.شۇنىڭ بىلەن خوشامەت گۈللەنمەكتە.

بەزىسىدە ئاي ئاخىردا كوجىغا يوللايدىغاندا باشلىقلار ئاۋۇنىڭ قىلمىشىنى ئۆچۆرىمىز دىسە مانىڭكىنىمۇ ئۆچۆرىمىز دەپ ئۇرشۇپ قالسا بىزگە تاماشا.
شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى بىر ماۋسۇم مەشخۇلىيەتتىن پەقەت پۇل تۇتۇلمىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مائاش جەدۋىلىدىكى ساختىلىقنى يەنى پۇل تۇتتۇق دەپ تۇتىدىغانلاردىن تۇتۇپ تۇتمايدىغانلاردىن تۇتمايدىغان، يىغىندا باھالىغان بىلەن مائاش جەدۋىلى يۇزىدە باھالىغان ئوخشىمايدىغان ئىشلار چىققاندىن كىيىن رەسمى مائاش جەدۋىلىنى چاپلاشنى ئوقوتقۇچىلار تەلەپ قىلىپ غوجاملار كۆرسىتەلمەي دىگەندەك تاماششالار قوينىدا .............................

ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يوقلىمىغا ئامراق مۇدىرلار تەكشۈرۈش كىلىدىكەن دىمىسە مەكتەپكە كەلمەيدۇ ئەمەسمۇ.  يەنىلا ئىلمى ، ئۆز خىزمىتى بىلەنلە بولىدىغانلارنى يوقلام قىلىپ سۈرۈشتە قىلىدىغانلارنى ئۆچۆرۆپ ماڭىدۇ.

بولمىسا ئىدارىگە تىلفۇن قىلىپ مۇدىرىمىز مەكتەپكە كەلمىگىلى مانچە كۈن بولدى ئەنسىرەپ قالدۇق يىغىن بارمىدى دەپ سورايدىغانلارمۇ چىقىدىكەن.


查看完整版本: [-- مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ (2 ) (دانىش ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.195111 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us